جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ مۇقىم تەرەققىي قىلىشىنىڭ ئاچقۇچى – ئەمەلىي ئىقتىسادقا مەبلەغ سېلىش (ئۇيغۇرئاي تەرجىمىسى)
مىنىڭ تەھلىلىمگە ئاساسلانغاندا ئۆي باھاسى يەنىلا قىزىش ھالىتىدە ، بىراق بۇ خىل ئەھۋالىنى بىر نەچچە يۈزەكى سەۋەبلا كەلتۈرۈپ چىقارغان ئەمەس . ئۆتكەن بىر نەچچە يىللىق ئۆي-مۈلۈك كەسپىنىڭ ئەھۋالىنى كۆزىتىش ئەھۋالىمدىن قارىغاندا "يانار تاغ نەزەرىيىسى "نى ھازىرقى ۋەزىيەتنىڭ خۇلاسىسى دېيىشكە بولىدۇ . ئۆي باھاسىنىڭ مۇنچە ئۆرلەپ كېتىشىنى ياساش كەسپىنىڭ كەينىگە چېكىنىشى بىلەن پۇل پاخاللىقى كەلتۈرۈپ چىقارغان . ئالدى بىلەن پۇل پاخاللىقىنى ئالايلى. يېقىنقى بىر نەچچە يىلدىن بۇيان پۇل پاخاللىقى بەك ئېغىر بولۇپ كەتتى ، 2013-يىلى 11-ئايدا مەركىزى تېلېۋىزىيە ئىستانسىنىڭ بىر زىيارىتىدە مودا بولغان گەپتە دېيىلگەندەك " خەلق پۇلى جۇڭگولۇقلارغا يۈز كېلەلمەيدۇ " ئەھۋال ھەقىقەتەن شۇنداق ، ھۆكۈمەت تەرەپ سانلىق مەلۇماتىغا قارىغاندا 2007،2008،2010 يەنە 2011 –يىللىرى بىزنىڭ پۈتۈن بىر يىللىق ئىستېمال دەرىجە كۆرسەتكۈچىنىڭ ھەممىسى خەتەرلىك ئاگاھلاندۇرۇش سىزىقى 5% ئەتراپىدا ئايلانغان ، بۇنداق بولغاندا پۇلنىڭ كۇرسى چۈشۈپ كېتىپ پۇل پاخاللىقى يۈز بېرىدۇ . پۇقرالار پۇلنى نۇرغۇن جاپادا تاپىدۇ ، قانداق قىلغاندا ئۇلارنىڭ پۇلىنىڭ قىممىتىنى ساقلاپ قالغىلى ياكى ئاشۇرغىلى بولىدۇ ؟ پۇل پاخاللىشىپ مال باھاسى ئۆسۈپ كەتكەن يىللاردا پۇلنى بانكىغا قۇيۇپ ساقلىسا ئۆسۈمدىن زىيان تارتىدىغان گەپ ، كۆپچىلىككە ماۋۇ گەپنى قىپ بېرەي ، 2011-يىلى خەلق بانكىسى مەبلەغنى تۇتۇپ تۇرۇش ئۈچۈن ئۇدا تۆت قېتىم بانكا قەرەللىك ئامانەت سوممىسى ئۆسۈمىنى يۇقىرىلاتتى ، يەنى 2،75%دىن 3.5% گە كۆتۈردى . بىراق شۇ يىلى پۈتۈن مەملىكەت ئىستېمال باھا كۆرسەتكۈچىنىڭ ئېشىش نىسبىتى 4%دىن چۈشۈپ باقمىدى ، ئەڭ يۇقىرى بولغاندا 6.5% بولدى ، ستاتىستىكىغا قارايدىغان بولساق 2011-يىلى پۈتۈن بىر يىل ئىستېمال باھا كۆرسەتكۈچىنىڭ ئېشىش نىسبىتى بانكا قەرەللىك ئامانەت سوممىسىنىڭ ئۆسۈشىدىن يۇقىرى بولغان ، پۇقرالار پۇلىنى نەگە خەجلەۋاتقاندۇ ؟ مەبلەغ سېلىش يوللىرى چەكلىك بولغاچقا پۇل ئامانەت قويساق ئۆسۈمدىن زىيان تارتىمىز دەپ پايچەك ئوينايدۇ ، ئالتۇن سېتىۋالىدۇ ياكى ئۆي سېتىۋالىدۇ. ئەمدى ئىككىنچى سەۋەبكە كىلەيلى ، بۇ بەك مۇھىم يەنى ياساش كەسپى كرىزىسى. كۆپچىلىك تۆۋەندىكى ستاتىستىكىنى كۆرۈپ باقايلى ، 2012-يىلى 5-ئايدىن 2013-يىلى 5-ئايغىچە جۇڭگو ياساش كەسپى سېتىۋېلىش كۆرسەتكۈچى 50 ئەتراپىدا بولغان، ئەڭ يۇقىرى بولغاندىمۇ 2013-يىلى 3-ئايدا 50.9 بولغان . مەن نېمىشقا مۇشۇ ۋاقىتتىكى سانلىق مەلۇماتنى مىسالغا ئالىمەن ؟ چۈنكى 2012-يىلدىن باشلاپ ئىقتىسادى كرىزىس پاتقىقىغا ئېغىر پېتىپ قالغان ئامېرىكا ئىشنى ياساش كەسپىدىن باشلاپ ئومۇمى گەۋدە بۇيىچە ئىقتىسادنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى ئىشقا ئاشۇرماقچى بولغان ، بىزنىڭ ئەڭ ياخشى سەۋىيە بولغان بۇلتۇر 3-ئايدا پۈتۈن دۇنيانىڭ ئوتتۇرىچە كۆرسەتكۈچى 51.2 بولغان ، ئامېرىكىنىڭ 54.6 ، دېمەك شۇ ئايدا پۈتۈن دۇنيا ياساش كەسپى گۈللىنىش باسقۇچىدا تۇرۇۋاتقاندا "دۇنيانىڭ زاۋۇتى " ئاتالغان دۆلىتىمىزنىڭ تەرەققىيات سەۋىيىسى ئامېرىكا تۇرماق دۇنيانىڭ ئوتتۇرىچە سەۋىيىسىگىمۇ يەتمىگەن . ياساش كەسپىنىڭ ھازىرقى ئەھۋالىدىن قارىغاندا شۇنى مۇئەييەنلەشتۈرۈشكە بۇلىدىكى بىزنىڭ ياساش كەسپىمىز ھازىر چېكىنىش باسقۇچىدا تۇرۇۋاتىدۇ ، بۇنى كەلتۈرۈپ چىقارغان سەۋەب نېمە ؟ بىرىنچى ئېغىر باج ؛ ئىككىنچى مەبلەغ سېلىنمىسى يۇقىرى ؛ ئۈچىنچى ئەمگەك تەننەرخىنىڭ توختىماي ئۆسۈشى ؛ تۆتىنچى پېرېۋوت نىسبىتىنىڭ توختىماي ئۆسۈشى؛ بەشىنچى خەلقئارالىق سودا جېڭى قاتارلىقلار . ئومۇملاشتۇرۇپ ئېيتقاندا بىزنىڭ ياساش كەسپىمىزنىڭ ئومۇمىي مەبلەغ سېلىش ، تىجارەت مۇھىتى بارغانسېرى يامانلاشماقتا ، پايدىسى چوڭ كۆلەمدە تۆۋەنلىمەكتە . ياساش كەسپى كارخانىلىرىغا نىسبەتەن ئېيتقاندا دەسمايىسى غالتەككە چىققىلىۋاتىدۇ . كېيىنكى ئەھۋالىدىن غەم يېگەن كارخانىچىلار قالدى-قاتتى پۇللىرىغا ئۆي ئېلىۋاتىدۇ . شۇنداق قىلىپ پۇقرانىڭ ، كارخانىچىنىڭ پۇللىرى بىرلىشىپ قىزىپ كەتكەن ماگمىغا ئوخشاش ئۆي-مۈلۈك بازىرىنى قىزىتىۋەتكەن گەپ ، ئەگەر بۇ ماگما يىغىلىپ بىر كۈنى يانار تاغدەك پارتلايدىغان بولسا ئۆي باھاسى يىغىشتۇرۇۋالغۇسىز ئۆسۈپ كېتىدۇ . جۇڭگو ئۆي باھاسىنىڭ دۇنيادا ھېچكىمنىڭكىگە ئوخشىماسلىقىنىڭ ، يۇقىرى باجنىڭمۇ ئۆي باھاسىنىڭ ئۆسۈشىنى توسۇپ قالالماسلىقىنىڭ سەۋەبىمۇ شۇ . ئىلگىرى كىيىن بولۇپ 32 قېتىملىق ئۆي-مۈلۈك كەسپىنى تەرتىپكە سېلىش خۇددى بىر پارچە تاشنى ئېلىپ يانار تاغقا تاشلاپ قويۇپ قىزىپ كېتىۋاتقان ماگمىنى باسماقچى بولغاندەكلا بىر ئىش ، قۇلاقنى ئېتىۋېلىپ قوڭغۇراق ئوغرىلاش ھېچنېمىنى ھەل قىلالمايدۇ . مال باھاسىنىڭ ئۆسۈشىنى ، پۇل پاخاللىقىنى ئۈنۈملۈك تىزگىنلەپ ، سودا مۇھىتىنى ياخشىلىغاندا ئاندىن بۇ يانار تاغنىڭ ئوتىنى ئۆچۈرگىلى بولىدۇ .
لاڭ شەن پىڭ مىكرو بىلوگىدىن تەرجىمە قىلىندى .
رۇخسەتسىز كۆچۈرمەڭ! |