- تىزىملاتقان
- 2012-9-5
- ئاخىرقى قېتىم
- 2014-11-11
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 5451
- نادىر
- 0
- يازما
- 338
ئۆسۈش
  9.02%
|
تۈرلۈك ئالامەتلەردىن قارىغاندا ھىلارى كېيىنكى نۆۋەتلىك زۇڭتۇڭ سايلىمىغا قاتنىشىش شەپىسىنى بەرگەن ئىكەن، سايلامدا ئۇتۇپ چىقىشى ئېنىقلا. چۈنكى، تۈرلۈك ئەلرايىنى تەكشۈرۈش سانلىق مەلۇماتلىرى ۋە كىلىنتون- ھېلارى ئەر- ئايال ئىككىسىنىڭ ئامېرىكىدىكى تەسىرىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا ئامېرىكىلىقلار دۆلىتى بۈگۈن دۇچ كەلگەن بىرقىسىم كىرزىسلارنى كەلگۈسىدە بۇ ئايال (ھېلارى) زۇڭتۇڭ بولغاندىلا ئۈنۈملۈك ئوڭشىيالىشىغا ئىشىنىدۇ. ئەسلى ئۈمىدنى ئۇباماغا قاراتقان ئامېرىكىلىقلار يېقىنقى كۈنلەردە ئىراقتىكى زور مەغلۇبىيەتلىرى ۋە ئاتالمىش «ئاسىيا ئىستىراتىگىيىسى» نىڭ بىرقىسىم پۇتلىكاشاڭ، مۇرەككەپ ۋەزىيىتى سەۋەبلىك كەلگۈسىدىكى «ئايال زۇڭتۇڭ» ھىلارىغا قارىتىشى ئېنىق. ئۇنىڭ ئۈستىگە ھازىر كەلگۈسى زۇڭتۇڭ سايلىمى رىقابىتىدە ھىلارىنىڭ ئالدىغا ئۆتىدىغان رىقابەتچى نامزات يوق دېيەرلىك. يەنە بىر تەرەپتىن كىلىنتوننىڭ ئۈچ قېتىملىق ھوقۇق تۇتقان مەزگىلى ئامېرىكىنىڭ ئىتقسادى ئەڭ گۈللەنگەن، سىرتقا قارىتا ئۇرۇش قالايمىقانچىلىقى ئىشلىرىغا ئارىلىشىشى ئەڭ ئاز (يوق دېيەرلىك، بولغاندىمۇ چوڭ كۆلەملىك ئەمەس) بىر دەۋر بولۇپ، ئامېرىكا زۇڭتۇڭلىرى ئىچىدە 2- دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىنكى ئەڭ قىزغىن قارشى ئېلىشقا ئېرىشكەن زۇڭتۇڭ، مۇشۇ نوقتىدىن ئېيتقاندىمۇ مۇتلەق كۆپ ساندىكى ئامېرىكىلىق يەنىلا ھىلارىنى سايلىماي قالمايدۇ.
بۇلارمۇ پەقەت مىنىڭ مۇشۇنداق ئىشلارغا بولغان چۈشەنچىلىرىم، خالاس. |
|