- تىزىملاتقان
- 2013-9-13
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-4-21
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 4457
- نادىر
- 0
- يازما
- 152
ئۆسۈش
  81.9%
|
bilimhumar يوللىغان ۋاقتى 2014-6-19 12:15 
مەن تورداشلارنىڭ ئىنكاسلىرىنى ئوقۇغاندىن كېيىن، مەزك ...
رەخمەت سىزگە.دۇنيادىكى ئەڭ ئىلغار تىخنىكا،ئەڭ يىڭى ئۇچۇرلاردىن خەۋەردار قىلىپ،بىكىنمە ھالەتتە تۇرغان قىرىنداشلىرىڭىزنى دۇنيا بىلەن تونۇشتۇرۇش، ئىلىم پەن تەرەققىياتى بىلەن تەمىنلەش ئىشلىرىدا زور كۈچ چىقىرىۋاتىسىز.خەلقىمىز سىزدەك ئوغلانى بولغىنىدىن پەخىرلىنىدۇ.سىز بولغاچقا بىز قىينالماستىنلا ‹‹NASA››نىڭ ئەڭ يىڭى ئۇچۇرلىرىدىن،شۇنداقلا ئالەم قاتنىشىدىن خەۋەردار بولدۇق.ھارمىغايسىز.يۇقۇردا بىر مۇنبەردىشىمىزنىڭ تەكلىۋىنى ئويلىنىپ كۆرگەن بولسىڭىز. بىزنىڭ بالىلىرىمىز ئالەم قاتنىشى قاتارلىق يىڭى، يۇقۇردەرجىلىك بىلىم، تىخنىكىلارغا قىزىقىدۇ،بىزدە ھەقىقەتەن بۇنداق ماتىرياللار يوق دىيەرلىك، بولسىمۇ ھەممىسى تەرجىمە ياكى بىرقىسىم ماتىرياللاردىن ئىلىنغان ئۈزۈندىلەر.ئۇنىڭ ئۈستىگە ھازىر ئىلىم پەن ئىنتايىن تىز ئۇچقاندەك تەرەققى قىلىۋاتىدۇ، يىڭىلىنىشىمۇ تىز. شۇڭا دىمەكچى بولغىنىم ،بىزنىڭ سىزدەك ئالىمىمىز بولغاندىكىن، يىڭى ئىلىم پەندىن،يىڭى ئالەم قاتنىشىشىغا مۇناسىۋەتلىك بىلىملەردىن تولۇق خەۋەر تاپقىمىزبار.ھەم شۇنداق شارائىتىمىزمۇ بار.ئەگەر مۇۋاپىق كۆرسىڭىز،ۋاقتىڭىز يەتسە شۇنداق بىر خاسىيەتلىك ئىشنى قىلىپ ،ئۇيغۇر پەرزەنتلىرىنىڭمۇ ئۆز ئانا تىلىدا،ئۆزلىرىنىڭ ئالىم قىرىندىشىنىڭ قۇلىدىن چىققان بۈيۈك كىتاپنى ئوقۇپ ،ئالەمنىڭ سىرىنى بىلسە.تەكلىماكان قۇملىقىدا ئوليۇتۇپ ،جاھان مۇشۇ ئوخشايدۇ دەپ ئولتارمىسا دىگەن ئارزۇدىمەن.رەخمەت قىرىندىشىم.ئاللاھ ئىلىرىڭىزنى ئسان قىلسۇن،بەركەتلىك كىلسۇن.
|
|