- تىزىملاتقان
- 2012-7-14
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-4-21
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 14690
- نادىر
- 19
- يازما
- 599
ئۆسۈش
  11.73%
|
ماڭا بىر قېرىندىشىمىز باشلانغۇچنىڭ بالىلىرىمۇ چۈشىنەلەيدىغان، ئاسترونومىيەگە ئائىت بىلىملەر كىرگۈزۈلگەن بىر ئۇيغۇرچە كىتاب تۈزۈشنى تەكلىپ قىلىپتىكەن. بۈگۈن ئۇ ئىنكاسنى ئىزدەپ تاپالماي قالدىم.
بۇ ئىش مەن قىلماقچى بولغان ئىشلار ھەققىدىكى پىلانىمدا بار. مېنىڭچە مېنىڭ ئۇنداق بىر نەرسىنى كىتاب قىلىپ بېسىپ چىقىرىشىمغا يول قويۇلماسلىقى مۇمكىن. لېكىن مەن ئۈچۈن باشقا قېرىنداشلار بىلەن بىرلىشىپ، بىر بالىلارنى ئاساسىي نىشان قىلغان تور بېتى ياساپ، ئاشۇ تور بېتىگە سىستېمىلىق ھالدا ئاسترونومىيە بىلىملىرىنى چىقىرىش ئىمكانىيى بار بولۇشى مۇمكىن. خۇدايىم بۇيرىسا مەن بۇ ئىشنى چوقۇم سىناپ باقىمەن.
ھېلىقى قېرىندىشىمىزنىڭ ياخشى تەكلىپىگە كۆپ رەھمەت.
|
|