‹‹ سۇلتان بۇغراخان ›› زادى قايسى خەلىقنىڭ ناخشىسى ؟
يېقىندا بىر تاكسىدا كىتىۋېتىپ ، تاكسىنىڭ cd سىدە قويىلىۋاتقان ‹‹ سۇلتان بۇغراخان ›› نامىدىكى بىر ناخشىنى ئاڭلاپ قېلىپ ، غەزەپلەنگىنىمدىن قۇيقا چاچلىرىم تىك تۇرۇپ كەتتى . مۇشۇنداق ماز ناخشىنىڭ تىكىستىنى قانداق ئىپلاس يازغاندۇ دەپ ئىزدەپ يۈرۈپ بۇ ناخشىنىڭ mtv سىنى تاپقانمۇ بولدۇم . لىكىن ناخشىنىڭmtv سىنى كۆرۈپ ھەيرانلىقتىن كۆزلىرىمگەئىشەنمەيلا قالدىم . چۈنكى ناخشىنىڭ سۆزى مۇزىكىسى خەلىقنىڭ دەپ يېزىقلىق تۇرىدۇ . شۇنىڭ بىلەن يەنە بىرمۇنچە ئىزدەپ يۈرۈپ بۇ ناخشىنىڭ خەلىق ناخشىسى ئىكەنلىكىگە دائىر ھېچقانداق ئۇچۇر تاپالمىدىم . بۇ ناخشىنى ياقتۇرۇپ ئاڭلايدىغان ، لىكىن سۇلتان ساتۇق بۇغراخاننىڭ كىملىكىنى بىلمەيدىغان كىشىلەرنىڭ قەلبىدە، سۇلتان ساتۇق بۇغراخان زادى قانداق ئوبرازدا ئورۇن ئالار . شۇڭا بۇ ناخشىنى راستىنلا خەلىق ناخشىسى ئىكەنلىكىنى ھېچبىر كاللامدىن ئۆتكۈزەلمەي مۇنبەرگە يوللىدىم . شۇڭا بىلىدىغىنىڭلارنى ئايىماي ئوتتۇرغا تاشلىغايسىلەر .
مانا بۇ ھېلقى ناخشا
چىقمىسا :
http://v.youku.com/v_show/id_XNzEyODQ2OTUy.html
سۇلتان ساتۇق بۇغراخاننىڭ ئازىراق تارىخىنى قىستۇرۇپ قۇياي .
قاراخانىيلار خانلىقى ئورخون ئۇيغۇر خانلىقى يىمىرىلگەندىن كىيىن غەرىبكە كۆچكەن ئۇيغۇر قەبىلىسى ياغمىلار تەرىپىدىن قۇرۇلغان،تۇنجى خاقانى بىلگە كۆل قادىرخان!ئىسلام دىنى سۇلتان سۇتۇق بۇغراخان دەۋىرىدە ئىسلام دىنىنى دۆلەت دىنى قىلغان. ئۇيغۇرلاردىن تۇنجى قىتىم ئىسلام دىنىغا كىرگەن، ۋە ئۇيغۇرلارغا ئىسلام دىنىنى تارقاتقان،ۋە بۇ يولدا نۇرغۇنلىغان ئۇرۇشلارنى ئىلىپ بارغان ئۇيغۇر ئورخون ئىمپىريىسى ئىچكى ۋە تاشقى سەۋەبلەر بىلەن يىمىرىلگەندىن كىيىن،ئەينى دەۋىردە قۇرۇلغان ئۈچ ئۇيغۇر خانلىقىدىن(ئىدىقۇت ئۇيغۇر خانلىقى پان تىكىن تەرىپىدىن قۇرۇلغان،قاراخانىيلار خانلىقى بىلگە كۆل قادىرخان تەرىپىدىن قۇرۇلغان،ئۇدۇن خانلىقى ئىنىق ئەمەس،) بىرى بولغان قاراخانىيلار خانىدانلىقىنىڭ خاقانى سۇلتان ساتۇق بۇغراخان تارىخىمىزدىكى ئەڭ مەشھۇر كىشىلەردىن بىرى،بۇ كىشى دەسلەپتە ساسانىيلار خاندانلىقى(ھازىرقى ئىران) دىن تەخىت تالىشىپ يىڭىلىپ قىلىپ دىيارىمىزغا پاناھلانغىلى كەلگەن ئەبۇ نەسىر سامانىي بۇ جەرياندا قاراخانىيلار خاندانلىقىنىڭ ئورۇنباسارى بولغان سۇلتان ساتۇق بۇغراخان بىلەن تونۇشۇپ ئىسلام دىنىغا دەۋەت قىلىدۇ،سۇلتان ساتۇق بۇغراخان ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلىپ ئىمان ئىيتىدۇ ۋە تاغىسىغا قارشى جەڭگە ئاتلىنىپ ھوقۇقنى تارتىۋالىدۇ ۋە پۈتۈن ئۇيغۇر قەۋمىنى ئىسلامغا دەۋەت قىلىدۇ،ۋە بۇ جەرياندا نۇرغۇنلىغان ئۇرۇشلارنى ئىلىپ بارىدۇ،رىۋايەتلەردە ئىيتىلىشچە:-پەيغەمبەر ئەلەيھىسالام بىر كۈنى ساھابىللىرىگە كۈن چىقىشنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ:-ئاشۇ جايدىن ئىسلام دىنى ئۈچۈن كۆچ چىقىردىغان كىشلەر چىقىدۇ،دىگەن ئىكەن شۇ چاغدا قىرىق ئاتلىق نۆۋكەر پەيغەمبەر ئەلەيھىسالام ۋە ساھابىلەرگە سالام بىرىپ ئۆتۈپ كەتكەن،ساھابىلەر؛-بۇلار كىم ئاللاھنىڭ رەسۇلى دىگەندە، بۇلار:-ھەزىرتى سۇلتان سۇتۇق بۇغراخاننىڭ لەشكەرلىرى، دىگەن ئىكەن.سۇلتان ساتۇق بۇغراخان مىلادى 933-يىلىدىن 955-يىلىغىچە تەختتە ئولتۇرغان بولۇپ،تەختكە چىقىپ ئۇزاق ئۆتمەيلا ئىسلام دىنىنى قاراخانىيلار خاندانلىقىنىڭ دۆلەت دىنى قىلىپ بەلگىلگەن،ھەمدە دىننى ئاساسىي بايراق قىلغان ھالدا تۆۋەندىكىدەك بىر قاتار ھەربىي پائالىيەتلەر بىلەن شۇغۇللانغان:
بىرىنجى،مىلادىيە 942-يىلى ئۇ ئەبۇ نەسىر سامانىينىڭ ئوغلى ئەلپەتتاھ بىلەن بىللە قوشۇن باشلاپ نارىن دەرياسىنىڭ جەنۇبىنى ئىشغال قىلغان،ئارقىدىنلا بالاساغۇن شەھىرىگە تۇيۇقسىز ھۇجۇم قىلىپ كىرىپ،بۇ شەھەرنى ئىگىلىگەن ھەمدە قارلۇق خانلىقىنى ئاغدۇرۇپ تاشلىغان.مۇشۇ ۋەقەدىن كىيىن،ساتۇق بۇغراخان ‹‹قاراخان››،‹‹سۇلتان››،‹‹سۇلتان ساتۇق بۇغرا قاراخان ئابدۇلكەرىم››دىگەندەك ناملار بىلەن ئاتىلىشقا باشلىغان. ئىكىنجى:-مىلادىيە 949-يىلى ساتۇق بۇغراخان ئەلپەتتاھ ۋە ئۆز ئوغلى مۇسا تىكىننىڭ قوماندانلىقىدىكى قوشۇننى ئىدىقۇت ئۇيغۇر خانلىقىغا قارشى جەڭگە ئەۋەتكەن.قوشۇن ناھايىتى دەبدەبە بىلەن يولغا چىقىپ قىسقا ۋاقىت ئىچىدىلا كۇچا،كورلا،قاراشەھەر قاتارلىق جايلارنى ئىشغال قىلغان.ئاندىن يەنە توقسۇن ئارقىلىق ئىدىقۇت ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ يازلىق پايتەختى بولغان بىشبالىق شەھىرىگە يۈرۈش قىلغان،بىراق،ئىدىقۇت ئۇيغۇر خانلىقى دەل ۋاقتىدا قوشۇن چىقىرىپ،ئەلپەتتاھ باشچىلقىدىكى قاراخانىيلار قوشۇنىغا قاتتىق زەربە بەرگەن،بۇ قىتىملىق ئوڭۇشلىزلىقتىن كىيىن،مۇسا تىكىن بىر بۈلۈك قوشۇنلىرىنى باشلاپ قاراشەھەرگە چىكىنگەن.مىلادىيە 954-يىلىغا كەلگەندە،ساتۇق بۇغراخان ئىغىر كىسەلگە دۇچار بولۇپ قالغاچقا،قاراشەھەردە تۇرۋاتقان مۇسا تىكىن قەشقەرگە قايتىپ كەلگەن،بۇ پۇرسەتنى غەنىمەت بىلگەن ئىدىقۇت خانلىقى تا كۇچاغىچە بولغان زىمىنلىرىنى قايتۇرۋالغان.
ئۈچىنجى:-ساتۇق بۇغراخان ئۇدۇندىكى(خوتەن) بۇددىست ھاكىمىيتىگە قارشى بىر قاتار غازات ئۇرۇشلىرىنى ئىلىپ بارغان.لىكىن،بۇ ئۇرۇشلاردا ئىگىرلەش ئانچە زور بولمىغان،بۇنىڭدىن باشقا،ئۇ يەنە يەتتە سۇ رايونى(ھازىر قازاقىستاندا،چىرىك چىڭ سۇلالىسى ھاكىمىيتى‹‹ئىلى شەرتنامىسى›› ئارقىلىق،ئىلىنى قايتۇرۋىلىش بەدىلىگە روسىيەگە بۈلۈپ بەرگەن،) ۋە بالقاش كۆلى ئەتراپىدا پارتىلغان ياغمىلار قوزغىلىڭىنى تىنجىتىپ،بالقاش كۆلىنىڭ شەرقى جەنۇبىدىكى رايونلارغا بولغان ھۆكۈمرانلىقىنى تۇراقلاشتۇرغان.
ئومۇمەن،سۇلتان ساتۇق بۇغراخان ئۇيغۇرلاردىن تۇنجى قىتىم ئىسلام دىنىغا كىرگەن كىشى بولۇش سۈپىتى بىلەن،ئۇيغۇرلارنى ئىسلام دىنىغا دەۋەت قىلىشتا ناھايىتى چوڭ تۆھپە قوشقان،ۋە قارا خانىيلار دەۋىرىدە دۇنياۋى كاتتا ئالىملار كۆپلەپ يىتىشىپ چىققان،(مەھمۇد قەشقەرى مۇشۇ قاراخانىيلار خاندالىقىنىڭ بىر شاھزادىسى ئىكەنلىكى توغۇرلۇق مەلۇماتلار بار) ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىدا قاراخانىيلار خانلىقىنىڭ تەسىر كۈچىنى زور دەرجىدە ئاشۇرغان (كۆپ قىتىملىق غازاتلاردىن كىيىن ساتۇق بۇغراخاننىڭ ئوغلى مۇسا تىكىننىڭ نەۋرسى تۇغانخان دەۋىرىدە ئاخىرى ئۇدۇن خانلىقى ئىسلام دىنىغا كىرگەن.بۇ ئۇرۇش 47 يىل داۋاملاشقان،يەنى 1008-يىلى ئاياغلاشقان.)ئوغلى مۇسا تىكىنمۇ ئاتىسىنىڭ ئورنىغا ۋارىسلىق قىلىپ نۇرغۇنلىغا ئۇرۇشلارنى ئىلىپ بىرىش ئارقىلىق ھاكىمىيەتنى مۇستەھكەملىگەن،سۇلتان ساتۇق بۇغراخان مىلادىيە 955-يىلى ئاتۇشنىڭ سۇغۇندا ۋاپات بولغان،ئۇ ۋاپات بولغاندىن كىيىن 37 مىڭ مۇسۇلمان كاتتا مۇراسىم ئۆتكۈزۈپ،ئۇنى ئاستىنئاتۇشنىڭ مەشھەد يىزىسىغا دەپنە قىلغان.(بۇ مازارلىق ھازىرمۇ بار بولۇپ ئالدىنقى ئەسىرنىڭ ئوتتۇرلىرىدىكى زور كەلكۈندە ۋەيران بولغان،كىشىلەر قەبرىنى تىپىش ئۈچۈن بىر توپ قويلارنى ھەيدەپ شۇ مازارلىققا كەلگەندە قويلار ئەگىپ ئۆتۈپ كەتكەنىكەن،شۇڭا مۇشۇ جاينى قايتا مەقبەر قىلىپ ياساتقان ئىكەن.) دىمەك قاراخانىيلار خاندانلىقى1211-يىلى چىڭگىزخان تەرىپىدىن مەغلۇپ بولۇپ قاچقان كۈچلۈك تەرىپىدىن ئىچكى ۋە تاشقى سەۋەبلەر تۈپەيلى ئاغدۇرۇلغان.
يەنە ئابدۇرىشىت يۈسۈپ ئوقىغان سۇلتان بۇغراخان دىگەن بۇ ناخشىنىمۇ قىستۇرۇپ قۇياي .
چىقمىسا : http://v.youku.com/v_show/id_XNzEyODU5ODQ4.html |