ئەنگىليە باش مىنىستىرى داۋىد كامىروننىڭ 2014-يىللىدىكى رامىزانلىق تەبرىكنامىسى.
ئايشەمگۇل نۇرەمەت تەرجىمىسى
مەن بۇ يىلقى رامىزاننى كۈتۈۋاتقان ھەر بىرىڭلارغا چىن كۈڭلۈمدىن ئالى تىلەكلەر تىلەيمەن. رامىزان ئىيى دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى ھەر قانداق بىر مۇسۇلمان ئۈچۈن بىر يىل ئىچىدىكى ئەڭ قىممەتلىك كۈنلەردۈر. بۇ ئاي مۇسۇلمان ئاممىسى ئۈچۈن ئۆشرە-زاكات بىرىدىغان، ھاياتى ئۈچۈن چوڭقۇر ئويلىنىدىغان، ۋە قىرىنداشلىقنى چىڭىتىدىغان ۋاقىتتۇر. بىرىنجى قىلىپ ئۆشرە-زاكات بىرىشكە كەلسەك، بۇ ئىسلامدىكى ئەڭ مۇھىم ئىشلاردىن بىرى. بىرتانىيىدە، مۇسۇلمانلار ھەر سەۋەپ بىلەن يىغىلدىغان ئىئانىلەرنىڭ ئەڭ ئالدىدا بولۇپ، ھەر قانداق بىر دىنىي-ئىتىقادقا تەۋە ئاممىدىن كۆپ ئۆشرې-زاكات، سىلە- رېھىم قىلىدۇ. (ئەسكەرتىش، ئەنگىلىيىدىكى مۇسۇلمانلارنىڭ نوپۇسى ئومۇمى نوپۇسنىڭ ئاران 3-4 % نى، خىرىستىيانلار 50-55%، قالغىنى دىنسىزلار ۋە باشقا دىندىكىلەر ئىگەللەيدىكەن. 2011.يىللىق سىتاتىستىكىدىن ئىلىندى)
بىز مۇسۇلمانلاردىكى بۇنداق ئۆزىدىن باشقىلارغا ياردەم قىلىشتەك ئىسىل روھنى مەسجىدلەر تەرپىدىن ھەر يىلى مۇسۇلمان بالىلارغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان كۆپ خىل تەنتەربىيە پالىيەتلىرىدىن، ھەمدە دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى رامىزان كۇنلىرىدە، شۇنداقلا قىشنىڭ بوران-چاپقۇنلىرىدىكى ئاپەتكە ئۇچرىغان كىشلەرگە ياردەم قوللىرىنى سۇنغىنىدىن كۆرەلەيمىز.
رامىزان، ئادەملەردىكى روھىي تەرەپ ئۈستۈنلۈككە ئىرىشكەن ۋاقىت بولۇپ، مەن ھەر يىلى مۇشۇ ئايلاردا مۇسۇلمانلارنىڭ مىلىيون فونىد-سىتىرلىڭلىق ئىئانا ياكى زاكات پۇللىرىنى ئۆزلىرىدىن يوقسۇللارغا بىرىدىغىننى ئاڭلىغاندا قەۋەت خوشال بوپ كىتىمەن. بۇ پۇللارنى بىرتانىيىلىك مۇسۇلمانلار دۆلتىمىز ئىچى ۋە سىرتىدىكى مۇھتاجلارغا ئۆزلىكىدىن بىرەلەيدۇ.
رامىزان، بىر مۇسۇلماننىڭ ئۆزىنى كۈزۈتۈش، روزا تۈتۈش ۋە ناماز ئوقۇشتىن باشقا، ئۆزىدىن باشقىلار ئۈچۈنمۈ ئويلىشىدىغان بىر خاسىيەتلىك مەزگىلدۇر. بۇ قىتىملىق رامىزاندا، مەن خەلقىمىزدىن بىزنىڭ ئورتاق تارىخىمىزدىكى مۇنداق بىر ئىنتايىن مۇھىم ھەقىقەتنى ئەسلەپ ئۆتۈشىنى ئۈمۈت قىلىمەن. ئۇ بولسىمۇ، بۇنىڭدىن 100 يىللار ئىلگىرى بىزنىڭ بۈگۈنكى ھۆرلىكىمىز ئۈچۈن 1ـ دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە بىرتانىيىدىكى باشقىلار بىلەن بىر سەپتە تۇرۇپ، قەھرىمانلارچە ھايات-ماماتلىق جەڭلەرگە قاتناشقان پەخىرلىك ئەزىمەتلىرىمىز. كۆزنى-يۇمۇپ ئاچقۇچە بۇ 100 يىللىق خاتىرە كۈنلەرمۇ كىلىۋاتىدۇ. ئۇلار ئىچىدە مىليونلارچە ھىندىستانلىق ئەرلەر ۋە يىگىتللەردىن تەشكىللەنگەن ئەسكەرلەر بار بولۇپ، شۇلار ئىچىدە مىڭلىغان مۇسۇلمانلارمۇ بار ئىدى. ھۆرلۈك سۆيەر شۇ مەردانە ئەزىمەتلەر دۇنيانىڭ ھەر يىرىدىن كىلىپ، بىزنىڭ قۇشۇنىمىز بىلەن مۈرىنى-مۈرىگە تىرەپ كۆرەش قىلىشى بەدىلىگە بىز بۈگۈنكىدەك ئەركىنلىكنىڭ پەيزىنى سۇرىۋاتىمىز!
شۇڭا بۇ رامىزان ئىيىدا، ۋە شۇ ھۆرلۈك كۆرشىنىڭ 100 يىللىق ھارپىسىدا، بىز ئاشۇ مەردانە قىرىنداشلىرىمىزنى، ۋە ئۇلارنىڭ بىز ئۈچۈن بەرگەن قۇربانلىقلىرىنى ئەسلەيمىز، ئەلۋەتتە!
مەن دىمەكچى بولغان 3 ـ بىر نۇقتا، رامىزان ئۆز-ئارا قىرىنداشلىقنى كۈچەيتىدىغان بىر ياخشى پۇرسەت بولۇپ، ھىچقانداق نەرسە بۇ مىھىرنى ئاشۇ بىللە ئولتۇرۇپ قىلدىغان ئىپتاردىن بەكرەك كۈچەيتەلمەيدۇ.
ئۆتكەن يىلى، مەن دۆلتىمىزنىڭ ھەممە يەرىدە نۇرغۇن مۇسۇلمانلارنىڭ مەھەللە كومتىتلىرىدا، مەسجىدلەردە، باغچىلاردا، ھەتتا چىدىرلاردا بىللە ئىپتار قىلغىنىدىن خوشال بولدۇم. بۇ يىلدىمۇ، ھۆكۈمىتىمىز بۇنداق چوڭ ئىپتارلىق پائالىيەتلەر ۋە يىغىلىشلارنى قوللايدىغان پىروگىراممىلىرىمىز بار بولۇپ، لەئەدس تىن لۇتون غىچە، ماچەستەرلارغىچە بىرىپ، ئوخشىمىغان دىنىي-ئىتىقادتتىكى خەلىقلەرنىڭ بىللە يىغىلىشىنى، خوشنا-خۇلۇملارنىڭ ئۆز-ئارا تۇنۇشۇشىنى قوللايمىز.
ئەڭ ئاخىرىدا، مەيلى سىلەر قەيەردە بولۇڭلار، مەن سىلەرنىڭ بۇ ئۇلۇغ ئاينى خوشال-خورام ئۆتكۇزۇشىڭلارنى ئۈمۈد قىلىمەن، ۋە يەنە بىر قىتىم سىلەرگە <رامىزان مۇبارەك> دىگەن سالىمىمنى يوللايمەن!
**********************************************************************
ئەقەللى پىرىنسىپ: ئوخشاش ۋە ياكى ئوخشىمىغان كىشىلەر توپى ئارسىدا ئۆز-ئارا چۈشۈنۈش، ھۆرمەت، ۋە ئىشەنىچ تۇرغۇزۇلمايدىكەن، خاتىرجەملىكنى تۆمۈر قالقانلار بىلەن قۇرۇپ چىقىمەن دىيىش بىھۇدە ئىسراپچىلىقتىن باشقا نەرسە بولمىسا كىرەك.
|