قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 521|ئىنكاس: 3

[قانۇن]دىلو مىساللىرىنى ئىشلەش ئۇسۇلى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

32

تېما

2

دوست

4007

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   66.9%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  17305
يازما سانى: 170
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى: 72
تۆھپە : 1260
توردىكى ۋاقتى: 340
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-20
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-19 20:50:26 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
1149506779.jpg

     دىلو مىسالىنى تەھلىل قىلىش سۇئالىنى ئىشلەش ئۇسۇلى

   2014-يىللىق ئەدلىيە ئىمتىھانى ئۈچۈن تەييارلىق باشلانغىلى خېلى بولدى،كۆپلىگەن دوستلار جىددى تەكرار قىلىشنى باشلىۋەتكەندۇ دەپ ئويلايمەن.كۆپلىگەن كىشىلەر كەلگۈسى ئىمتىھاندىن ئۆتۈشكە تولۇپ-تاشقان ئىشەنچىگە كەلگەن بولسىمۇ، دىلو مىسالى تەھلىل قىلىڭ دىسە قورقمايدىغان ئادەم بولمىسا كىرەك.چۇنكى بۇ دىلو مىسالى دىگەن، ئىمتىھان نۇمۇرىنىڭ قاتىلى! ھىچ شۇبھە يوقكى، بۇ كۆپچىلىك ئىمتىھانغا قاتناشقۇچىلارنىڭ كەمچىللىگى ھىساپلىنىدۇ.بۇ ئامالسىزلىقنى تۈگىتىش ئۈچۈن ،بۇ تەييارلىقنى قانداق قىلىش توغرىلىق كۆپچىلىك بىلەن ئورتاقلاشماچىمەن.بۇنىڭ بىلەن كۆپچىلىك ئاز-تولا ئۈنۈم ھاسىل قىلالىسا قىلغان ئەمەىەىمدىن رازى بولارئىدىم.
كۆپ يىللىق ئەلىيە ئىمتىھان تەجىربىللىرى ئارقىلىق ئىگەللىگەن ئەھۋالدىن قارىغاندا ،دىلو مىسالىدىن نۇمۇر ئالالماسلىقنىڭ سەۋەبى مۇنداق :
1.        سۇئال ئىشلەش سۈرئىتى بەك ئاستا بولۇپ ،ۋەقىت توشۇپ قىلىپ ئارقىدىكى سۇئاللار تاشلىنىپ قېلىش؛
2.        ھەرخىل قانۇنى مۇناسىۋەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى باغلىنىشنى بىلگەن بولساقمۇ،دىلو مىسالىنىڭ مەركىزىنى تۇتالماسلىق、 سۇئالنى ئوقۇپ بولۇپلا كاللا قۇپ-قۇرۇق بولۇپ قالىدىغان ئەۋال مەۋجۇت؛
3.سۇئالنىڭ مەزمۇنىنى چۈشەنگەن بولساقمۇ ،قانداق جاۋاپ بىرىشنى بىلەلمەسلىك、خاتا جاۋاپ بىرىپ قويۇشتىن قورقۇپ تۇرۇپ قېلىش 、ئاران قەلەمنى قولغا ئېلىپ مەركىزى نوقتىنى تۇتالماي قارا قويۇق ھەممىگە تەڭ جاۋاپ بىرىۋىتىپ نۇمۇر ئالالماسلىق؛
4.جاۋاپ بەرگەندەك قىلغان بىلەن، ئالدى-كەينى زىددىيەتلىك بولۇپ قالغاندەك تۇيۇلۇپ،ئۈچۈرۈپ قەغەزنى بويىۋىتىپ نۇمۇر تارتقۇزۇپ قويۇش قاتارلىقلاردۇر.
يۇقارقىدەك ئەھۋالنىڭ يۈز بىرىشىدىكى سەۋەپ، مۇھىم قانۇنى بىلىم نوقتىللىرىنى پۇختا ئىگەللىيەلمىگەنلىكتىن،ھەم دىلو مىسالى سۇئاللىرىنى ئىشلەش تەجىربىسىنىڭ بولمىغانلىغىدىن كىلىپ چىقىدۇ.بۇنىڭ ئۈچۈن ئىمتىھاندىن بۇرۇنقى تەييارلىقنى،ئىلگىركى يىللاردىكى ئىمتىھان سۇئاللىرىدىكى دىلو مىساللىرىنى مەشىق قىلىشتىن باشلاش、 ئىگەللەپ بولغان قانۇن نەزىريە بىلىملىرىنى تەكرار قىلىپ تۇرۇش كىرەك. مىنىڭچە “بىلىق سوغا قىلغاندىن، بىلىق تۇتۇدىغان قارماق سوغا قىلغان ياخشى”
،بۇ يەردىكى قارماق دەل دىلو مىسالى سۇئالىنى ئىشلەش ئۇسۇلىدۇر.
   خوش ،دىققەت ! “قارماق”سوغا قىلىشنى باشلايمىز:

بىرىنجىسى.
ئەلىيە ئىمتىھانىدىكى دىلو مىساللىرىنىڭ ئۇنۋېرساللىغى ۋە قىيىنلىق دەرىجىسى يۇقۇرى،قانۇن بىلىملىرىدىن ئارقىلىق مەسىلە ھەل قىلىش ئىقتىدارىنى سىناشقا بولغان تەلەپ يۇقۇرى بولغاچقا،دىلو مىساللىرىنى ئەڭ ياخشىسى قانۇن ئاساسى بىلىملىرىنى پۇختا ئىگەللەپ مەلۇم باسقۇچقا بارغاندا مەشىق قىلىش لازىم.
ئىككىنجىسى.
دىلو مىسالىنى سانىنى قوغلىشۇپ كۆپ ئىشلەپ مەشىق قىلغاندىن ،ئاز- ساز بولۇشقا چۈشۈنۈپ تەپەككۇر قىلىپ مەشىق قىلىشقا كۈچ سەرىپ قىلىش لازىم.بۇ يەردە ئۆزىڭىزنىڭ ئەھۋالىغا قاراڭ، ساننى بەك كۆپ قوغلىشپ كەتمەڭ.
ئۈچىنجىسى.
ھەر بىر دىلو مىسالىنى ئىشلەپ مەشىق قىلىشتىن ئاۋال، رەسمى ئىمتىھان مەيدانىدا ئولتۇرغاندەك قولغا قەلەم ئېلىپ  بىر قىتىم ئىشلەپ چىققاندىن كىيىن، ئاندىن ئۆلچەملىك جاۋابىغا قاراپ خاتا كەتكەن يېرى نەدە؟ كەمچىللىك يېرى نەدە؟ ئايرىپ چىقىش؛ ئۆزىڭىزنىڭ يازغىنى  بىلەن ئۆلچەملىك جاۋاپنىڭ پەرقىنى بايقاپ چىقىپ،ئوخشاش مەسىلىگە يولۇققاندا قايتا خاتالىق سادىر قىلمايدىغان دەرىجىدە ئەستايىدىل تەھلىل يۈرگۈزۈش لازىم.
مۇشۇنداق مەشىق قىلغاندىلا “مىڭ كۈن ئەسكەر مەشىق قىلدۇرۇپ، بىركۈنلۈك چەڭگە سالغاندەك” ئەمىلى ئىمتىھانغا چۈشكەندە، قىينالمايلا غەلىبە قىلغىلى بولىدۇ.
توغرا ئۇسۇل بولۇش مۇھىم ،ئەمما جەڭدە غەلىبە قىلىش ئۈچۈن جەڭ تاكتىكىسى بولۈشىمۇ زۆرۈر! دىلو مىسالى سۇئالى ئىشلىگەندە، ئەڭ ئاۋال دىلو مىسالىنىڭ قايسى قانۇندىكى مەزمۇن ئىكەنلىگىنى ئايرىماق ئانچە تەس ئەمەس.يىللاردىكى ئەدلىيە ئىمتىھانلىرىدىن قارىغاندا، ھەق تەلەپ قانۇنى ئومۇنى قائىدىسى 、كىپىللىك قانۇنى、 توختام قانۇنى、 پاتنىت قانۇنى 、مىراس قانۇنى、جىنايى ئىشلار قانۇنىن、جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى 、ھەق تەلەپ دەۋا قانۇنى 、كىسىم قانۇنى 、شىركەت قانۇنى、دۆلەت تۆلەم قانۇنى 、مەمۇرى جازا قانۇنى、 خەلقارا ئىقتىسادى قانۇن 、شۇنداقلا ئادۋۇكاتلىق قانۇنى  قاتارلىق ئون  نەچچە قانۇن –بەلگۈلىمىلەردىن سۇئال چىقىپ كەلگەن. ھەر بىر سۇئال ئايرىم بىر قانۇندىن چىقىرىلىدۇ،قانۇنلارنى گىرەلەشتۈرۈپ سۇئال چىقىرىدىغان ئەھۋال كۆپ ئۇچرىمايدۇ.بار بولغاندىمۇ ئايرىم بىر قانۇننى ئاساس قىلىپ، قالغانلىرىنى قوشۇمچە قىلىشى مۇمكىن.دائىرە بىكىتىلگەندىن كىيىن ،  زىھنى كۈچ بىلەن ۋاقىتنى تىجەپ قالغىلى بولىدۇ.ھەق تەلەپ دەۋا قانۇنى توغرىلىق چىققان ئىمتىھان سۇئالىدا، باشقۇرۇش تەۋەلىگى بىلەن داۋالاشقۇچىلار 、دەۋا تەرتىۋى دىگەنلەر ئەدلىيە ئىمتىھانىدا دائىملىق مىھمان.سۇئاللار ئاساسەن قانۇندىكى ئەڭ ئاساسى بىلىملەر ۋە قانۇنى پىرىنسىپلاردىن چىقىرىلىدۇ،شۇڭا ھەرقايسى قانۇنلاردىكى ئاساسى پىرىنسىپلارنى پۇختا ئىگەللىسىڭىز سۇئاللارغا جاۋاپ بەرمەك تەسكە توختىمايدۇ.
ئىمتىھاندا دىلو ئەھۋالىنى ئەستايىدىل تەھلىل قىلىڭ ،جاۋاپ بىرىشكە بەك ئالدىراپ كەتمەڭ.ئىمتىھان سۇئالى بەزىدە ئۇدۇل ، بەزىدە ئەگىتىپ قاپقان قۇرۇپ قويغان بولىدۇ،شۇڭا يىتەرلىك سەزگۈرلىكىڭىز بولىشى كىرەك.دىلو ئەھۋالى مۇرەككەپرەك بولغان ،توختام قانۇنى、 مىراس قانۇنى、 تەرتىپ قانۇنلىرى ئۇچراپ قالسا،ئاۋال چورنىۋاي قەغەزگە داۋاگەر-جاۋاپكارلارنىڭ قانۇنى مۇناسىۋىتنى سىزىۋېلىپ ،ئۇلار ئوتتۇرىسىدىكى ھوقۇق-مەجبۇرىيەت مۇناسىۋىتىنى ئايرىغاندىن كىيىن، رەسمى جاۋاپ قەغىزىگە يازغىنىڭىزنىڭ ئۈنىمى ياخشىراق بولىشى مۇمكىن.
دوستلار،ئۆتكەنگە قايغۇرماق بىلەن كەلگۈسىدىن ئەنسىرىمەك توغرا ئەمەس، ئادەم ھازىرقى ۋاختىنى باتۇرلۇق بىلەن چىڭ تۇتۇپ ئۆتكۈزۈش كىرەك! ئەدلىيە ئىمتىھانىدىكى دىلو مىسالى ئۆتكىلى بولمايدىغان داۋان ئەمەس،ئۇسۇل توغرا بولسا،باتۇرلۇق بىلەن چەڭگە كىرسەكلا غەلىبە  چوقۇم بىزنىڭ بولىدۇ ! ھەممىڭلارنىڭ2014-يىللىق ئەدلىيە ئىمتىھانىدا غەلىبە-ئۇتۇق قازىنىشىڭلارنى تىلەيمەن!

0

تېما

4

دوست

1775

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   77.5%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  28321
يازما سانى: 122
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 536
توردىكى ۋاقتى: 101
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-8
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-20 22:16:56 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   xogqar0998 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-6-20 22:21  

1999-يىلى تۇنجى قىتىم پىركۇراتۇرلۇققا تەيىنلىندىغانلاردىن ئىلنىدىغان ئىمتىھان(ئەينى چاغدىكى ئەدىلىيە ئىمتىھانى سودىيەلەرنىڭ، تەپتىشلەرنىڭ، ئادۋۇكاتلارنىڭ ئايرىم ئايرىم ئىلىناتتى)  ۋە 2011-يىللىق دولەتلىك ئەدىلىيە ئىمتىھانىغا قاتنىشىپ ھەر ئىككى قىتىم ئىمتىھاندىن ئوتكەن بولغاچقا،ئوزۇمنىڭ ھەر ھالدا تەجىرىبىسى بار. مەن بەزى تەجىربىلىرىمنى دەپ باقاي تۇرداشلارنىڭ پايدىلىنىپ بىقىشىنى ئۇمىت قىلىمەن.
تاللاش سۇئاللىرى  قايمىقتۇرۇش خاراكتىرىنى ئالغان بولۇپ، كوپنچە ھاللاردا توت خىل تاللاشنىڭ ئىككىسىنى ئىنكار قىلالىسىڭىز ئاساسەن يىقىنلاشقان بولىسىز، ئىككىسىدە بىشىڭىز قاتىدۇ، قايسىنى تاللاشنى بىلەلمىسىڭىز، مىنىڭ بۇ ئۇسۇلۇمنى سىناپ بىقىڭ، ب جاۋاپ بىلەن س جاۋاپ ئىچىدىن س جاۋاپنى تاللاڭ. ئا جاۋاپ بىلەن د جاۋاپتىن ئا جاۋاپنى تاللاڭ. ئا جاۋاپ بىلەن ب جاۋاپتىن ب جاۋاپنى تاللاڭ، س جاۋاپ بىلەن د جاۋاپتىن چوقۇم س جاۋاپنى تاللاڭ. بۇنى جاۋاپ تاللاشنى پەقەت بىلەلمىگەندە، مۇقۇملاشتۇرالمىغاندا قۇللىنىدىغان ئۇسۇل.  
تەجىربەمگە ئاساسەن دىلۇ مىساللىرى قىسمىغا بىرىلىدىغان نۇمۇر ئىمتىھان نۇمىرىنى يۇقىرى كۇتۇرۇشتە خىلىلا چوڭ رۇل ئۇينايدۇ، ئاساسلىقى بىرىلگەن دىلۇ مىسالىنىڭ قايسى قانۇنغا چۇشىدىغانلىقىنى بەلگۇلىۋىلىپ شۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك قانۇن ماددىلىرىنى ناھايىتى سالماقلىق بىلەن ئەسكە ئىلىشقا تىرىشىڭ، ئەسكە دەماللىققا ئالالمىغان سۇئاللارغا قارىتا ئويلىنىشنى كىيىنكى بىر سائەتكە قۇيۇپ كەينىدىكى باشقا سۇئالغا ئوتۇڭ.
سۇئاللارنى ھەرگىز ئاق تاشلاپ قۇيماڭ، قەتئىي بىلەلمىگەن سۇئاللىرىڭىزغا ئىلاجى بار جاۋاپ يىزىڭ، خىتىڭىز چىرايلىق، قۇر ئارلىقىنى بەلگۇلىشىڭىز ئولچەملىك بولسۇن، ئۇندىن باشقا ئالىي مەكتەپنى يىڭى پۇتتۇرۇپ، تەجىرىبە تۇپلاشقا،پىراكتىكا قىلىشقا  ۋاقتى يار بەرمىگەنلەر تەپتىش مەھكىمىسى، سوت مەھكىمىسى قاتارلىق ئورۇنلارغا بىرىپ ئىككى ئاي ۋاقىت سەرىپ قىلىپ ئەمەلىيەتنى بىشىڭىزدىن ئوتكۇزۇڭ. ھىسىي بىلىم بىلەن ئەلۋەتتە ئەمەلىي بىلىم بىرلەشمىسە ھەر قانچە دولىتىمىزنىڭ بارىلىق قانۇننى يادىقا بىلسىڭىزمۇ، دىلۇ مىساللىرىنى تۇغرا ئىشلەپ كىتەلمەيسىز.
ئۇندىن باشقا نەسھەتىم باشقىلاردىن كۇچۇرمەڭ، ئوزۇمنىڭ تۇغرا دەپ ئويلاڭ. باشقىلارنىڭ كوچۇرىشىگىمۇ يول قۇيماڭ. سىزگە ئىمتىھان مەيدانىدا ياخشىچاقلىق قىلغانلار، كوزىڭىزنىڭ ئىچىگە قاراپ ياردەم قىلىشنى ئوتۇنگەنلەرگە ھەرگىز ئىمتىھاندا ياردەم بىرىمەن دەپ ئىمتىھان مەيدانىدىن ھەيدەپ چىقىرلىشىڭىزغا سەۋەپچى بولۇپ قالماڭ.
ئىمتىھاندىن 3كۇن بۇرۇن چوقۇم ھاراق ئىچمەڭ! نەشە چەكمەڭ!
ئىمتىھان تەييارلىقىنى پۇختا قىلىڭ، ئىلاجى بار 2-4كىچە ئىمتىھان بىردىغانلار بىرگە تەكرار قىلىڭ.
سىزگە ئاسانلىق بولسۇن!
بۇ بەك تەس ئىمتىھانمۇ ئەمەس، لىكىن بەك ئاسان ئىمتىھانمۇ ئەمەس، مىنىڭچە سىزدە قەتئىي ئىرادىلا بولدىكەن ئوتۇپ كىتىسىز!
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

15

تېما

1

دوست

4598

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   86.6%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  813
يازما سانى: 269
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 68
تۆھپە : 1392
توردىكى ۋاقتى: 336
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-27
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-21 20:28:55 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بولسا مۇشۇ ئەدلىيە ئېمتىھانى قانداق ئېمتىھانى قانداق كىشلەر ئالسا قانداق رولى بار؟
مۇشۇ توغرۇلۇق چۈشەنچە بەرسڭىز؟
مۇشۇ جۇڭگۇدا قانۇننىڭ تۈرى نەچچە خىلغا يىتىدۇ؟ قانۇن كىتابى بەك كۆپكەن
مۇھىم نوقتا ،يىل ،سەۋەب..دېگەنلەرنى قانداق ئەستە ساقلىۋالغىلى بۇلىدۇ؟

0

تېما

0

دوست

33

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   11%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  29914
يازما سانى: 3
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 10
توردىكى ۋاقتى: 0
سائەت
ئاخىرقى: 2014-6-26
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-25 22:54:37 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالامۇئەلەيكۇم،مەن بۇيىل ئەدىلىيە ئىمتىھانىغا قاتناشماقچىتىم،يۇقىردا دىگەنلىرىڭىزمۇ خىلى ئەسقاتىدىكەن،مەقسەتكە كەلسەم ماڭا تىخىمۇ كونكىرىتنى ئۈگۈنۈش توغرۇلۇق مەسلىھەت بەرگەن بولسىڭىز. ئۈندىدار نۇمۇرۇم:1060969198
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )