- تىزىملاتقان
- 2012-12-7
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-4-29
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 8229
- نادىر
- 0
- يازما
- 475
ئۆسۈش
  64.58%
|
ئامېرىكىلىق كارا ئابرامسون خانىم خەلقئارالىق نوپۇزلۇق ژورنال‹‹ئاسىيا تەتقىقاتى ژورنىلى››دا ئېلان قىلغان ‹‹جىنىسىيەت،ئۇيغۇر كىملىكى ۋە نوزۇگۇم ھېكايىسى›› تېمىلىق ئىلمىي ماقالىسىدا مۇنداق يازىدۇ:‹‹...ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ رولى ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە ئىزچىل مۇھىم سالماقنى ئىگىلىگەن.ئۇيغۇرلار ئەزەلدىن ئاياللارنىڭ رولى،ئورنىغا ئەھمىيەت بەرگەن.››ئاپتور ئۇيغۇر تىل - يېزىقىنى پۇختا بىلىدىغان بولغاچقا،موللا بىلال نازىمى،ئابدۇسەمەد نەزەرخوجا(ئۇيغۇر بالىسى) قاتارلىق تارىخشۇناسلارنىڭ نوزۇگۇم ھەققىدىكى ئەسەرلىرىنى ۋە رومان،ھېكايە قاتارلىقلارنى ئاساسەن ئوقۇپ چىققان ۋە ئۇيغۇرچە مەنبەلەردە ئېلان قىلىنغان نوزۇگۇم تەتقىقاتىغا مۇناسىۋەتلىك ئىلمىي ماقالىلارنىمۇ ئوقۇپ،سېلىشتۇرۇپ تەتقىق قىلغان. |
|