كورلا كۆيۈكلىرى...
قەيسەر مىجىت
باش ئەگىمنىڭ كەڭ قوينىدا ياتارمىش، ئاشىق-مەشۇق تاھىر-زۆھرە ئۇيقۇدا. بىر چاغلاردا كۆز تاشلىغان ياش قەلبىم، سۆيگۈگە باي گۈزەل يۈرت كورلىغا.
نەچچە قىتىم بىر كىچىدىن قونغانتىم، يول ئۈستىدىن ئورۇن ئالغان بىكەتتە. ئۇخلاتمىغان ياش قىزلارنىڭ كۈلكىسى، خىياللارنى غەرق قىلىپ ھەۋەسكە.
سۇ ئالغىلى تۇرۇبىغا چىققان قىز، ھىيىقىش بار، قىزىقىش بار سىنىڭدە. ناز ئەمەستۇر قاراشلىرىڭ، جىلۋە-ئۇ، دولقۇن ھاسىل قىلغان ئىدى قەلبىمدە.
ھەتتىگىنەي، ياشلىق شۇنداق ساراڭكەن، ئوڭ-تەتۈرى بولمايدىكەن بىر ھازا. ھوزۇرلانغان كورلا سىنىڭ باغرىڭدا، قانائەتتە چاۋاك چىلىپ ئىشتىھا!
ئادەملىرىڭ شۇنچە ياخشى، شۇنچە ئۆز، ئەتىر بولۇپ گۈپۈلدەيدۇ ئېسىللىق. پەرىشتىدەك قىزلىرىڭ بار، پالۋان ئەر، زەررىچە يوق، تەبئىتىدە بېخىللىق!
بارغۇم بارتى مىنىڭ كۆنچى بويىغا، ئۈزگۈم بارتى مىنىڭ باغراش كۆلىدە. ياشلىغىمدا پەيدا بولغان بۇ ئارزۇ، تاشلىمىغاي ئالما قىپ دىل چۆلىگە.
ئۇلۇغ يۇرتلار سۆيگۈسىدە توقۇدۇم، ھىسلىرىمنى ئۆمۈچۈك تور سالغاندەك. كورلا سىنى سېغىنىشتا ئەسلەيمەن، ھەر ئەسلەشتە مەن بولىمەن بارغاندەك!
|