يىمەكلىك بىخەتەرلىك قانۇنى تۇنجى قىتىم ئۆزگەرتلدى،تۇنجى قىتىم پۈتۈن جەريان سۈرۈك تۈزۈم ئۇتتۇرغا قۇيۇلدى 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمى كومتىتنىڭ 9-قىتملىق يىغىنى بۈگۈن بىيجىڭدا ئىچىلدى،يىغىندا تۇنجى قىتىم يىمەكلىك بىخەتەرلىكى قانۇننىڭ ئۆزگەرتىپ تۈزۈلمەكچى بولغان سىناق نوسىقىسىدۇر. بۇ قىتمقى ئۈزگەرتىش بولسا 2009-يىلى يىمەكلىك بىخەتەرلىك قانۇنى ئىلان قىلىپ يولغا قۇيۇلغاندىن بۇيان تۇنجى قىتىم ئۆزگەرتىلىشى ھىساپىلىندۇ. دۆلەتلىك يىمەكلىك دورا نازارەتنى باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ باشلىقى جاڭ يۇڭ نىڭ چۈشەندۈرشىچە،بۇقىتىمقى ئۆزگەرتىشنىڭ ئاساسلىق تەكىتلىدىغىنى ، بىرىجىدىن، ئالدىنى ئىلىشنى ئاساس، خەۋىپ خەتەر مۇداپىيدە تۇرۇش. ئىككىنجدىن، ئەڭ قاتتىق بولغان پۈتۈن لىنىيەلىك نازارەت تۈزۈمىنى قۇرۇپ چىقىش.ئۈچىنجىدىن، ئەڭ قاتتىق بولغان ھەر قايسى تەرەپ قانۇنى مەسئۇلىيەت تۈزۈمىنى قۇرۇش.تۆتىنجىدىن، يىمەكلىك بىخەتەرلىكىنى جەمىيەت بىرلىكتە تىزگنلەشنى يولغا قۇيۇش.كۆپلىگەن مۇتەخەسىسلەرنىڭ " ئىقتىزاد پايدىلانما گىزىتى"نىڭ زىيارىتىدە بۈلدۈرىشىچە بۇ قىتىمقى سىناق نوسقىسدا تۇنجى قىتىم يىمەكلىك ئىشلەپ چىقارغۇچى كارخانىلارنىڭ جەزمەن يىمەكلىك سۈرۈك باشقۇرۇش تۈزۈمىنى ئۇرنىتىشى،توردىكى يىمەكلىك سودىسىدا ئۈچىنجى تەرەپ مەسئۇلىيتىنى كۈچەيتش، يىمەكلىك بىخەتەرلىكى قانۇنسىز تەننەرخنى كۈپەيتشنى تۇسۇش قاتارلىق مەزمۇنلار بولسا بۇ قىتىم لاھىيەدە ئۇتتۇرغا قۇيۇلغان ئۈچ چوڭ بۈسۈش ھىساپلىندۇ. مۇزنى ئىرتىش تۇنجى قىتىم پۈتۈن جەريان سۈرۈك تۈزۈمنى ئۇتتۇرغا قۇيۇش مەلۇم بىر نازارەت بۈلۈمىنىڭ ئالاقىدار كىشنىڭ ئىنق بۈلدۈرىشىچە، بۇ قىتمقى ئۈزگەرتىش يىمەكلىك ئىشلەپچىقىرىش، سىتىش، يىمەك-ئىچمەك مۇلازىمىتى قاتارلىق ھەر قايسى ھالقىلاردا ئەڭ قاتتق پۈتۈن جەريان باشقۇرۇشنى يولغا قۇيۇپ،ئىشلەپچىقارغۇچىلارنىڭ ئوبىكتىپ مەسئۇلىيتنى كۈچەيتىش، بۇنىڭ ئىچىدە ئەڭ مۇھىم نوختا بولغىنى تۇنجى قىتىم ئۇتتۇرغا قۇيۇلغان سۈرۈك تۈزۈمدە. يەنە خەۋىپ خەتەرنى نازارەت قىلىش،باھالاش ۋە يىمەكلىك بىخەتەرلىك ئۈلچىمى قاتارلىق تۈزۈملەردە،مەسئۇلىيەتنى مەسلەھەتلىشىىپ بىكىتىش،خىيىم خەتەرنى دەرجە ئايرىپ باشقۇرۇش قاتارلىق تەلەپلەر ئۇتتۇرغا قۇيۇلغان .ئىگەلىشىمىزچە ،لاھىيەنىڭ -39 ماددىسىدا ،يىمەكلىك ئىشلەپچىقارغۇچى كارخانلار جەزمەن يىمەكلىك سۈرۈك باشقۇرۇش تۈزۈمنى قۇرۇپ چىقىپ، مەھسۇلاتنىڭ سۈرىكىگە كاپالەتلىك قىلىش كىرەك. يىمەكلىك ئىشلەپچىقارغۇچى كارخانلارنىڭ زامانىۋى ئۇچۇرلاشتۇرۇش ۋاستىسىنى قوللىنىشىغا رىغبەتلەندۈرۈش ۋە قوللاش ئارقلىق يىمەكلىك سۈرۈكى تۈزۈمىنى رىئاللىققا ئايلاندۇرۇش. تەرجىمىدە:ئىمىنتوختى قارلۇق(شىنجاڭ لوپ)
|