- تىزىملاتقان
- 2014-6-28
- ئاخىرقى قېتىم
- 2014-7-23
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 64
- نادىر
- 0
- يازما
- 2
ئۆسۈش
  21.33%
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا adokat تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-7-12 18:26
turan83 يوللىغان ۋاقتى 2014-6-30 19:09 
ھازىر كادىرلارنىڭ ئارىسىدا ئۇنداق غادىيۋالدىغانلىرى ...
دوستۇم ،سىز ئۆزىڭىز تۇرىۋاتقان يەردە ‹كىرىمى نەچچە ھەسسە ئېشىپ چۈشكەن دېھقاندىن نەچچىنى ساناپ بېرەلەرسىز؟›ئەمما مەن تۇغۇلۇپ ئۆسكەن ئاشۇيېزا-كەنىتتە ‹كىرىمى› ‹چىقىمى›دىن ئاشىدىغان بىرمۇ دېھقاننى ساناپ بېرەلمەيمەن،كۆرگنىم، بىلىدىغىنىم ئۇلاريىلبويى ئىشلەپ ئۆزى ۋە ئائىلىسىنىڭ قورسىقىنى ئاران باقىدۇ ، ھاللىق ھېسابلانغىنى قۇربان ھېيىتنىڭ خاسىيىتىدىن بىر قوينى سويۇپ ئىككى ئاي ‹گۆشلۈك›تاماق يېيەلەيدۇ، كۆپىنچىسىنىڭ ئايدا بىر كىلو گۆش ئېلىپ يېيەلىگۈدەك پۇلى يوق .مانا بۇ ‹جەنۇب›نىڭ ھاللىق دېھقانلىرى . مومكىن بولسا سىزمۇ قەشقەر خوتەننىڭ يېزا -قىشلاقلىرىنى بىر ‹ساياھەت›قىلىپ كېلىڭ ،شۇندىلا مېنىڭ ئۇيەردىكى ‹كادىر›لارغا ،بولۇپمۇ يېزىدىكى ‹ئۆزىنى تاغ سايىسىنى باغ ھېسابلايدىغان ›دېھقاننىڭ شىللىسىگە مىنىپ ئۆزىنى جاھاندا بىر چاغلايدىغان ئاشۇ كىشىلەرگە قىلچىلىك ھەسەت قىلمايدىغانلىقىمنى ئەكىسچە ئۇلارنىڭ ‹ئۆز گۆشىنى قورۇش ئۈچۈن ماي بولۇپ بېرىۋاتقان› ھالىغا ئېچىنىدىغانلىقىمنى ھېس قىلىپ قالىسىز .يەنە بىرگەپ چ چ دىكى پاراڭنىڭ ھەممىسىنى مۇنبەرگە چاپلىغىلى بولماس ،شۇڭا سىلىقلاشتۇرۇپ ئاپتۇ دەپ چۈشىنىڭ .ھەرقانچە بولسا سىزمۇ شۇنداق كادىر ئەمەسسىز ھە؟سىزنىڭ نىرۋىڭىزغا تېگىپ كەتمىگەندۇ ؟ راسلا شۇنداق بولسا پات -پات مۇنبەرگە كىرىپ تۇرۇڭ ،تۈزۈلۈپ كېتىسىز . |
|