قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 2771|ئىنكاس: 9

ئەلكۈن: قىتئەلەر ئارا قاناتلانغان كۈي (3)

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

16

تېما

13

دوست

2736

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   24.53%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  14288
يازما سانى: 43
نادىر تېمىسى: 12
مۇنبەر پۇلى: 112
تۆھپە : 1074
توردىكى ۋاقتى: 136
سائەت
ئاخىرقى: 2014-9-7
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-28 04:23:19 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
abida
قىتئەلەر ئارا قاناتلانغان كۇي - سەنۇبەر تۇرسۇن (3)

ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن

ئۇيغۇرنىڭ ئىپتىخارلىق سەنئەتكارى سەنۇبەر تۇرسۇننىڭ 2014- يىلى 11-مايدىن 19- مايغىچە غەربىي ياۋروپانىڭ لوندون، پارىژ ۋە ۋېنىتسيە قاتارلىق شەھەرلىرىدە ئېلىپ بارغان سەنئەت سەپىرى ھەققىدە

(داۋامى)

شەرقشۇناسلىق ئىنستىتۇتىدا ئۇيغۇر مۇزىكىسىدىن دەرس

بۈگۈن 13- ماي كۈنى. ماي ئايلىرى لوندوننىڭ ئەڭ گۈزەل پەسىللىرىنىڭ بىرىدۇر. بۇ يەر شەھەر مەركىزى بولۇشىغا قارىماي ھەممە يەرنى ياپ – يېشىللىق قاپلىغان، ئەسىرلەر ئىلگىرى ئات ھارۋىسى ئۈچۈن ياسىغان تار كوچىلار بىلەن ئايال پادىشاھنىڭ ئوردىسى ئۈچۈن ياسالغان كەڭرى داغدام يوللار ئوز-ئارا گىرەلىشىپ كەتكەن. ئۆزگىچە ياۋروپا ئۇسلۇبنىڭ كلاسسىك بىنالىرى بىلەن بۈگۈنكى زامانىۋى كۆزنى چاقنىتىپ تۇرىدىغان ئەينەكلىك بىنالار ناھايىتى ئاسانلا بۇ شەھەرنىڭ تارىخىنى ئېسىڭىزگە سېلىپ تۇرىدۇ. يول ياقىلىرىدىكى بۈك – باراقسان دەرەخلەرنىڭ ئارىسىدىن ئاڭلىنىۋاتقان قۇشلارنىڭ ۋىتىلداپ سايراشلىرى بۇ شەھەرنىڭ سەھەردىكى مىنۇتلىرىڭىزدا سىزگە ئۆزگىچە راھەت تۇيغۇسىنى بېغىشلايتتى. لوندون بىر خەلقئارالىق شەھەر، ئەمما لوندوندىكى شەھەر مەركەزلىرىنىڭ ئەڭ مەركىزى ۋە ئاۋات يەرلىرىدىن ئورۇن ئالغان، بىر-بىرلىرىگە تۇتۇشۇپ كەتكەن ھەيد باغچىسى (Hyde park)، ساينت جەمىس باغچىسى(St James Park) ، رېجېنت باغچىسى (Regent Park)  قاتارلىق چارىباغلارغا كىرسىڭىز ئۆزىڭىزنىڭ شەھەردە ئىكەنلىكىنى پۈتۈنلەي ئۇنتۇپ كېتىسىز. بۇمۇ لوندوننىڭ يەنە بىر ئارتۇقچىلىقى بولۇپ، دۇنيانىڭ باشقا ھەرقانداق بىر يېرىدىكى ئۆزىگە ئوخشاش چوڭ شەھەرلىرىدىن بۇ ئەۋزەللىكلىرى بىلەن پەرقلىنىپ تۇرىدۇ. ئەگەردە سىز تەلەيلىك بولسىڭىز سەھەرلەردە بۇ گۈزەل باغچىلارنى بىر مەھەل كەزگەچ ئىشىڭىزغا ماڭسىڭىز، پۈتۈن بىر كۈنىڭىز باشقىچە بىر روھلۇق كەيپىيات بىلەن داۋام قىلىدۇ.

سەنۇبەر تۇرسۇن قاتارلىق سەنئەتكارلىرىمىز مېھمانخانا رېستورانىدا ناشتىلىق قىلغاندىن كېيىن پىيادە مېھمانخانىدىن ئايرىلىپ، لوندون ئۇنىۋېرسىتېتىنى نىشانلاپ قىزغىن پاراڭلار بىلەن بۇ ئۇنىۋېرسىتېتىقا بارىدىغان يول ئۇستىگە جايلاشقان رەسسېل باغچىسىغا كەلدى. بۈگۈن ئۇلار تولىمۇ تەلەيلىك چۈنكى بۈگۈن لوندوندا يامغۇر ياغمىدى-دە! ھاۋا بۇلۇتلۇق ياكى شاماللىقمۇ ئەمەس، قۇياش ئىللىق نۇرلىرىنى سەھەردىلا سېخىيلىق بىلەن تۆكمەكتە. بۇ باغچىنىڭ كۆلىمى ئانچە چوڭ بولمىسىمۇ، رەتلىك تىكىلگەن، ھازىر غۇلاچقا يەتكۈسىز چوڭايغان ئوك دەرەخلىرى پۈتۈن باغچىنى باراقسان ئورمانلىققا ئوخشىتىپ قويغان ئىدى. باغچە ئوتتۇرىسىغا فونتان ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىغا ئارامبەخش يۆلەنچۈكلۈك ئورۇندۇقلار قويۇلغان. باغچىنىڭ شىمالىي بۇرجىكىدە بىر ئاۋات قەھۋەخانا جايلاشقان. باغچىنىڭ جەنۇبى لوندون ئۇنىۋېرسىتېتى بىلەن، شەرقى بىرىتانىيە مۇزېيى بىلەن تۇتۇشاتتى. باغچىنى شوخلۇقىدىن سەكرىشىپ بىر-بىرلىرىنى قوغلىشىپ يۈرگەن تىيىنلار، فونتاننىڭ ئەتراپىدا سۇ ئىچىۋاتقان شەھەر كەپتەرلىرى، باراقسان دەرەخلەر ئارىسىدىن ئاڭلىنىۋاتقان سەھەر بۇلبۇللىرىنىڭ سايرىغان ئاۋازلىرى سىزگە غۇلجانىڭ تۇرپانيۈزىدىكى باراقسان ئالمىلىق باغلارنى ياكى كەڭ ساينىڭ تەبىئىي ئورمانلىق مەنزىرىلىرىنى ئەسلىتەتتى...  

تۈنۈگۈن سەنۇبەر ئۈچۈن ناھايىتىمۇ مۇھىم ۋە ئەھمىيەتلىك بىر كۈن بولدى. چۈنكى تۈنۈگۈنكى كونسېرت سەنۇبەرنىڭ ياۋروپاغا كېلىپ تۇنجى قېتىم سەھنىگە چىقىشى ئىدى. ئۇنىڭ كۆزلىرىدىن كەلگۈسىگە بولغان ئىشەنچ ۋە ئومۇت نۇرلىرى چاقنايتتى. دېمىسىمۇ  بۇ پۇرسەتلەر سەنۇبەرگە ئاسانلىقچە قولغا كەلمىگەن ئىدى. ئۇ مانا ھازىر ئارماندا كەتكەن رەھمەتلىك ئاكىسى ۋە ئۇستازى نۇرمۇھەممەت تۇرسۇننىڭ ئارزۇ-ئارمانلىرىنى ئەمدى ئەمەلگە ئاشۇرۇۋاتاتتى....

خەلقىمىز تەرىپىدىن ئۇيغۇر ھازىرقى زامان "تەمبۈر شاھى" دەپ نام بېرىلگەن مەرھۇم تەمبۈر ئۇستازى، ئەينى ۋاقىتتىكى شىنجاڭ ناخشا-ئۇسۇل ئۆمىكىنىڭ ئاتاقلىق سەنئەتكارى مەرھۇم نۇرمۇھەممەت تۇرسۇن 11- سېنتەبىر ۋەقەسى يۈز بېرىپ دەل بىر يىلدىن كېيىن ئامېرىكىنىڭ پايتەختى ۋاشىنگتوندا 26- ئىيۇندىن 7- ئىيۇلغىچە ئۆتكۈزۈلىدىغان 2002- يىللىق "سمىتىسونىئان خەلق مۇزىكا فېستىۋالى" (Smithsonian Folklife Festival) نىڭ تارمىقىدىكى "يىپەك يولى: مەدەنىيەتلەرنى بىر-بىرگە ئۇلاش، كەلگۈسىگە ئىشەنچ تۇرغۇزۇش" (The Silk Road: Connecting Cultures, Creating Trust) ناملىق سەنئەت كۆركىگە ئۇيغۇرلار ۋاكالىتەن تەكلىپ قىلىنغان بولسىمۇ، مەلۇم سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن بېيجىڭ ئايرودرومىدا چېگرادىن ئۆتكۈزۈلمەي بۇ فېستىۋالغا قاتنىشالمىغان ئىدى. بۇ ئوڭۇشسىزلىق يۈز بېرىپ ئارىدىن ئىككى يىلدىن كېيىن يەنى 2004- يىلى 19- دېكابىر بۇ ئەل سۆيگەن سەنئەتكارمىز بەختكە قارشى ئۈرۈمچىدە ئۆزىنىڭ پۈتكۈل ئارزۇ-ئارمانلىرىنى خەلقىگە، جۈملىدىن سىڭلىسى سەنۇبەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان مەرھۇم تۇرسۇن نۇرمۇھەممەت سەنئەتكارلار ئائىلىسىدىكى بارلىق قېرىنداشلىرىغا قالدۇرۇپ، بۇ ۋاپاسى كەم دۇنيا بىلەن ۋاقىتسىز ۋىدالاشقان ئىدى. (ئاللاھ مەرھۇمنىڭ ئۇ دۇنيالىقىنى جەننەت قىلسۇن!)

سەنۇبەر تۈنۈگۈن شۇنداق ئالدىراش كونسېرتقا تەييارلىق قىلدى. كونسېرتتا سائەتلەپ مۇقام ئېيتتى...ناخشا ئېيتتى...دۇتار چالدى، ئەمما ئۇ بۈگۈن ھارغىن كۆرۈنمەيتتى. ئۇنىڭ كەيپىياتى شۇنداق روھلۇق، چىرايىدىن تەبەسسۇم ۋە تەمكىنلىك نامايان بولۇپ تۇراتتى. چۈنكى ئۇ كەلگۈسىگە ئىشىنىدۇ. كەلگۈسىنىڭ بۇنىڭدىنمۇ پارلاق بولىدىغانلىقىغا ئىشىنىدۇ! سەنۇبەر مىجىت ئاكىغا يانداش كېتىۋېتىپ دەل بېشى ئۇستىدىكى بىر دەرەخ شېخىدا مۇڭلىنىپ سايراۋاتقان بىر قۇشنى كۆرسىتىپ سورىدى “مىجىت ئاكا، نېمىشقا بۇ قۇش قايەردە ياشىمىسۇن بىر خىل ئاھاڭدا سايرايدىغاندۇ؟ مەن ئۆتكەن يىلى تۈركىيەنىڭ كونىيادىمۇ مۇشۇ قۇشقا ئوخشاش بىر قۇشنىڭ  سايراۋاتقىنىنى كۆرگەن ئىدىم. بۈگۈن لوندوندىمۇ بۇ قۇشقاچ ئوخشاش بىر ئاھاڭدا سايرىدى. بىزنىڭ غۇلجىدىمۇ بۇ قۇشلار مۇشۇنداق سايرايدۇ... بىلمىدىم، مەنلا شۇنداق ھېس قىلىۋاتىمەنمۇ؟”  كۇلكە چىراي مىجىت ئاكا جاۋابەن مۇنداق دېدى “بۇ بۇلبۇلكەن. ئۆزى قۇشقاچقا بەك ئوخشايدۇ، ئەمما سايراشقا يامان... شۇڭا بۇلبۇل دەيمىز- دە ئۇنى! بۇلبۇل تاغدا بولامدۇ، باغدا بولامدۇ،  ئوخشاش بىر ئاھاڭدا سايرايدۇ. خۇددى سىز ئۆتكەن يىل ‘ئاق بوز ئات’ نى ئاقساقمارال بازىرىدا ئېيىتىپ، تۈنۈگۈن كەچ لوندوندىمۇ ئەينەن شۇ ناخشىنى ئېيتقىنىڭىزغا ئوخشاش...”. ئابدۇكېرىم ئاكا كۈلكىسى بىلەن ئۇلارنىڭ بۇ قىزىق پاراڭلىرىغا ئاۋاز قوشتى “مىجىت مۇئەللىم، سىز گەپنى ئايلاندۇرغىچە سەنۇبەر، سىز بۇلبۇل، ئەشۇ قۇشقاچقا ئوخشايدىغان دەپ ئوچۇقلا ماختاۋەرمەمسىز ھە؟!... “ دېدى چاقچاق قىلىپ. ئۇلار ھەممىسى كۈلۈشتى. شۇ تەرىقىدە ئۇلار قەدەملىرىنى ئاستا ئېلىپ، سەھەرنىڭ بۇ باغچىدىكى گۈزەللىكىدىن ھۇزۇرلانغاچ ماڭدى.  ئۇلار بۈگۈن ئەتىگەن سائەت 10 دا  دوكتور رەيچېل ھاررىس بىلەن شەرقشۇناسلىق ۋە ئافرىقا تەتقىقاتى ئىنستىتۇتى ئوقۇتۇش بىناسىنىڭ ئالدىدا كۆرۈشۈشكە كېلىشىپ قويغان ئىدى.


بۇ قېتىمقى سەنۇبەر تۇرسۇن 2014- يىللىق ياۋروپا سەنئەت سەپىرىنىڭ تۇنجى بېكىتى لوندون بولۇپ، 11- مايدىن 15- مايغىچە ئۇلار لوندوندا تۇرۇپ، 12- ماي شەرقشۇناسلىق ۋە ئافرىقا تەتقىقات ئىنستىتۇتىدا بىر مەيدان ئاممىۋى كونسېرت بەرگەندىن كېيىن 13 ۋە 14- ماي كۈنلىرى مەزكۇر ئىنستىتۇتنىڭ مۇزىكا فاكۇلتېتىدا ئۇيغۇر ناخشا-مۇزىكىسىدىن ئەمەلىي مىساللار بىلەن دەرسى بېرىشى ئورۇنلاشتۇرۇلغان ئىدى.

ئۇيغۇر ناخشا- مۇزىكىسىدىن دەرس بېرىش دوكتور رەيچېل ھاررىس خانىمنىڭ يېتەكچىلىكىدە تۆۋەندىكىدەك مەزمۇنلاردا بولدى. شەرقشۇناسلىق ۋە ئافرىقا تەتقىقات ئىنستىتۇتىنىڭ 67L- نومۇرلۇق مۇزىكا مەشىق سىنىپىدا ئابدۇكېرىم ئوسمان ئاكىمىز سائەت 11 دىن 12 گىچە بىر سائەت مۇزىكا فاكۇلتېتىدىكى 10 نەچچە نەپەر تولۇق كۇرس ئوقۇغۇچىلارغا ئۇيغۇر غېجىكىنى قانداق چېلىش ماھارەتلىرىنى ئۆگەتتى.



شۇ كۈنى يەنە سائەت 12 دىن 13 كە قەدەر سەنۇبەر تۇرسۇن خانىم "ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ ناخشا ئېيتىش ئاۋاز ئوسۇلۇبى" بويىچە ئۇيغۇر ناخشىلىرىنى قانداق ئېيتىشنى ئەمەلىي مىساللار ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلارغا ئۆگەتتى. شۇ كۈنى كەچتە تەلەپ ۋە تەقدىملەر بويىچە بۇ ئەزىز مېھمانلارنىڭ شەرپىگە ئۆيۈمدە زىياپەت بېرىش پۇرسىتىگىمۇ ئىگە بولدۇم.

ئىككىنچى كۈنىمۇ يەنى 14- ماي ئۇيغۇر ناخشا- مۇزىكىلىرىدىن دەرس بېرىش ئوخشاش ئورۇندا سائەت 11 دىن 13 كىچە داۋام قىلدى.  بۈگۈنكى دەرس مەشىقى بولسا ئوتتۇرا ئاسىيا داپلىرىنى چېلىش ماھارىتىنى ئۆگىتىش ئىدى. مەشىقكە قاتناشقان ئوقۇغۇچىلار ئارىسىدىن لۇنا ئىسىملىك بىر قىز ئوقۇغۇچى بۇرۇن ئىران دېپىنى چېلىشنى ئۆگەنگەن بولۇپ، ئىككى سائەت مەشىقتىن كېيىن ئۇيغۇر دېپىنى بىمالال ئۇيغۇر مۇزىكانتلارغا ئەگىشىپ چېلىپ ئۆز تالانتىنى نامايان قىلىپ، ھەممىنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشتى.  ئەلۋەتتە مىننەتدارلىق بىلەن شۇنى ئېيتىمىزكى بۇ ئىككى كۈن داۋام قىلغان ئۇيغۇر مۇزىكىسىنى ئۆگىنىش مەشىقلىرىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇشى دوكتور رەيچېل ھاررىس خانىمنىڭ يىتەكلىشى، رەھىمە مەخمۇت خانىمنىڭ ئۇيغۇر مۇزىكانتلارغا تەرجىمانلىق قىلىشلىرى بىلەن ئەمەلگە ئاشتى.








شۇنداق قىلىپ تۈنۈگۈن ۋە بۈگۈنكى ئۇيغۇر مۇزىكىلىرىدىن ئوقۇغۇچىلارغا دەرس بېرىش جۇشقۇن كەيپىياتلار ئىچىدە ئۆتتى. ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەمەلىي پراكتىكا مىساللار ئارقىلىق ئۇيغۇر چالغۇلىرى ۋە ناخشىلىرىنى ئۆگىنىش قىزغىنلىقى يۇقىرى، ئۈنۈمى كۆرۈنەرلىك بولۇپ، كۈتۈلگەن مەقسەتلەر تولۇق ئەمەلگە ئاشۇرۇلدى.

لوندونغا ساياھەت

سەنۇبەر تۇرسۇن ياۋروپا سەنئەت سەپىرىنىڭ لوندون قىسمىدىكى پائالىيەتلەر 14- ماي سائەت 13 دە ياغلاشقاندىن كېيىن، كېيىنكى بېكەت 15- ماي چۈشتىن كېيىن پارىژغا سەپەر قىلىش ئىدى. دېمەك بۈگۈن چۈشتىن كېيىن ۋە ئەتە چۈشتىن بۇرۇنقى ۋاقىتلار ئۇيغۇر سەنئەتكارلىرىمىز ئۈچۈن لوندوندا قىلىدىغان مۇھىم بىر ئىشقا ئىمكان يارىتىلدى،  ئۇ بولسىمۇ لوندوننى ساياھەت قىلىش ئىدى.

بۇ قېتىملىق ساياھەت پۇرسىتى يەنە لوندوندا ياشايدىغان بىر قىسىم ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ ئەزىز مېھمانلارنى كۈتۈۋېلىشنىڭ ئىمكانىيىتىنى ياراتتى. مەن شۇ كۈنى سائەت 13 كە ئۈلگۈرۈپ سەنئەتكارلىرىمىز بىلەن مەشىق سىنىپىدا كۆرۈشتۈم ۋە دوستىمىز قېيۇمنىڭ تەكلىپى بىلەن مېھمانلارنى ئېلىپ ئۇنىڭ ئۆيىگە باردۇق.  ئۇ يەردە مېززىلىك ئۇيغۇر تائاملىرى بىلەن غىزالاندۇق. چۈشتىن كېيىن 3-4 لەر بىلەن دوستىمىز نېغمەتنىڭ 8 ئورۇندۇقلۇق  ئاپتوموبىلى بىلەن يولغا چىقىپ، مېھمانلارغا لوندوننى ساياھەت قىلدۇرۇشنى باشلىۋەتتۇق. بىز دەسلەپتە ئايال پادىشاھ ئېلىزابېت 2 نىڭ پادىشاھلىق ئوردىسى- باكىڭھامنى  (Buckingham Palace)زىيارەت قىلغاندىن كېيىن، ئۇدۇل لوندون شەھىرىنى كېسىپ ئۆتىدىغان تايمىس دەرياسىنىڭ جەنۇبىدىكى باتتېرسىى كۆۋرۈكىدىن ئۆتۈپ، ۋېستمىنىستىر كۆۋرۈكى، ۋېستمىنىستىر پارلامېنت بىناسى، لوندوننىڭ كۆزى قاتارلىق ساياھەت نۇقتىلىرىنى بىر مەھەل ئايلاندۇق. خاتىرە ئۈچۈن رەسىملەرگە چۈشتۇق. كېيىن لوندون شەھەر مەركىزىنى، لوندون پۇل-مۇئامىلە مەركەزلىرىنى كېسىپ ئۆتۈپ شىمالغا قاراپ مېڭىپ ئولىمپىك شەھەرچىسىنى زىيارەت قىلىپ،  ئارقىمىزغا قايتىپ بىلەكۋول تونىلى (Blackwall  Tunnel) ئارقىلىق تايمىس دەرياسىنىڭ شەرق تەرىپىگە ئۆتۈپ گىرىنىۋېچ  (Greenwich) باغچىسىغا جايلاشقان دۇنيا ۋاقتىنىڭ باشلىنىش نۆل نۇقتىسى (London Greenwich Mean Time) – لوندون گىرىنىۋېچ  ۋاقىت مۇنارىنى زىيارەت قىلدۇق.






شۇنداق قىلىپ لوندون شەھەر مەركىزىنى مەركەز قىلغان ھالدا لوندوننىڭ جەنۇب، شەرقىي شىمالى ۋە شەرقى بۆلەكلىرىنى ئايلىنىپ، كەچ سائەت 9 لاردا قېيۇمنىڭ ئۆيىگە ئالدىدىن ئورۇنلاشتۇرۇلغان كەچلىك ئولتۇرۇشىمىزغا يۈرۈپ كەتتۇق.

Eurostar بىلەن پارىژغا سەپەر

ئالدىدىن كېلىشىلگەن ئورۇنلاشتۇرۇشلار بويىچە مەن بۈگۈن يەنى 15- ماي كۈنى لوندون ۋاقتى چۈشتىن كېيىن سائەت 3 تە مېھمانلارنى ئالغىلى Badford مېھمانخانىسىغا كەلدىم. مەن بۇ قېتىم رەيچېل (ئۇيغۇرچە ئىسمى: راھىلە) بىلەن بىللە سەنۇبەر تۇرسۇن باشچىلىقىدىكى ئۇيغۇر سەنئەتكارلىرىمىزنى ئېلىپ پارىژغا بېرىش ۋە ئۇلارنىڭ پائالىيەتلىرىگە ياردەمدە بولۇش پۇرسىتىگە مۇشەررەپ بولغانلىقىمدىن ئەلۋەتتە خۇشال ئىدىم. لوندون بىلەن پارىژنىڭ ئارىلىقى ئانچە يىراق بولمىسىمۇ، بولۇپمۇ Eurostar - ياۋروپا يۇلدۇزى پويىزى ئارقىلىق لوندوندىن 2 يېرىم سائەتتە پارىژغا بارغىلى بولسىمۇ ھايات ۋە خىزمەت ئالدىراشچىلىقلىرى بىلەن پارىژغا بارمىغىنىمغىمۇ 5 يىلدىن ئارتۇق بولۇپ قاپتۇ. تەبىئىيكى مۇنداق كەمدىن كەم كېلىدىغان مۇھاجىرەتتىكى ھاياتتا بىر كۈن بولسىمۇ ئۇيغۇر سەنئەتكارلىرىمىز بىلەن بىرگە بولۇش، ئۇلارنىڭ خىزمىتىدە بولۇش ۋەتەندىن يىراقتىكى ئەللەردە ئوز خەلقىنىڭ مەدەنىيىتىگە تەشنا بولۇپ چاڭقىغان، مۇساپىرلىق ھاياتتا غېرىبسىنغان، مۇڭلانغان يۈرەكلەر ئۈچۈن تەسەۋۋۇر قىلغۇسىز تەسەللىلەر بېغىشلايدۇ، ئەلۋەتتە!

مەن مېھمانخانا كۈتۈۋېلىش زالىدا يۈك-تاقلىرىنى ھازىر قىلىپ تۇرغان مېھمانلار بىلەن كۆرۈشكەندىن كېيىن، مۇلازىمەتچى خادىم ئارقىلىق بىر تاكسى چاقىرتتىم. لوندوننىڭ كلاسسىك قارا رەڭلىك بىر تاكسىسى ئانچە ھايال بولمايلا بىزنى ئالغىلى كەلدىم. بىز تاكسى بىلەن 15 مىنۇتلارچە يول يۈرگەندىن كېيىن لوندونKing's Cross St. Pancras  خەلقئارا پويىز ئىستانسىسىغا كەلدۇق. بىز بۇ يەردىن بۈگۈن چۈشتىن كېيىن سائەت 5:30 ئۆتكەندە ماڭىدىغان يىۋروستار پويىزىغا ئولتۇرۇپ پارىژغا بارىمىز. بىز ۋوگزال ئىچىگە كىرىپ ئانچە ئۇزاق ئۆتمەي رەيچېل بىلەن ئۇچراشتۇق ۋە يۈك –تاقلىرىمىزنى بىخەتەرلىك تەكشۈرۈشلىرىدىن ئۆتكۈزۈپ،  پويىزىغا چىقىپ ئۆز ئورۇنلىرىمىزنى تېپىپ ئولتۇردۇق.

Eurostar (ياۋروپا يۇلتۇزى) بۈيۈك بىرىتانىيە بىلەن فىرانسىيەنى ئايرىپ تۇرىدىغان ئېنگىلىس دېڭىز قانىلىنىڭ ئاستىدىكى ياۋروپا تونىلىدا قاتنايدىغان پويىز لىنىيىسىنىڭ نامدۇر. تارىختا بۈيۈك بىرىتانىيە ۋە فىرانسىيە ئوتتۇرىسىدا 100 يىللارچە ئۇزۇنغا سوزۇلغان نۇرغۇن قېتىملىق ئۇرۇشلار بولغان بولسىمۇ، ئەمما بۇ ئىككى دۆلەت مەدەنىي، ئىقتىسادىي، ھەربىي ۋە سىياسىي جەھەتلەردىن بىر – بىرلىرىدىن ئاسانلىقچە ئايرىلالمايدىغان، بىر-بىرلىرىگە ئامراق  قىيامەتلىك دوست ھەم رەقىبلەردۇر. بۇ ئىككى دۆلەت 1974-يىلىدىن باشلاپ نۇرغۇن قېتىم ئېنگىلىس قانىلى بوغۇزىدا يەر ئاستى تونىلى قىزىش توغرىسىدا كېڭەشكەن بولسىمۇ، ئەمما دېڭىز ئاستىنىڭ چوڭقۇرلۇقى،  يەر شەكلىنىڭ مۇرەككەپلىكى، سەرپ قىلىنىدىغان غايەت زور مەبلەغ ۋە تېخنىكىلىق ئىمكانىيەتلەرنىڭ يېتەرسىزلىكى قاتارلىق تۈرلۈك سەۋەبلەر بىلەن ئەمەلگە ئاشماي كەلگەن. ئىلغار قۇرۇلۇش تېخنىكا ۋە ماشىنىلىرىنىڭ ئۈزلۈكسىز تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ 1986- يىلىغا كەلگەندە بۇ ئىككى دۆلەت ئاخىرى دېڭىز ئاستى تۆمۈر يولى ئارقىلىق بىر-بىرلىرىنى تۇتاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى- ياۋروپا تونىلىنى قېزىش ئىشىنى ئورتاق باشلىغان. ئەينى ۋاقىتتا دۇنيادىكى ئەڭ مۇرەككەپ ۋە تېخنىكىلىق قىيىنلىقى يۇقىرى ھېسابلىنىدىغان بۇ قۇرۇلۇش ئىنشائاتى 1993- يىلى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملىنىپ، 1994- يىلى رەسمىي يولۇچىلار توشۇشقا كىرىشىدۇ. بۈيۈك بىرىتانىيە ئېنگىلىس قانىلى دېڭىز بوغۇزى ئارقىلىق شەرقتە قوشنىسى فىرانسىيەدىن km35 ئارىلىق دېڭىز ئارقىلىق ئايرىلىپ تۇرىدۇ ئەمما بۇ ئارىلىقتا يىۋروستار پويىز لىنىيىسى ياۋروپا تونىلى دېڭىز ئاستى قوش لىنىيەلىك تومۇر يولى ئارقىلىق ئەڭ يۇقىرى سائەتلىك تېزلىك km300 سۈرەت بىلەن قاتناپ، لوندون بىلەن پارىژ ئارىلىقىدىكى يولۇچىلارنى 2 سائەت 15 مىنۇتتا مەنزىلىگە يەتكۈزەلەيدۇ.

مەن پويىز قوزغىلىپ يېرىم سائەتتىن كېيىن مىجىت ئاكىغا: مىجىت ئاكا دىققەت قىلىپ ئولتۇرۇڭ، بىز يەنە 10 مىنۇتتىن كىيىن دېڭىز ئاستىغا كىرىمىز. پويىز دېرىزىسىدىن دېڭىزدىكى كىت، بېلىق قاتارلىق دېڭىز جانلىقلىرىنى كۆرىمىز....  دىدىم.

پويىز دېڭىز ئاستىدىن ئۆتۈپ، ياۋروپا قۇرۇقلۇقىغا چىقىپ بولغان ئىدى. پويىز دېرىزىلىرىدە يېشىللىققا تولغان دالالار، سالالاشقان تېرىلغۇ ئېتىزلار، قوي – كالىلار خۇددى يەردىن ئاسمانغا ئۇچۇۋاتقاندەك كۆزىمىزگە كۆرۈنۈپ تىزلا غايىب بولاتتى. ياۋروپا گۈزەللىكىنىڭ يېرىمى شەھەردە بولسا قالغان يېرىمى ئەلۋەتتە يېزىلاردا. گاھىلاردا ئورمان بىلەن قاپلانغان ئېدىرلىقلار كۆرۈنسە، گاھىدا ئاققۇلار ئۈستىدە پەرۋاز قىلىۋاتقان كۆپكۆك ئاسمان بىلەن رەڭ تالىشىپ ياتقان كۆللەر كۆرۈنەتتى. بۇ زېمىندا ئالىقاندەك گىياھسىز تۇپراق تاپماق تولىمۇ مۈشكۈل ئىش ئىدى.

تۇيۇقسىز مىجىت ئاكىنىڭ مېنى نوقۇپ قىلغان گېپى دىققىتىمنى بۇزۇۋەتتى. “ئەزىزجان ئۇكام، سىز بىر سائەت ئىلگىرى 10 مىنۇتتىن كېيىن دېڭىزدا كىت، بېلىقلارنى كۆرىمىز دىگەنتىڭىز، قېنى بىز ئۇنداق نەرسىلەرنى كۆرمىدۇققۇ؟”. مەن جاۋابەن: بىزنىڭ ئۆي تارىم دەرياسىغا يېقىن يەردە ئىدى. چوڭ دادام تارىم جاڭگاللىقىدا ئوۋچىلىق قىلىشقا ئامراقتى. ئۇ ئوۋنى بەزىدە بۈركۈتى بىلەن، بەزىدە ئوۋ مىلتىقى بىلەن ئوۋلايتتى. بىر يىلى قىشتا تەتىلدە مەن چوڭ دادام ۋە ئۇنىڭ بىر ئاغىنىسىگە بىللە ئوۋچىلىققا بارىمەن دەپ ئەگىشىپ تۇرۇۋالدىم. چوڭ دادام ئاخىرى ماڭا مۇنداق دېدى: بولىدۇ ئوغلۇم، سېنى بۈگۈن ئوۋچىلىققا ئاپارساممۇ ئاپىراي، ئەمما بىز بۈگۈن دەريادىن مۇز دەسسەپ ئۆتكەندە مەن نېمە دېسەم سەن شۇنى قىلىشىڭ شەرت، كېلىشتۇقمۇ؟، مەن ماقۇل دەپ ۋەدە بەردىم. بىز دەرياغا يېقىنلاشقاندا چوڭ دادام ئاغىنىسىگە كۈلۈمسىرەپ بىر قاراپ قويۇپ ماڭا : بۇ دەريادىن بۇرۇن ئۆتۈپ باقمىغان ئادەم تۇنجى قېتىم ئۆتكەندە تاكى دەريانىڭ قارشى قىرغىقىغا چىققۇچە ئېغىزىدا توغراق قوۋزىقى چىشلەپ ئۆتىشى كېرەك، بولمىسا دەريانىڭ مۇزى شۇ ئادەمنىڭ ئايىغى ئاستىدىن يېرىلىپ كېتىدۇ - دە سۇغا غەرق بولىدۇ...دىدى. مەن چوڭ دادامنىڭ بۇ گەپلىرىنى ئاڭلاپ سەل قورقتۇم. شۇنداقتىمۇ چاندۇرماي چوڭ دادامنىڭ گېپى بويىچە بىر پارچە توغراق  قوۋزىقىنى تېپىپ كېلىپ چىڭ چىشلىدىم - دە چوڭ دادامنىڭ قولىنى مەھكەم تۇتۇپ دەريادىن ئامان-ئېسەن ئۆتۈپ كەتتىم."


مېنىڭ بۇ ھېكايەمنى ئاڭلاپ ئولتۇرغانلار پاراققىدە كۈلۈشتى. مىجىت ئاكا “بارىكاللا ئەزىزجان، سىزگە رەھمەت دېسەم بولغۇدەك، سىز ماڭا ھېلىمۇ قوۋزاق چىشلىتىپ قويماپسىز! دىدى. مەن جاۋابەن مۇنداق دىدىم " ئەمما مەن سىزنىڭ پويىزغا بېلىتىڭىزنى ئېغىزىڭىزدا چىشلەپ چىققىنىڭىزنى كۆردۈم..." شۇ تەرىقىدە مىجىت ئاكا بىلەن بىر مەھەل سۆز ئويۇنى ئويناپ چاقچاقلىشىپ يۈرۈپ پارىژ شىمالىي ۋوگزالىغا (Paris Gare du Nord) يېتىپ كەلگەنلىكىمىزنىمۇ سەزمەي قاپتۇق.

پارىژ ۋاقتى كەچ سائەت توققۇز بولاي دېگەندە مېھمانخانىغا يېتىپ كەلدۇق. بىز تۇردىغان مېھمانخانا پارىژ شەھىرىنىڭ ناھايىتى ئاۋات بۆلەكلىرىنىڭ بىرى بولغان مونتمارترە (Montmartre) دىكى رەيچېل كوچىسى (Av.Rachel) غا جايلاشقان بولۇپ، ياتىقىمىزنىڭ دېرىزىسىدىن 200 مېتىرلەرچە يىراقلىقتا قەد كۆتۈرۈپ تۇرغان دۇنيادىكى رومانتىك ئاشىق - مەشۇقلارنىڭ سىمۋولى بولغان “Moulin Rouge”  (قىزىل تۈگمەن -  The red wind mill) كۆرۈنۈپ تۇراتتى.


پارىژدا ئۇيغۇر سەنئىتىدىن دەرس

بۈگۈن 16- ماي. بىز بۈگۈن چۈشتىن بۇرۇن ئىككى سائەت ئەتراپىدا شەھەرنى ئايلاندۇق ۋە چۈشكە ئۈلگۈرۈپ مېھمانخانىغا يېقىن بىر يەردىن بىر تۈرك رېستورانىنى تېپىپ تاماقلاندۇق. بۈگۈن  سەنئەتكارلىرىمىز ئۈچۈن قىلىدىغان ئىككى ئىش ئورۇنلاشتۇرۇلغان ئىدى. بىرىنچىسى: پارىژدىكى Théâtre de la Villeتىياتىرخانىسىغا چۈشتىن كېيىن سائەت 2 دە بېرىپ، ئاگاخان فوندىنىڭ سىن فىلىمى ئۈچۈن بىر سائەتلىك ئۇيغۇر ناخشا -مۇزىكىسىنى ئورۇنداش. ئىككىنچىسى: چۈشتىن كېيىن سائەت 4 دە Théâtre de la Ville  تىياتىرخانىسىنىڭ كونسېرت زالىدا ئۇيغۇر ناخشا-مۇزىكىسىدىن ئەمەلىي مەشىقلەر ئارقىلىق دەرس بېرىش ئىدى.

Théâtre de la Ville دىن ئەۋەتىلگەن ماشىنا بىزنى سائەت 1 يېرىمدا مېھمانخانىغا ئالغىلى كەلدى. بىر سائەتلىك سىن ئېلىش تاماملانغاندىن كېيىن، ئۇيغۇر مۇزىكا مەشىقى بېكىتىلگەن ۋاقىتتا باشلاندى. بۇ پائالىيەتكە 100 ئەتراپىدا ئۇيغۇر مەدەنىيەت ۋە ناخشا-مۇزىكىسىغا قىزىقىدىغان تەتقىقاتچىلار، ئوقۇغۇچىلار ۋە باشقا ساھەلەردىكى فىرانسىيەلىكلەر كەلگەن ئىدى. يىغىنغا يەنە فىرانسىيەلىك  ئاتاقلىق ئوتتۇرا ئاسىيا مۇزىكىشۇناسى، دوكتور جىئان دۇرىڭ ئەپەندىمۇ  (Dr Jean During) كەلگەن ئىدى. ئۇ بۇ يەرگە قۇرۇق قول كەلمىگەن بولۇپ،  بۇ يىل يانۋاردا فىرانسىيەنىڭ "فىرانسىيە رادئىوسى" (Radio France )  ئۇن-سىن نەشرىياتىدا نەشر قىلىنغان "ئۇيغۇر مۇزىكىسى: ناۋا" ناملىق ئۇيغۇر مۇقام مۇزىكىسىنى تونۇشتۇرغان CD پلاستىنكىسىنى مېھمانلارغا تەقدىم قىلىش ئۈچۈن ئۆزى بىللەن بىللە بىر قانچىنى ئېلىپ كەلگەن ئىدى.








بۈگۈنكى بۇ پائالىيەتنىڭ باشلىنىشىدا دوكتور رەيچېل ھاررىس خانىم باشلىنىش سۆزى قىلغاندىن كېيىن، پارىژدا دوكتورلۇق ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇر قىزى مۇقەددەس مىجىت فىرانسۇزچە ئۇيغۇر مۇزىكىسى ۋە مەدەنىيىتىنى چۈشەندۈردى،  ئارقىدىنلا ئۇيغۇر ناخشا-مۇزىكىسىدىن ئۆرنەكلەر كۆرسىتىلىشكە باشلىدى. ئاخىردا پائالىيەتكە قاتناشقان مېھمانلارنىڭ سورىغان سوئاللىرىنى ۋە بېرىلگەن جاۋابلارنى مۇقەددەس تەرجىمە قىلدى... بۇ پائالىيەت قىزغىن كەيپىياتلار ئىچىدە بىر سائەت داۋام قىلدى. كەچتە بىر قىسىم پارىژدا ياشايدىغان ۋە ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇرلار بىلەن بىرلىكتە پارىژدىكى تارىم رېستورانىغا يىغىلىپ، ئۇيغۇر تائاملىرى بىلەن تاماقلاندۇق.

پارىژدىكى سەنۇبەر تۇرسۇن كونسېرتى

“ئىنسانلارنىڭ قەلبىگە ئەڭ كۈچلۈك تەسىر قىلىدىغان مۇزىكىلارنى ئادەتتە تارىخى ۋە پۈتۈن ھايات كەچمىشىدە ئېغىر تالاپەتلەرگە، نامراتلىق، زوراۋانلىقلار، مۇستەملىكە قىلىنىش ھەتتا ئىرقىي قىرغىن قىلىنىشلارغا كۆپ ئۇچرىغان ئېزىلگەن خەلقلەر يارىتىدۇ، ئەمما بۇ خەلقلەر بۈگۈنكى دۇنيانىڭ ئاتالمىش سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي سەھنىسىدە “كۈچسىزلەر” دەپ قارىلىدۇ”

-   مايكېل ك ھېندېرسئانMichael K. Henderson  (ئامېركىلىق مۇزىكانت ۋە جەمئىيەتشۇناس)

بۈگۈن 17- ماي. سەنۇبەر تۇرسۇن ياۋروپا سەپىرىنىڭ يەنە بىر مۇھىم پائالىيەتلىرىدىن بىرى بۈگۈن چۈشتىن كېيىن پارىژ ۋاقتى سائەت 17 دە Théâtre des Abbesses  كەسپىي تىياتىرخانىغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان سەنۇبەر تۇرسۇن كونسېرتى ئىدى.  Théâtre des Abbesses  تىياتىرخانىسىدىكى ئورۇنلاشتۇرغۇچى خادىمنىڭ بىزگە ئېيتىشىچە، سەنۇبەر تۇرسۇن كونسېرتىنىڭ بېلىتى 19€ دىن (160 يۈەن) ئاللىبۇرۇن توردا سېتىلىپ تۈگەپ بولۇپتۇ.




ياۋروپا بويىچە فىرانسىيەدە ئوقۇيدىغان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ سانى ئەڭ كوپ بولۇپ، ئۇلارنىڭ مۇتلەق ساندىكىلىرى پارىژدا ئوقۇيدۇ. تەخمىن قىلىنىشىچە، ھازىر فىرانسىيەدە 1500 ئەتراپىدا ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار ئوقۇيدىكەن. بۈگۈنكى كونسېرتقا كېلىدىغان تاماشىبىنلارنىڭ كۆرۈنەرلىك سالمىقىنى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ تەشكىل قىلىشىدا گەپ يوق، ئەلۋەتتە.

تىياتىرخانىنىڭ قۇرۇلۇشى ئوسۇلۇبى ۋە سەھنە ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى كىشىگە كلاسسىك پارىس تىياتىرخانىلىرىنى ئەسلىتەتتى. تىياتىرخانا ئىككى قەۋەتلىك بولۇپ تاماشىبىنلار بىلەن لىق تولغان ئىدى.  سەھنىگە يارىشىملىق ئۇيغۇر چىمەن دوپپىسى ۋە كۈچلۈك سەھنە چىراغلىرىنىڭ نۇرىدا ئاجايىپ جۇلالىنىپ كۆز قاماشتۇرۇۋاتقان ئەتلەس كۆڭلەك كىيگەن ئۇيغۇر قىزى سەنۇبەر بىر قولىدا دۇتار تۇتقاچ، يەنە بىر قولىدا ئېگىلىپ تۇرۇپ سالام بەرگەچ سەھنىگە چىقىپ كەلدى. ئۇزۇندىن-ئۇزۇنغا سوزلىغان قارشى ئېلىش چاۋاكلىرىدىن كېيىن تىياتىرخانا ئىچى تىنچىدى.   چەبىيات مۇقامى سەنۇبەرنىڭ زىل ئاۋازى بىلەن ياڭرىماقتا. تەمبۈر ۋە ساتارنىڭ تەڭكىشىدىن ئاڭلىنىۋاتقان مۇزىكا ئاۋازى تاماشىبىنلارنى مۇڭلاندۇرۇپ ئۆزىگە مەھلىيا قىلماقتا...

فىرانسىيەلىكلەر ياۋروپادا ئۆزگىچە سەنئەت يارىتىشتا ماھىر ۋە سەنئەتنى سۆيىدىغان، چۈشىنىدىغان بىر خەلق، دەپ قارىلىدۇ. بۈگۈنكى كونسېرت كەسپى بولغانلىقى ئۈچۈنمۇ ياكى باشقۇرۇشنىڭ قاتتىقلىقىدىنمۇ ۋەياكى بۈگۈن كونسېرتقا كەلگەنلەرنىڭ ھەممىسى سەنئەت سۆيىدىغان ئادەملەر بولغانلىقى ئۈچۈنمۇ تىياتىرخانا ئىچىدە خۇددى ئادەم يوقتەك جىمجىتلىق ھۆكۈم سۈرەتتى. لوندوندىكى كونسېرتقا ئوخشاش رەسىم ئاپپاراتلىرىنىڭ چاقنىغان نۇرلىرى ياكى يىغلاڭغۇ بالىلارنىڭ يىغلىغان ئاۋازلىرى ئاڭلانمايتتى...

كونسېرت پارىژ ۋاقتى سائەت 19 دا ناھايىتى زور ئۇتۇقلار بىلەن تەنتەنىلىك ئاياغلاشتى. بىز تىياتىرخانىدىن خېلى كېچىكىپ چىققان بولساقمۇ، تىياتىرخانىنىڭ ھويلىسىدا 50-40 ئەتراپىدا ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار بىزنى كۈتۈپ تۇرغان ئىكەن. مەن بۇ قېرىنداشلىرىمىز بىلەن قىزغىن سالاملاشتىم.




پارىژغا لوندوندىن ئامېرىكىلىق ئىككى دوستىمىز فوتوگراف لىسا رواسس خانىم بىلەن مۇزىكانت  ئىئان پىرايسمۇ كەلگەن ئىدى. شۇ كۈنى كەچ بىز مېھمانخانىغا يېقىن بىر ھىندىستانلىقنىڭ ھالال رېستورانىدا تاماقلانغاچ، پاراڭلىشىپ خېلى ئۇزاق ئولتۇرغاندىن كېيىن مېھمانخانىغا قايتتۇق. بۈگۈن ئاخشام بىز ئۈچۈن پارىژنىڭ ئەڭ ئاخىرقى ئاخشىمى ئىدى. بىز ئەتە ھەممىمىز ئايرىلىپ تەرەپ-تەرەپكە يول ئالىمىز. سەنۇبەر تۇرسۇن قاتارلىق ئۈچ سەنئەتكارىمىز رەيچېل ھاررىسنىڭ ھەمرالىقىدا ياۋروپا سەپىرىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى بېكىتى بولغان ئىتالىيەنىڭ سۇ ئۇستى شەھىرى ۋېنىسكە ئەتە ئەتىگەن سائەت 4 يېرىمدا ئورنىدىن تۇرۇپ، 7 دە ئۇچىدىغان ئايروپىلان بىلەن يولغا چىقىدۇ...  مەن ئەتە كەچ تەرەپتە يىۋروستار پويىزى بىلەن لوندونغا قايتىمەن. بىز ياتاققا قايتقاندىن كېيىن مېھمانلىرىمىز جىددىي ھالدا ئەتىكى سەپەرنىڭ تەييارلىغىنى باشلىۋەتتى. مەن ئايرىلىشتىن ئاۋۋال سەنۇبەرنىڭ ئىتالىيە سەپىرىگە ئاق يول تىلەپ خوشلاشتىم، ئاندىن مىجىت يونۇس ۋە ئابدۇكېرىم ئوسمان ئاكىلار بىلەن ياخشى تىلەكلىرىمىزنى بىلدۈرۈشتۇق.


تەقدىر نېسىپ قىلغۇچە كېيىن قەيەردە، قاچان قايتا كۆرۇشىدىغىنىمزنى بىلمەيمىز. مەن مۇشۇ مىنۇتلاردا بۇ ئەزىز سەنئەتكارلىرىمىز بىلەن بىللە ئۆتكەن بىر ھەپتىنىڭ قانچىلىك تېزلىك ئۆتۈپ كەتكەنلىكىنى ھېس قىلماقتا ئىدىم. ئەگەر مېنىڭمۇ ھازىرلا ئىمكانىم بولغان بولسا بۇ سەنئەتكارلىرىمىز بىلەن بىللە ئۇچۇپ ئىتالىيەگە بېرىپ، ئاندىن شۇ ئەزىزانە ئۇلۇغ ۋەتىنىمگە بىللە قايتقان بولسام ھە.... ئۇ يەردە "ھەممە ئادەم ئۇيغۇر، ھەممە ئادەم خوشال-خورام"..... ئۇ يەردىكى قېرىنداشلىرىمىزدا سىزنى ھەمىشە ئازاپلايدىغان، يۇرەكلىرىڭىزنى پارە- پارە قىلىپ تۇردىغان "ۋەتەن سېغنىش كېسىلى" گە گىرىپتار بولغانلار ناھايىتى ئاز ياكى يوق دېيەرلىك، تېخى ئېنگىلىزچە ياكى فىرانسۇزچە تىللاردا سوزلەپ ئاۋارە بولۇپمۇ يۇرمەيسىز،  ئۇيغۇرنىڭ ۋەتېنى دىگەندە "ھەممە ئادەم ئۇيغۇرچە سۆزلەيدۇ- دە..." مەنمۇ ئۆز خەلقىمنىڭ ئارىسىدا ئۆز ئانا تىلىمدا سۆزلەپ ۋە ئىشلەپ، ۋەتىنىمنىڭ باغرىغا قېنىپ، قېنىپ مۇشۇ مەن كۇندە كۆردىغان كۆك كۆز، ئاق پىشماق ئېنگىلىز، فىرانسۇزلاردەك دۇنيادىن بىغەم ياشىمامدىم ھە؟! ئەگەر ماڭا ھاياتىمدا شۇنداق بەخىتلەر كەلگەن بولسا بولسام ئۆزۈمنى بۇ دۇنيادىكى ئەڭ بەختلىك ئادەملەر قاتارىدىن دەپ ھىساپلىغان بولاتتىم.... ئۆزى توغۇلۇپ ئۆسكەن يۇرت، ۋەتىنىدىن ئايرىلغانلارنىڭ ۋەتەنگە بولغان مۇھەببىتى كۈن، ئاي، يىللارنى قوغلىشىپ كۈچەيسە كۈچىيىدىكەن ھەرگىزمۇ ئاجىزلىمايدىكەن،  بۇ ئوت ئۆچمەي ھەر كۈنى يالقۇنجاپ كۆيىدىكەن...

يەكۇن شۇكى يۈرەكتە تىنماي كۆيۈۋاتقان ۋەتەننى سېغىنىش ئوتىنىڭ ھارارىتىدىن مۇھاجىرەتتە تاپقان خۇشاللىق ۋە بەخت خۇددى بىر دۆۋە كۈلگە ئوخشايدۇ. مۇشۇ تاپتا ئىچكى ھېسىياتىمىنى ئەركىگە قويۇۋەتسەم يۈرىكىمدە 10 نەچچە يىللاردىن بۇيان يوشۇرۇن ساقلىنىپ كېلىۋاتقان دەردلىرىمنى تۆكۈۋېتىدىغان ئوخشايمەن، شۇڭا ئەڭ ياخشىسى ھېسسىي ئەركىنلىكىمنى قەلبىمگە بۇرۇقتۇرما قىلىپ ياشاپتۇراي.... قېنى، ماڭا ئوخشاش مۇشۇنداق تەقدىرنىڭ ئاچچىق قىسمەتلىرىنى بېشىدىن ئۆتكۇزۋاتقان "ۋەتەنسىز قۇشلار" نىڭ  تەقدىرى ئاپتاپ چىققان بىر كۈنى يا چىقار بايدىن، يا چىقار سايرامدىن!..... شۇڭىمۇ بىزدىن بۇرۇنقىلار، ۋەتىنىدىن ئايرىلىپ، ۋەتەنسىزلىكنىڭ ئاچچىق دەردىنى تېتىپ باققانلار ۋەتەننىڭ ئۇلۇغلۇقى، بۈيۈكلۈكى توغرىسىدا تالاي-تالاي داستانلارنى يېزىپ بىزلەرگە دەستۇر قىلىپ قالدۇرغان ئىكەن ئەمەسمۇ؟!



بۈگۈن 18- ماي، يەكشەنبە. مېنىڭ بۈگۈن ئەتىگەندىن تارتىپ كەچ سائەت 5 كىچە بوش ۋاقتىم بار ئىدى. شۇڭا پارىژدا ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچى ئىنىلىرىمىزنىڭ تەكلىپى بىلەن پارىژنىڭ سىرتىدىكى بىر گۈزەل كۆل بويىغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان "ئۇيغۇر مەشرىپى" گە قاتناشتىم. شۇ كۈنى چۈشتىن كېيىن سائەت 5 نىڭ پويىزىدا لوندونغا قايتتىم.

مەن لوندونغا قايتىپ كېلىپ بىر قانچە كۈن ئۆتكەندىن كېيىن رەيچېلدىن سەنۇبەر تۇرسۇن باشچىلىقىدىكى ئۇيغۇر سەنئەتكارلىرىنىڭ ئىتالىيەنىڭ ۋېنىس شەھىرىدىكى سەپىرىنىڭ ئىنتايىن كۆڭۈللۈك بولغانلىقى، كونسېرتنىڭمۇ لوندون ۋە پارىژ شەھەرلىرىدىكىگە ئوخشاش زور مۇۋەپپەقىيەتلەر بىلەن ئۆتكەنلىكىنى ئاڭلىدىم.

سەنۇبەر تۇرسۇن باشچىلىقىدىكى ئۇيغۇر سەنئەتكارلار 20- ماي ئىتالىيەنىڭ ۋېنىس شەھىرىدىن يەرلىك ۋاقىت 19: 20 مىنۇت ئۆتكەندە  TK1890- قېتىملىق ئايروپىلاندا ئىستانبۇلغا ئۇچقان ۋە شۇ كېچە يەنى 21- ماي كېچىدە 1:45 مىنۇت ئۆتكەندە CZ680- قېتىملىق ئىستانبۇلدىن ئۈرۈمچىگە ئۇچقان ئايروپىلان بىلەن شۇ كۈنى يەرلىك ۋاقىت 12:45 دە ئۈرۈمچى ئايرودرومىغا ساق-سالامەت يېتىپ بارغان .


خاتىمە

“مۇزىكىسىز ھايات خاتادۇر”

(Friedrich Nietzsche 19-ئەسەردە ياشىغان گېرمان پەيلاسوپى)

بىز ئۇيغۇرلار تارىختىن تارتىپ ئىلىم مەرىپەتكە ھەۋەس قىلىدىغان، ئەقىللىق، باتۇر خەلقمىز. بىز ياۋلارغا باش ئەگمىگەن، جەڭ مەيدانىدا قىلىچ، قالقان تۇتۇپ ئەل-ۋەتەننى قوغداپ، ئات ئۈستىدە قىلىچ ئوينىتىپ دۆلەت باشقۇرغان، ئاسايىشلىق يىللاردا بولسا شۇ قىلىچ تۇتقان قوللارغا قەلەم، دۇتار، ساتارلارنى ئېلىپ تۈرك ۋە دۇنيا ئىلىم، مەدەنىيەت ساھەسىگە ئۆچمەس مىراسلارنى قالدۇرغان خەلقمىز. خەلقىمىز نەچچە ئەسىرلەردىن بۇيان زۆرۈر بولسا ئەلەم، زۆرۈر بولسا قەلەم كۈرەشلىرىنى ئوز يولىدا ئېلىپ بېرىپ، ئۆز-ئۆزىنى سوراپ دۆلەت باشقۇرۇپ كەلگەن خەلقتۇر.

دېمەك، ئۇيغۇرلار ئىنسان ۋە دۇنيانى چۈشەنگەن، ئەقىل-ئىدىراكلىق، تارىخى بار بىر خەلقتۇر. خەلقمىز ئۆتكەنكى ئۈچ ئەسىردىن بۇيان ئەشەددىي دىنىي مەزھەپچىلىك، نادانلىق، سۇپى-ئىشانلىق سەۋەبىدىن ئىچكى ۋە تاشقى زۇلۇم، ئۇرۇش ۋەيرانچىلىقى، نامراتلىق، ئۆز-ئارا ئىتتىپاقسىزلىقلار تۈپەيلى دۆلەتچىلىك ۋە ئىلىم ساھەسىدە قاتتىق ئارقىغا چېكىنىپ، ئومۇمىي يۈزلۈك زاۋاللىققا يۈزلەنگەن دەۋر بولدى. ياۋروپا سانائەت ئىنقىلابى باشلىنىپ يۇقىرى پەللىگە چىققان يىللاردا، ئۇيغۇرلار ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ مەركىزىدىكى ئاللىبۇرۇن چۆلدەرەپ قالغان يىپەك يولىدا بۇرۇقتۇرما ھايات پاتقىقىغا پېتىپ قالغان ئىدى. ھەتتا بەزى كىشىلەر نورمال ئىنساندەك ياشاش ئىمكانىيەتلەردىنمۇ مەھرۇم قالغان ئىدى. گەرچە ئۆتكەنكى ئەسىرىنىڭ باشلىرىدىن باشلاپ ئۇيغۇر جەددىچىلىك يەنى زامانىۋى مائارىپ ۋە مىللىي ئاقارتىش ھەرىكەتلىرىنىڭ ئەۋجى ئېلىشىغا ئەگىشىپ مىللەتنىڭ ئومۇمىي سۈپىتىدە دۇنيانى ۋە ئۆز كىملىكىنى چۈشىنىپ ياشاش ھەرىكەتلىرى كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەرگە ئېرىشكەن بولسىمۇ، ئەمما كېيىنكى يېرىم ئەسىردىن بۇيان ئۇيغۇر كىملىكى قايتىدىن سۇنئىي سەھنىلىلەشتۇرۇلۇپ “ئۇيغۇرلار ناخشا-ئۇسۇلغا ماھىر خەلق” دىگە نام-ئاتاققا قالدى. دۇنيا ۋە جۇڭگو جەمئىيىتى ئۆتكەنكى 30 نەچچە يىللاردىن بۇيان ئىقتىساد ۋە پەن تېخنىكىدا تىز تەرەققىي قىلىشى ۋە ئۆزگىرىشىگە ئەگىشىپ بۇ ناخشا ئۇسۇلغا ماھىر مىللەت تۈرلۈك – تۈمەن ئىجتىمائىي ۋە سىياسىي كرىزىسلار سەۋەبلىك تەرەققىياتلارنىڭ سۈرئىتىگە يېتەلمىدى- دە مول يەر ئاستى تەبىئىي بايلىقلارغا ئىگە رايۇندا تالايلىغان ئىجتىمائىي ۋە تەبىئىي مەسىلىلەر كۆرۈلۈشكە باشلىدى.... ئارىمىزدىكى “مايسىنى تارتىپ ئۆستۈرۈش” ئۇسۇلىنى ياخشى ئۆگەنگەن بىر قىسىم ئەدىبلىرىمىز ئۇيغۇر خەلقى ۋە جەمئىيىتىدە كۆرۈلۈۋاتقان دەۋرگە ماسلىشالماسلىقنى “ناخشا ئۇسۇلغا ئامراق مىللەت” بولغانلىقىمىزغا باغلاپ چۈشەندۈرۈشكە ئۇرۇندى. ئۇيغۇر مىللىي كىملىكىنىڭ بىر تۈۋرۈكى بولغان ئۇيغۇر سەنئىتىنى گۇناھكار سۈپىتىدە ئەيىبلەشكە باشلىدى. بۇ ھەقتە ئايىغى ئۈزۈلمەي ماقالىلار ۋە ئوبزۇرلار يېزىلىپ خەلقىمىزدە بىر مەھەل پىكىر قالايمىقانچىلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى.

خوش، ئۇنداقتا ئاشۇ ئوبزورچىلىرىمىز ئېيتىۋاتقاندەك ئۇيغۇر سەنئىتى بولۇپمۇ ئۇيغۇر ناخشا-مۇزىكا سەنئىتى راستىنىلا ئۇيغۇرلارنىڭ بۈگۈنكى تەرەققىياتىغا پۇتلا –كاشاڭ بولۇۋاتقان ئامىلمۇ؟ ياق، بۇ يەردە ئوچۇق قىلىپ ئېيتىش كېرەككى ئۇيغۇرنىڭ بۈگۈنكى بەختسىزلىكلىرىنى ناخشا-مۇزىكىدىن كۆرۈش مېنىڭچە ئاقىلانىلىك بولمايدۇ. بۇ يەردىكى ساقلانغان مەسىلە يەنىلا ئۆزىمىزنى ۋە ئۆزىمىز ياشاۋاتقان مۇھىتىنى تولۇق چۈشەنمەسلىكتىن كېلىپ چىققان سۇبيېكتىپ چۈشەنچىدىكى خاتالىق مەسىلىسىدۇر.

بىر مىللەتنىڭ دىنىي ئېتىقادى، تۇرمۇش ئۇسۇلى، سەنئەت، ناخشا-مۇزىكىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان مەدەنىيتى بىر ئەسىردە ياكى بىرقانچە ئەسىر ۋاقىتلار ئىچىدىلا بارلىققا كېلىپ  ئومۇمىي خەلق ھاياتىدا قېلىپلاشقان شەكىلدە ئوتتۇرىغا چىقمايدۇ. بەلكى ئۇزۇن مۇددەتلىك جەمئىيەت ۋە ئىرسىيەت قۇرۇلمىسى ئاساسىدا ئۆزى ياشىغان تەبىئەت مۇھىتىدىن ئۆگەنگەن بىلىملىرى بىلەن تەدرىجىي تەرەققىي قىلىپ توپلىنىدۇ، بارلىققا كېلىدۇ ۋە تەرەققىي قىلىدۇ.  ھەرقانداق بىر مىللەتنىڭ مەدەنىيتى شۇ مىللەتنىڭ ئۆز مىللىي كىملىكىنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشى ۋە باشقا مىللەتلەردىن پەرقلىق ھالدا ياشىشىنىڭ تۈپ كاپالىتىدۇر.

بۇ مەدەنىيەتلەر ئىچىدىكى ئۇيغۇر ناخشا مۇزىكىسى تەبىئىيكى ئۇيغۇر مىللىي كىملىكىنى گەۋدىلەندۈرىدىغان مۇھىم تەركىبلەرنىڭ بىرىدۇر. جەمئىيەتشۇناسلىق ۋە مىللەت ئىلمى بويىچە ئېيتقاندا، ئۆز تىلى ۋە مۇقىم ياشايدىغان زېمىنغا ئىگە خەلقلەر ئۈچۈن ئۇلارنىڭ مەدەنىيتىدىكى ناخشا –مۇزىكا شۇ مىللەتنىڭ كىملىكىگە، مىللىي تەرەققىياتلىرىغا، مائارىپىغا مەنىۋى ئىلھاملاندۇرۇش، روھلاندۇرۇش رولىنى ئوينايدۇ، ھېچقاچان سەلبىي تەسىر كۆرسەتكەن ئەمەس.  بۇ تۇردىكى مىساللار ناھايىتى كوپ. قىسقىسى ئىنسان ئەقلىي ۋە تەسۋىر ئىجادىيىتىنىڭ بىر جەۋھىرى بولغان ناخشا ئېيتىش، مۇزىكا چېلىش، ئاڭلاش بىر ئادەمنىڭ ياكى بىر ئومۇمىي جەمىيەتنىڭ كىلەچەكىگە ۋە گۈللىنىشىگە زىيان يەتكۈزمەيدۇ.

غەرب دۇنياسىدىكى ھازىرقى زامان پەن-مەدەنىيەت تەرەققىياتىغا زور تۆھپىلەرنى قوشقان مىللەت ۋە دۆلەت ئەللىرى ناخشا – مۇزىكىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئۇنىۋېرسال مەدەنىيەت - سەنىتگە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىدۇ. بۇ ئەللەردە سەنئەتنىڭ جەمئىيەتنىڭ مەنىۋى ئىستېمالىدىكى ئورنى يۇقىرى بولىدۇ، سەنئەتكارلارنىڭ ھۆرمىتى ۋە جەمئىيەتتىكى ئورنىمۇ قەدىرلىنىدۇ. غەرب ئەللىرىدە ئەڭ ئىقتىدارلىق تالانت ئىگىلىرى سەنئەتكارلاردۇر، دېگەن قاراش ئومۇملاشقان. غەرىپتە يۇقىرى تاپاۋەت قىلىدىغانلارمۇ تونۇلغان ناخشىچى، مۇزىكانت قاتارلىق سەنئەتكارلاردۇر. مەسىلەن: بۇنىڭ ئۈچۈن خەلقئارالىق چولپانلاردىن مايكىل جاكسون (Michael Jackson)، خانىش گاگا (Lady Gaga)، مادوننا (Madonna) قاتارلىقلار مىسال كەلتۈرەلەيمىز. ئەرەب دۇنياسىدىن ئۆتكەنكى ئەسىرنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا ئەرەب مىللەتچىلىكى ۋە مىللىي ئويغىنىش دەۋرىدە پۈتۈن دۇنياغا تونۇلغان مىسىرلىق ئايال چولپان، ئەرەبلەرنىڭ قەلبىدە ئەڭ يۇقىرى ھۆرمەتكە ئىكەن بولغان كلاسسىك ئەرەب مۇزىكىسىنىڭ پېشۋاچىسى، ناخشىچىسى ئۇمم كۇلتھۇم خانىمنى  (Umm Kulthum) مىسال قىلالايمىز.

سەنئەت ئالاھىدە بىر تۇغما ۋە ئىرسىيەت خاراكتېرلىك تالانت تەلەپ قىلىدىغان كەسىپ. بىر ئادەم تۆت كۈن ئۆگەنسە موزدۇز ياكى ئاشپەز بولالايدۇ، ئەمما ئۇ كىشىدە تۇغما ۋە ئىرسىيەتلىك تالانت، ئۆگىنىش قىزغىنلىقى بولمىسا مۇزىكانت ياكى ناخشىچى بولالمايدۇ. گىرېك پەيلاسوپى پلاتو ئېيتقاندەك "سەنئەتنىڭ جان تومۇرى بولغان مۇزىكا ئۇ ئىنسان ئەقىل-پاراسىتىنىڭ ئاشكارا ھالدا ئەڭ يۈكسەك دەرىجىدىكى نامايەندىسىدۇر."

غەرب ئالىملىرى نۇرغۇن ئىلمىي تەتقىقات ۋە تەجرىبىلەردىن كېيىن مۇزىكا ئادەم مېڭىسىنىڭ تەپەككۇر، خاتىرىلەش ۋە ئىنكاس ئىقتىدارلىرىنى ئىلگىرى سۈرىدىغانلىقىنى ئىسپاتلىدى ۋە شۇ ۋەجىدىن بىر قىسىم دوختۇرخانىلاردا بىمارلارنى مۇزىكا بىلەن داۋالاش كەسىپلىرىنى يولغا قويدى.  دېمەك، سەنئەت ئادەملەرنىڭ ئىچكى دۇنياسىغا تەۋە تەپەككۇرلىرى بىلەن زىچ باغلانغان. جۈملىدىن ئەگەر سىز مۇزىكىنى چۈشەنسىڭىز، مۇزىكا ئاڭلاشنى بىلسىڭىز، ئۇ تەبىئىيكى سىزنىڭ دۇنيانى تەپەككۇرىڭىزغا باغلاپ چۈشىنىشىڭىزگە ياردەمچى بولالايدۇ.

ئۇنداقتا ئەمدى گەپنى ئۆزىمىزدىن باشلايلى: ئۇيغۇرلار باشقا تەرەققىي قىلغان دۆلەت ۋە مىللەتلەردەك تەرەققىياتقا موھتاج، ئىلىم پەن ئارقىلىق گۈللىنىش، ئىقتىسادىي ۋە مەنىۋى يېڭى تەرەققىياتلارغا ئېرىشىش، ئۇيغۇر مىللىي مەۋجۇتلۇقىنىڭ ھۇلىنى مۇستەھكەملەش ھەممىمىزنىڭ بۇ ئەسىردىكى ئالىي ئىنتىلىشىدۇر. ئەمما، بۇ ئىنتىلىش ھەرگىزمۇ ئەدەبىيات - سەنئەتكە سەل قاراش بەدىلىگە ئەمەلگە ئاشماسلىقى كېرەك. شۇنى ئېسىمىزدە تۇتۇشىمىز زۆرۈركى غەربتىكى تەرەققىي قىلغان ئەللەر ئۆز تەرەققىياتىنى ئىككى چوڭ كۈچ بويىچە ئۆلچەيدۇ، ئۇنىڭ بىر قاتتىق كۈچ (پەن تېخنىكا ئاساسىدىكى يۇقىرى تېخنىكىلىق يىرىك سانائەت تەرەققىيات كۈچى)، ئىككىنچىسى يۇمشاق كۈچ (بۇ ئىجتىمائىي، ئىقتىسادىي ۋە مەدەنىي كۈچ). ئەگەردە بىر دۆلەت پەن-تېخنىكا ۋە سانائەتتە پەۋقۇلئاددە تەرەققىي قىلغان بولسىمۇ، ئەمما مەدەنىي ۋە ئىجتىمائىي ساھەلەردە تەرەققى قىلمىسا، بۇنداق دۆلەت  بۇرۇن ياراتقان تەرەققىياتلىرىنى تەدرىجىي ۋەيران  قىلىدۇ. بۇنداق دۆلەت ئاخىر مەنىۋىيەت ۋە روھىيەت گادايلىقىغا پېتىپ، زاۋاللىققا يۈز تۇتىدۇ.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ھە دېسىلا ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ تۈۋرۈكى بولغان ئۇيغۇر مۇقام، ناخشا-مۇزىكا سەنئىتىگە سەلبىي قاراش شامىلى كۈچەيمەكتە. ئەگەر بۇ شامال بىتەرەپلىك ھالدا داۋاملىق كۈچەيسە، ئەسلىدىنلا ئاساسىي ئاجىز، تەۋرىنىپ تۇرغان ئۇيغۇر مىللىي كىملىكىگە ناھايىتى كوپ زىيانلارنى ئېلىپ كېلىشى مۇمكىن.

ئىشەنچلىك مەنبەلەردىن بىلىشىمچە تۈرلۈك ئۇيغۇر ئىجتىمائىي ئالاقە ۋاسىتىلىرى، ئۇيغۇر تور بەتلىرى، ئۇندىدار قاتارلىق تاراتقۇ ۋە مېدىيالاردا، جامائەت ئىجتىمائىي سورۇنلىرىدا بەزى قېرىنداشلىرىمىزنىڭ "نورۇز بايرىمى ھارام"، “ناخشا-مۇزىكا ھارام” دېگەندەك پەتىۋالارنى بېرىشى نەتىجىسىدە ۋەتىنىمىزنىڭ خوتەن، قەشقەر ۋە غۇلجىنىڭ بىر قىسىم يېزا-بازارلىرىدا "توي-توكۇنلەردە نەغمە قىلىش ھارام" دەپ قارىلىپ، ئۇيغۇر تويلىرى ئافغانىستاننىڭ تالىبانلار دەۋرىدىكىگە ئوخشاش ناخشا – سازسىز، ئۈن-تىنسىز ئۆتكۈزۈلىدىغان بولۇپ كېتىپتۇ.

ئىسلامى نۇقتىدىن ئېيتساقمۇ، ياراتقۇچى ئاللاھ بىز بەندىلەرنى ئاق، قارا، سېرىق، قوڭۇر قىلىپ تۈرلۈك رەڭ ۋە تىللار بىلەن ياراتتى. جانابى ئاللانىڭ قۇدرىتى بىلەن بىر-بىرلىرىدىن پەرقلىق يارىتىلغان بەندىلەرگە ئاللاھ يەنە ئۆزلىرى ياشايدىغان تەۋە زېمىن ۋە مەدەنىيەت يارىتىشنىڭ ئەقىل ۋە تەبىي ئىمكانلىرىنى بەردى. شۇڭا بىز ھەممىمىز ئاللانىڭ سۆزى بولغان “يارىتىشنى مەن ياراتتىم، قانداق يارىلىش بەندىنىڭ ئۆزىدىن” دىگە سۆزىنى ياخشى بىلىمىز. دىمەك ئاللاھ ياراتقان بەدىللەرنىڭ ئۆزلىرى ياشىغان زېمىن، تىل، مەدەنىيەت ئورتاقلىقى ئاساسىدا مىللەت بولۇپ ئويۇشۇپ ياشىشى ئاللاھنىڭ ئىرادىسى ئاساسىدا بولغانلىقى ئۇچۇن ئىسلامىي قىممەتكە زىت بولمىغان، شۇ مىللەت ۋە قوۋمنىڭ نورمال ئۆز مەدەنىيەت- سەنئتى بىلەن شۇغۇللىنىشى، ناخشا ئېيتىشى، مۇزىكا چېلىشىمۇ مۇخالىپ بىر ئىش ئەمەستۇر.

ئۇيغۇر ئەدەبىيات سەنئىتىنىڭ تەرەققىياتىدا بىز ساندىن كۆپرەك سۈپەتكە، سۈپەت ئارقىلىق نەتىجىگە دىققىتىمىزنى مەركەزلەشتۈرۈشىمىز، خەلقىمىزنىڭ روھىي ۋە مەنىۋى ئېھتىياجىنى ھەر ۋاقىت ئېسىمىزدە تۇتۇشىمىز كېرەك. توغرا، بۇ تەرىپىنى بىز ئېتىراپ قىلالماي تۇرالمايمىزكى، بىزدە سەنئەتچىلەر ناھايىتى كۆپ ئەمما ئۇلاردىن قانچىسى ھەقىقىي سەنئەتكار بولالىغان؟ ئۇلار ئارىسىدىن قانچىسى ئۆز سەنئەت كەسپىدە نەتىجە قازىنىپ خەلقىنىڭ تۆرىدە ئورۇن ئالالىغان؟ بىزدە سەنئەت كەسپىدە نەتىجە قازانغان ئابدۇللا ئابدۇرېھىمدەك، سەنۇبەر تۇرسۇندەك، ئابدۇرەھىم ھېيتتەك، ئەسقەر كۆكبۆرە ياكى ئەركىنلەردە خەلق ياقتۇردىغان سەنئەتكارلىرىمىزدىن يەنە قانچىسى بار؟ سانى ساناقلىقلا، ناھايىتى ئاز. قىسقىسى ئۇيغۇر سەنئىتىدە بىزگە سان ئەمەس، سۈپەت، نەتىجە كېرەك.

كەلگۈسىدە بىز ئۇيغۇرلاردىنمۇ مايكېل جاكسون، مادونا ياكى خانىش گاگا دەك دۇنياۋى چولپانلار چىقارمۇ؟ ياكى بولمىسا ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە دۇنياغا تونۇلغان قوشنىمىز ئۆزبېكىستاننىڭ سەۋارا نازىرخان، شېرئەلى جورايېۋ، يۇلدۇز ئوسمانوۋا دەك چولپانلىرى چىقارمۇ؟

دەرۋەقە بىز ئۇيغۇرلار سەنئەتخۇمار، خۇش چاقچاق، تەبىئىتىمىز ئوچۇق، ئاقكۆڭۇل خەلق. "قاغا ئۆز بالىسىنى ئاق دەيدۇ" كى ھەرگىز قارا دېمەيدۇ. شۇڭا بىز ئۇيغۇرلار ئۆز سەنئىتىمىزدىن ھەر ۋاقىت پەخىرلىنىشىمىز كېرەككى، ئۇنىڭدىن چانماسلىقىمىز، ئۇنىڭ توغرا يۆلنىشتە دۇنياۋىي تەرەققىياتى ئۇچۇن ئىزدىنىشىمىز، ئۆزىمىزنىڭ پۇتىغا ئۆزىمىز پالتا چېپىشتىن ساقلىنىشىمىز كېرەك. بىز ئاۋۋال ئۆزىمىزنى مەدەنىيەت، سەنئەت، تىل ۋە دىلداش قوشنىللىرىمىزغا، ئاندىن دۇنياۋى سەنئەت ساھەسىگە سېلىشتۇرساق بىز ئۆزۇمىزنىڭ قانچىلىك ئارقىدا ئىكەنلكىمىزنى بايقايمىز. ئۇيغۇر سەنئىتىنىڭ تەبىئىي جەلپ قىلىش كۈچى، چەكلىمىسىز ئەركىن ئىجادىيەت يارىتىش ۋە ئورۇنلاش ئىقتىدارلىرى ئاجىز.  ئۇيغۇر سەنئىتى بولۇپمۇ ئۇيغۇر مۇقام، ناخشا-مۇزىكىسى ئەنئەنىۋىلىكىنى ساقلىغان ئاساستا تېخىمۇ تەرەققىي قىلدۇرۇشقا موھتاجدۇر.



ئۇيغۇر سەنئىتى ئون نەچچە يىللاردىن بۇيان باشقا مىللەت سەنئەتلىرى بىلەن رىقابەتلىشىش ئېڭىدىن مەھرۇم بولۇش، يېڭىلىق يارىتىشتىن چېكىنىش ياكى ئۆز ئىزىدا توختاپ قېلىشتەك بۇرۇقتۇرما ھالەتلەر سەۋەبلىك خەلقىمىزنىڭ ناخشا-مۇزىكا ئىستېمالىدا ھە دېسىلا ئۆزبېك، خەن، ھىندى، تۈرك، ئەرەب، ياۋروپالىقلارنىڭ سەنئەت ئوسۇلۇبى ۋە مەنبەلىرىدىن كۆچۈرمىكەشلىك قىلىدىغان ئەھۋاللار ئەۋج ئېلىپ كۆزگە كۆرۈنەرلىك شالغۇت ئۇيغۇر ناخشا –مۇزىكا سەنئىتىمۇ پەيدا بولغىلى خېلى ۋاقىتلار بولۇپ قالدى. مۇنداق بولۇشى تەبىئىيكى ئۇيغۇر ناخشا-مۇزىكا سەنئىتىنىڭ خەلقىمىزنىڭ، بولۇپمۇ ياشلىرىمىزنىڭ ئېھتىياجىنى قاندۇرالمىغانلىقىدىن بولغان دەپ قارىساق خاتالاشمايمىز. سەنئەتكارلىرىمىز بۇندىن كېيىن ئىمكان بار خەلقئارا سەھنىلەرگە چىقىش پۇرسەتلىرىنى قولغا كەلتۈرۈشى كېرەك. ئۇيغۇر سەنئىتىنىڭ ئۆز ئەنئەنىسىسىنى ساقلىغان ھالدا دەۋىرگە ماسلىشىپ تەرەققىي كۈچىنى ئاشۇرشىمىز زۆرۇر. ئۇيغۇرلار ناخشا-مۇزىكا سەنئىتىدە دائىم ئىمپورت قىلغۇچىلىقتەك پاسسىپ ئىستىمالچىلىق ئورنىدىن چىقارغۇچى- ئاكتىپ ئېكسپورت قىلغۇچىلىق ئورۇنغا ئۆتۈشى كېرەك. ئەگەر شۇنداق بىر مۇۋەپپەقىيەت سەنئىتىمىزدە شەكىللەنسە ئۇيغۇرلار ھېچ بولمىسا دەسلەپكى قەدەمدە بولسىمۇ، ئۆزىنىڭ يۇمشاق كۈچى بارلىقىنى، ئۆزلىرىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى مەدەنىي دۇنياغا بىلدۈرەلىگەن بولىدۇ.

ئۇچۇر دەۋرىدە، بۈگۈنكى دۇنيانىڭ بىر گەۋدىلىشىشى تېزلىمەكتە، شۇڭا ئۇيغۇرلار ئىمكان بار دۇنيا بىلەن بىرگە گەۋدىلىشىشكە يۈزلىنىش پۇرسىتىنى مەھكەم تۇتىشى،  ئەڭ ئاددىيسى ئۆزلىرىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى جاھانغا بىلدۈرۈپ تۇرۇشى ھەر تەرەپلەردىن زۆرۈرىيەتتۇر. ئەلۋەتتە سەنۇبەر تۇرسۇندەك تېخىمۇ كۆپ تونۇلغان تالانتلىق ناخشىچىلىرىمىزنىڭ خەلقئارالىق سەھنىلەرگە چىقىپ ئۇيغۇر ناخشا-مۇزىكا سەنئىتىنى ئورۇنلىشىدا، ئۇيغۇرلارنى دۇنيا ئەھلىگە تونۇشتۇرۇشىدا، دۇنيا جامائىتىنىڭ دىققىتىنى ئۇيغۇرلارغا مەركەزلەشتۈرۇشتە سەنئەتنى ئوينايدىغان رولى ئىنتايىن ئەھمىيەتلىك بولىدۇ. شۇنداقلا ئۇيغۇر سەنئىتى جۈملىدىن ناخشا-مۇزىكىسى دۇنيا سەھنىسىگە چىقسا خەلقىمىزگە مەنىۋى شۆھرەت، ئىشەنچ، ئىززەت، ئۆزلۈك ۋە مەۋجۇتلۇق تۇيغۇسى ئېلىپ كەلسە كېلىدۇكى، ھەرگىز زىيان ئېلىپ كەلمەيدۇ. ئۇيغۇرلار بۈگۈنكى كۈندە تارىختىكى ھەرقانداق ۋاقىتتىكىدىنمۇ بەكرەك دۇنيا ئەھلىنىڭ ئۆزنى توغرا چۈشىنىشىگە موھتاج.

مەن يېقىندا يەنە سەنۇبەر تۇرسۇن يېتەكچىلىكىدە بىر گۇرۇپپا ئۇيغۇر مۇزىكانتلىرىنىڭ بۇ يىل 15– ئاۋغۇست بۈيۈك بىرىتانىيە شوتلاندىيە كېنەزىنىڭ پايتەختى ئېدىنبورۇغدا "ئېدىنبورۇغ 2014- يىللىق مۇزىكا فېستىۋالى"
  (Edinburgh International Festival 2014) غا قاتنىشىشقا رەسمىي تەكلىپ قىلىنغالىغىنى ئاڭلاپ سۆيۈندۈم. ئاللاھ نېسىپ قىلسا بۇ فېستىۋالغا بارماقچىمەن.

زامانىمىزنىڭ ئىپتىخارلىق يۇرتى غۇلجا دىيارىدا تۇغۇلۇپ ئۆسكەن بۇلبۇل، خەلقىمىزنىڭ سۆيۈملۈك سەنئەتكارى سەنۇبەر تۇرسۇن، سىزگە دۇنيا سەھنىسى ئەمدى ئېچىلدى!  كېلىڭ، دۇنيا سەھنىسى سىزنى كۈتۈۋاتىدۇ. ھازىرقى زاماننىڭ بۈيۈك قامۇسلارغا ئىسمى چۈشمىگەن ئۇيغۇرنى سىز بۇلبۇل كەبى خۇش ئاۋازىڭىز بىلەن، مۇڭلۇق دۇتارىڭىز بىلەن تونۇتۇڭ! سىز ئەمدى راستىنىلا قاناتلاندىڭىز. سىز ئۇيغۇرنىڭ قىتئەلەر ئارا قاناتلانغان بىردىن بىر كۈيچىسى سىز. سىز ئۇچۇڭ، قىتئەلەر ئارا ئۇچۇپ ئۇيغۇرنىڭ ھايات ناخشىسىنى جاھانغا ياڭرىتىڭ!

- 2014 يىلى 25- ئىيۇن، لوندون

(تۇگىدى)

0

تېما

2

دوست

752

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   50.4%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  28809
يازما سانى: 38
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 238
توردىكى ۋاقتى: 59
سائەت
ئاخىرقى: 2014-9-11
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-28 12:39:39 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
خۇش بولدۇم،سىزگىمۇ رەخمەت،ئەسەرلىرىڭىزگە تەشنامىز
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

0

تېما

10

دوست

2753

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   25.1%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  22001
يازما سانى: 200
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 836
توردىكى ۋاقتى: 165
سائەت
ئاخىرقى: 2014-9-10
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-28 17:01:45 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
“ئىنسانلارنىڭ قەلبىگە ئەڭ كۈچلۈك تەسىر قىلىدىغان مۇزىكىلارنى ئادەتتە تارىخى ۋە پۈتۈن ھايات كەچمىشىدە ئېغىر تالاپەتلەرگە، نامراتلىق، زوراۋانلىقلار، مۇستەملىكە قىلىنىش ھەتتا ئىرقىي قىرغىن قىلىنىشلارغا كۆپ ئۇچرىغان ئېزىلگەن خەلقلەر يارىتىدۇ، ئەمما بۇ خەلقلەر بۈگۈنكى دۇنيانىڭ ئاتالمىش سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي سەھنىسىدە “كۈچسىزلەر” دەپ قارىلىدۇ”

-   مايكېل ك ھېندېرسئانMichael K. Henderson  (ئامېركىلىق مۇزىكانت ۋە جەمئىيەتشۇناس)
مۇشۇ ئىبارىلەرنى كورۋېتىپ ئىختىيارسىز كوز چاناقلىرىم نەملەنگەنلىگىنى ھىس قىلدىم!

7

تېما

3

دوست

6178

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   23.56%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  4402
يازما سانى: 273
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى: 1103
تۆھپە : 1176
توردىكى ۋاقتى: 378
سائەت
ئاخىرقى: 2014-8-21
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-28 22:01:01 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قەدىرلىك دوستۇم، سېنىڭ بۇ 3 قىسىملىق راست ئىشلار خاتىرەڭنى ئوقۇپ، قەلەم قۇۋۋىتىڭنىڭ يۈكسەك پەللىلەر تامان مەۋج ئۇرۇپ بۋرىۋاتقانلىقىنى ھىس قىلماي تۇرالمىدىم. مەن سەندىن پەخىرلىنىپ ئىنكاسلار ئارا: «بۇنى يازغان مېنىڭ ئەڭ يېقىن دوستۇم!!! بۇنى يازغان مېنىڭ ئەڭ، ئەڭ، ئەڭ يېققىن دوستۇم!!!...» دەپ جاكارلىغۇم كەلدى.... نىھايەت، بۇ يازمىلىرىڭدىن ئۇيغۇر ئەدەبىيات- سەنئىتىنىڭ كەلگۈسىنى، كېلەچىكىنى كۆرگەندەك بولدۇم، سالامەتلىكىڭنى ئاسرا، قەلەم قۇۋۋىتىڭنىڭ كۈچلۈك ۋاقتىدا مۇشۇنىڭغا ئوخشاش ياخشى يازمىلىرىڭنى بىزدىن ئايىمىغايسەن!

16

تېما

13

دوست

2736

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   24.53%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  14288
يازما سانى: 43
نادىر تېمىسى: 12
مۇنبەر پۇلى: 112
تۆھپە : 1074
توردىكى ۋاقتى: 136
سائەت
ئاخىرقى: 2014-9-7
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-29 01:33:00 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سالامۇ ئەلەيكۇم! رەخمەت دوستۇم! ياخشى تىلەكلىرىڭنى سەمىمىيەت بىلەن قوبۇل قىلدىم. مۇندىن كېيىن ئىمكانىمنىڭ يار بېرىشىچە ئۇيغۇرۇمنىڭ خىزمىتىدە بولۇشقا، خەلقىمنىڭ قەلەمگە ئېلىنمىغان ھايات-كەچمىشلىرى توغرىسىدا يېز شقا تىرشىمەن.... ئىنشاھئاللاھ! بۇ رامىزان ئېيى  بەركەتلىك بولسۇن! ساڭا ۋە سەن ئارقىلىق بارلىق قېرىنداشلارغا سالام يوللايمەن!

ھۆرمەت بىلەن: ئەلكۈن

4

تېما

1

دوست

621

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   24.2%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  29784
يازما سانى: 40
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 13
تۆھپە : 176
توردىكى ۋاقتى: 15
سائەت
ئاخىرقى: 2014-8-16
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-29 16:44:36 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
“مۇزىكىسىز ھايات خاتادۇر”

مۇزىكىسىز ھايات خاتا بولىشى ناتايىن،

ئىلىم-بىلىمسىز نادانلارچە ياشىغان ھايات  ھەقىقى خاتادۇر،

ئالمىدەك يۈرەكت

4

تېما

9

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   21.71%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  9801
يازما سانى: 1488
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 2259
تۆھپە : 4091
توردىكى ۋاقتى: 1236
سائەت
ئاخىرقى: 2014-9-9
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-30 00:30:47 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەلكۈن ئۇستاز تىل ئىپادىلەش جەھەتتىكى ئارتۇقچىلىقىڭىز  بىلەن  سەنۇبەر خانىمنىڭ ياۋروپادىكى سەنئەت پائالىيەتلىرىنى ناھايىتى ئەتراپلىق يۇرۇتۇپ بېرىپىسىز. سىزنىڭ سەنئەتكە توغرا مۇئامىلە قىلىش توغرىسىدىكى تەشەببۇسىڭىزنى قوللاش بىلەن بىرگە ،بۇنىڭدىن كېيىنكى يېزىقىچىلىق ئىشلىرىڭىزغا تېخىمۇ بەركەت تىلەيمەن. شۇنچە ئالدىراش ۋاقىت ئىچىدىن ۋاقىت چىقىرىپ ،قىممەتلىك يازمىلارنى يازغىنىڭىزدىن دىلىم سۆيۈندى. سىزگە خاتىرجەملىك يار بولسۇن.

2

تېما

1

دوست

1192

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   19.2%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  19005
يازما سانى: 79
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى: 19
تۆھپە : 388
توردىكى ۋاقتى: 30
سائەت
ئاخىرقى: 2014-9-10
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-1 14:05:50 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىر چىرايلىق ھېكەيە بولۇپتۇ. جەۋھەر سەنئەتنى ۋايىغا يەتكۈزۈش ئۇنچە ئاسان بولمىسىمۇ ياتلارنىڭ ئالدىدا مەيدىسىنى كۆتۈرۈپ يۈرەلەيدىغانلار يەنىلا ساناقلىق. ئاق بوز ئاتقا يۈكلەنگەن ئاق تىلەكلىرىم سىلەرگە بولسۇن.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )