- تىزىملاتقان
- 2014-2-12
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-4-28
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 2155
- نادىر
- 0
- يازما
- 77
ئۆسۈش
  5.17%
|
ھەيدەر يوللىغان ۋاقتى 2014-6-30 00:03 
ئابداللار توغرىسىدا مىرسۇلتان ئوسمانوف ئەپەندىنىڭ مۇ ...
دۇرۇست، خۇسۇسەن دىيارىمىزدا ياشاۋاتقان ھازىرقى دەۋر ئابداللىرىنىڭ بۈگۈنكى كۈندە ئۇيغۇرلىشىش جەريانىنى تاماملاپ بولدى. بىراق تىلشۇناس ئىلگىرى ئەھۋال ئىگەللىگەن چېغىدا ۋاقت يېتىشمەسلىكى، قەبىلىنى تېپىشنىڭ تەسلىكى، تاپقاندىمۇ ئاغىزىدىن گەپ ئېلىشنىڭ تېخىمۇ مۇشكۈللۈكى ۋە باشقا شارائىتلارنىڭ چەكلمىسىنىڭ دەستىدىن ئاران نەچچە يۈز سۆزگىلا ئىگە بولۇپ، شۇ ئىشىنى تاماملاپتىكەن. ھەمدە «مېنىڭچە مەن ئىگە بولالمىغانلىرىنى قوشۇپ ھېسابلىغاندا، جىق بولغاندا مىڭدىن ئوشۇق مۇستەقىل سۆزى بار» ھەم«ھابداللار تىلى بەزەن سۆز ياساش قائىدىسىگە ئىگە» دەپتىكەن. ھەم ئۇ تىلنىڭ ئۆزىنىڭ لېكسىكىسى بار ئىكەن. بىلىۋالغىلى بولىدۇ كى، تىلشۇناس ئۆزىمۇ ئەتراپلىق تەتقىق قىلغىلى قۇربى يەتمىگەنلىكىنى ئىپادىلىگەن ھەم مۇستەقىل سۆزلەرنىڭ ئۆزى مەلچەرلىگەندىكى سانىنىڭ، ئۆزى ئىگە بولغان ساننىڭ ئۈچ-تۆت ھەسسىگە باراۋەر بولۇش مۇمكىنلىكىنى ئېيتقان. بۇ پەقەت تىلشۇناسنىڭ تەسەۋۋۇرى. ئەينى زاماندا ئابداللارنىڭ تىلىنىڭ نەچچە مىڭ ياكى نەچچە تۈمەن مۇستەقىل سۆزگە ئىگە ئىكەنلىكىنى ئۇقۇش ئىمكانىيىتى بولماپتىكەن. ئەلۋەتتە ھازىر بىلىگىلى بولۇش مۇمكىنلىكى تېخىمۇ كىچىك. شۇڭا ھېبولمىغاندا ئەينى يىللاردىكى ئابداللارنى ئايرىم مىللەت دېگىلى بولمىغاندىمۇ، ئايرىم تىلغا ئىگە قەبىلە بولىدۇ. |
|