ئەركىن سىدىق ئاكىمىزدىن توردا پاتېنىت ئىلتىماس قىلىش توغرىسىدا مەسلىھەت سورايمىز! ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئەركىن سىدىق ئاكا، بۇرادەرلەر! بىر تۈرلۈك پاتېنىت بار ئىدى، ئىلتىماسنىمۇ يېزىپ خەنزۇ تىلىغا تەرجىمە قىلىپمۇ بولغان. ئەمدى مۇشۇ پاتېنىتنى ئىلتىماسقا سۇنىدىغان ئىش ئىدى(ھېلىھەم كېسەللەك سەۋەبىدىن بۇ ئىلتىماسنى سۇنۇش ئىشى 6 ئاي كەينىگە سۈرۈلۈپ كەتتى). پاتىنىتنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئىلتىماسقا سۇنالىساق(قانداق قىلساق مۇۋەپپەقىيەتلىك بولىدۇ؟) ئاللاھقا تەۋەككۈل قىلىپ ئۆز جايىمىزدا ئۆز قولىمىز بىلەن تاۋارغا ئايلاندۇرىمىز، بۇنىڭغىمۇ ئىدىيە ۋە تېخنىكا جەھەتتىن تەييارلىق بار. بۇ پاتىنىتنى قايسى يول بىلەن ئىلتىماس قىلساق بولار دەپ تورنى ئاختۇرساق جۇڭگۇ بىلىم- مۆلۈك ھوقۇقى ئىدارىسىنىڭ تور بىتىدە (http://www.cponline.gov.cn/) توردا ئىلىكتىرۇنلۇق ئىلتىماس قىلىش (电子申请) كۆزنىكى بار ئىكەن. بۇ تورغا تىزىملىتىپ ( پەقەت شۇ تىزىملاتقۇدەك سەۋىيە بار) كىرگەن بولساقمۇ لىكىن نېرىسىغا ئانچە بارالمىدۇق. ئىلتىماسنىمۇ تور ئارقىلىق بىۋاستە يوللامدۇق ياكى توردا پەقەت تىزىملىتىپ قۇيۇپلا قالغان ئىلتىماس ۋە باشقا ماتىرىياللارنى پوچتا ئارقىلىق ئەۋەتىپ بىرەمدۇق، بۇمۇ ئېنىق بولماي قالدى. توردا ئۆزىنى ئاشكارلىغان ۋە بىزگە مۇشۇ توغۇرسىدا ياردەم، مەسلىھەت بىرەلەيدىغان ئالىم، كەشپىياتچىلاردىن ھازىرچە خەۋەرسىز ئىكەنمىز. شۇڭا مۇشۇ كىچىككىنە ئىش ئۈچۈن ئەركىن سىدىق ئاكىمىزنى ئاۋارە بولۇشقا مەجبۇرى قىلىپ تۇرۇپتىمىز. ئەلۋەتتە ئەركىن سىدىق ئاكىمىزدىن باشقا بىزگە مۇشۇ جەھەتتە ياردەم قىلىشنى خالايدىغان دوسىتلىرىمىز بولسا ئۇلارغىمۇ ئوخشاشلا رەھمىتىمىزنى بىلدۈرىمىز. توردا بۇ توغرىسىدا مەسلىھەت سورىشىمىزنىڭ يەنە بىر سەۋەبى بولسا مىللىتىمىز ئىچىدىكى تىل توسالغۇسى بار كەشپىياتچىلارنىڭ پاتېنىت ئىلتىماس يولىنى ئاسانلاشتۇرۇشقا ياردىمى بولسا ھەم ئىقتىسادىنى ۋە ۋاقتىنى تىجەپ قالسا دىگەن ئۈمۈتمۇ بار. MOTIWARLAR 2014-يىلى 6-ئاينىڭ 20-كۈنى |