كىبىر قىلما گۇناھسىزلارغا
مەمەتتۇرسۇن ئابدىريىم ئوغلانى
قاپاق تارتما كۆزى نۇرسىزغا ، چۈشىنەرسەن ئۇنى بىركۈنى . تېرىك تۇرۇپ ئۆلۈكتەك ياشاپ ، تۈنىگەندە يۇلتۇز يوق تۈنى . بىچارىلىك ئالغاندا سېنى ، مەغرۇرلۇقنىڭ چىققايمۇ ئۈنى ؟
ئەمدى نوتا چىچەكلىگەندە ، تىللايسەنغۇ كىچىك سەۋەبلىك . ئۇنىڭمۇ بار ئارزۇ -ئارمىنى . بولغۇسى بار بوستان،چىچەكلىك . ئۇ بولغاندا سېنىڭدەك دەرەخ، بولۇر سەندەك بەستلىك ،يۈرەكلىك .
ئەسسالام دەپ ئىگىلسە بىراۋ ، كۆزۈڭگىمۇ ئىلمايدىكەنسەن . دوستى كۆرسە ئاق كۆڭلى بىلەن ، ھۆرمىتىنى قىلمايدىكەنسەن . لېكىن بىر شۇم پەلەكلەر كىلۇر ، يالغۇزلۇقتا يىغلايدىكەنسەن .
مەغرۇرلارغا ئىتلار ئەگىشەر ، ئىتتەكلەردىن كەلگەيمۇ ۋاپا ؟ سوقسۇن يۈرەك پاراسەت بىلەن ، ئۈزۈلسۇن شۇ كىبىرلىك تانا . ئادەم بولساڭ ئالەم ئالغۇچە ، خەلقىڭ بېرەر مەيلىنى ساڭا .
2014-6-21 تىيەنجىن
|