- تىزىملاتقان
- 2014-6-13
- ئاخىرقى قېتىم
- 2014-8-4
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 290
- نادىر
- 0
- يازما
- 7
ئۆسۈش
  96.67%
|

دىپلوماتىيە مىنىستىرلىكى يېقىندا ئېلان قىلغان ئۇقتۇرۇشتا مۇنداق دېيىلدى: چەتئەلگە ساياھەتكە چىققاندا مۇنۇلارغا دىققەت قىلىڭ:
1- يولغا چىقىشتىن بۇرۇن چەتئەللەرگە چىقىشقا كېرەكلىك گۇۋاھنامە ۋە مۇناسىۋەتلىك ماتېرىياللارنى ئىنچىكىلىك بىلەن تەكشۈرۈڭ. بۇ ئۈنۈملۈك پاسپورت، ۋىزا، ئايرۇپىلان بېلىتى، ساياھەت سۇغۇرتىسى ( قىسمەن دۆلەتلەر يەنە سالامەتلىك كېنىشكىسى بىلەن ۋاكسىنا ئەملەش ئىسپاتىنى تەلەپ قىلىدۇ) قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ؛ رەسمىيەتلىرىڭىز تولۇق بولماسلىق تۈپەيلىدىن ئاۋارىچىلىققا يولۇقسىڭىز تەمكىن بولۇڭ، زۆرۈر تېپىلسا شۇ يەردىكى جۇڭگو كونسولخانىسى بىلەن ئالاقىلىشىڭ.
2-يولغا چىقىشتىن بۇرۇن بارماقچى بولغان دۆلەت ياكى رايوننىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي ۋەزىيىتى ۋە جەمئىيەت ئامانلىق ئەھۋالى، ۋىزا ۋە تاموژنا بەلگىلىمىسى، داۋالاش-سەھىيەت شارائىتى، يۇقۇچان كېسەلنىڭ تارقىلىش ئەھۋالى قاتارلىق ئامىللارنى ئىمكان قەدەر ئومۇميۈزلۈك ئىگىلەپ، تاقابىل تۇتۇشقا چارە قىلىڭ.
3-بارماقچى بولغان دۆلەتنىڭ قاتنىشى، چېگرىدىن كىرىپ -چىقىش قاتارلىق جەھەتلەردىكى قانۇن، قائىدە-نىزاملىرىغا ئاڭلىق رىئايە قىلىڭ، شۇ جاينىڭ دىنىي، مىللىي ئۆرپ -ئادەتلىرىنى ھۆرمەتلەپ، يۈرۈش-تۇرۇشتا مەدەنىي بولۇڭ، كىشىلەرگە دوستانە مۇئامىلە قىلىڭ.
4-تاسادىپىي ياكى جىددىي ئەھۋالغا يوقۇققاندا، شۇ يەردىكى ساقچى ئورگىنى ۋە جۇڭگونىىڭ شۇ يەردە تۇرۇشلۇق كونسولخانىسى بىلەن ۋاقتىدا ئالاقىلىشىڭ. جۇڭگونىڭ ھەر قايسى جايلاردىكى كونسولخانىسى بىلەن ئالاقە قىلىش ئۇسۇلىنى دىپلوماتىيە مىنىستىرلىكىنىڭ تور پونكىتى (http://www.fmprc.gov.cn)دىن ئىگىلەڭ.
مەنبە: ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى
2006-يىلى 10-ئاينىڭ 19- كۈنى
تەرجىمىدە : رۇقىيە قۇربان.
|
|