بىركۈنى (ئۇچقۇن)
ئۆزرىسقىمنى باشقىلاردىن تىلەپ يۈردۈم بىركۈنى ، رىسىق تالىشىپ ئىتلاردەك قاۋاپ يۈردۈم بىركۈنى . شۇنچە بايلىق تۇرسىمۇ شۈكۈر قىلماي ئۇنىڭغا ، يەنە دۇنيا غېمىدا ئات چاپتۇردۇم بىركۈنى .
بەخىت قۇشۇم بىشىمدا ئۇچۇپ يۇرسە چۆرگىلەپ، ئوقيا ئېلىپ قولۇمغا ئېتىپ چۈشۈردۈم بىركۈنى . يۇۋاش كۆرۈپ بىراۋنى چىل بۆرىدەك ئېتىلىپ ، بەدەر قاچتىم تۈلكىدەك پەيلى ياماندىن بىركۈنى .
پۇلۇم بىلەن مەردانە گۈزەللەرگە قىپ ھەۋەس ، قۇرۇق قاپچۇق قولۇمدا تەنھا قالدىم بىركۈنى . روناق تاپماي ئىشلىرىم تارتىپ كۆپلەپ زىياننى ، تەغدىر دىگەن رەزىل دەپ توۋلاپ سالدىم بىركۈنى .
ئۆز نەپسىمگە قۇل بولۇپ پەقەت مەنپەئەت ئۈچۈنلا ، پايدا كەلمىگەن دوستۇمدىن يىراق قاچتىم بىركۈنى . بارچە گۇناھ ئۆزەمدە تۆۋە قىلماي ئۇنىڭغا ، يەنە گۇناھ يولىغا قەدەم ئالدىم بىركۈنى . مەنبە: ئازغان كاللام |