- تىزىملاتقان
- 2012-7-8
- ئاخىرقى قېتىم
- 2014-7-18
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 478
- نادىر
- 0
- يازما
- 22
ئۆسۈش
  89%
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا karayamgur تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-7-16 13:59
قىممەتلىك ۋاقتىڭىزنى چىقىرىپ بۇ تەكلىپنى يازغىنىڭىزدىن سۆيۈندۈم، ھاياجانلاندىم. سەۋەبى مەن خەنزۇ مەكتەپتە 7،8 يىل يالغۇز ئىشلەش جەريانىدا قىينالدىم ,خۇدۇكسىرىدىم، يالغۇزسىرىدىم... لېكىن نۇرغۇن نەرسىلەرنى چۈشەندىم. يولداشلارنىڭ بالىلىىرى تولۇق ئوتتۇرغا قەدەم قويغاندا ،ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسى ئالدىنقى بىرنەچچە يىلدىكى ئالىي مەكتەپكە كەسىپ تاللاش قوللانمىسىنى يىغىپ ،توپلايدۇ. ئاندىن شۇ قوللانمىدىكى مەكتەپلەر ھەققىدە ماتىرېيال توپلاپ پەرزەنتلىرى تولۇق 3- يىللىققا چىققۇچىلىك بولغان ئارلىقتا مۇناسىۋەتلىك ماتېرىياللارنى تاللاپ تەييارلايدۇ .(ھەممىسىلا ئەمەس ) بالىلىرى تولۇق 3- يىللىقنى پۈتتۈرۈش ئىمتىھانىغاقاتناشقاندىن كېيىن توغرا يېتەكچىلىك قىلىشقا كۈچ چىقىرىدۇ. لېكىن بىزنىڭ بالىلىرىمىز مەكتەپتىكى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ يېتەكچىلىكىدە ئېرىشكەن ئازراق ئۇچۇرلار بىلەنلا كەسىپ تاللاشقا ئاتلىنىدۇ ....
يازغان ئۇچۇرىڭىزدىن شەخسلەر ئاچقان تەربىيلەش مەركەزلىرى پايدىلىنىپ بالىلىرىمىز ئۈچۈن مۇشۇنداق بىر كورۇس تەشكىللىسە ،شارائىتى يار بەرگەنلەر بولسىمۇ پايدىلانسا ھەم ئىقتىسادى ھەم ئىجتىمائىي ئۈنۈم ياراتقىلى بولغۇدەك..
نۇرغۇن كىشىلىرىمىز كىمدۇر بىرىنىڭ ،ئۆزى ئۆتىمەكچى بولغان بۇرۇچ ۋە مەسئولىيەتنى ۋاكالىتەن ئۆتۈشىنى كۈتىدۇ،ئۈمىد قىلىدۇ . ئەمەلىيەتتە ئۆزى ئۈچۈن باش قاتتۇرمىغان كىشىلەر ئۈچۈن ياراتقۇچۇممۇ باش قاتتۇرمايدۇ ... |
|