- تىزىملاتقان
- 2012-8-29
- ئاخىرقى قېتىم
- 2014-12-6
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 1625
- نادىر
- 0
- يازما
- 61
ئۆسۈش
  62.5%
|
پاختەكلە يىزىسى قەشقەر شەھەرگە قارايدىغان يىزا بولۇپ شەھەر بىلەن بولغان ئارىلىقى 2 كىلومىتىر كەلمەيدۇ .شۇنداق تۇرۇغلۇق بۇ يىزىغا گاز ئۇلانمىغان شۇ سەۋەبلىك دىخانلىرىمىز بىرتۇڭ گازنى 100 نەچچە يۈەندىن سىتىۋېلىپ تاماق ئەتمەكتە. بۇ يىزا دىخانلىرى ئەينى دەۋىرلەردە داھى ماۋزىدۇڭ غا خەت يىزىپ پۈتۈن جوڭگوغا تونۇلغان شۇنداقلا يەنە داھى ماۋزىدۇڭنىڭ جاۋاپ خىتىگىمۇ مۈشەررەپ بولغان شۇنىڭدىن كىيىن پاختەكلە يىزىسىدىمۇ كۆپ ئۆزگىرىشلەر بولغان .
بۈگۈنكى كۈندىمۇ يىزىلاردا سىلىنىۋاتقان ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇشى يىزىمىزدىمۇ ئىلىپ بىرىلىپ تۇرمۇش سۈپىتىمىزنى يەنىمۇ بىر بالداق يۇقىرى كۆتۈرۈلدى. ئۆي سىلىندى لىكىن بىز تاماق يىيىشىمىز ئىسسىنىشىمىز كىرەك . بۇلارغا تەبىئىي گاز كىرەك ئىدى . لىكىن بۇ يوق بولۇپ قالدى . رەھبەرلىرىمىزنىڭ تۈۋەندىكى يازمامغا ئىتىبار بىرىپ يىزىمىزغا تەبىئىي گاز ئۇلاپ بەرسىكەن دىگەن ئۈمىدىم بار....پاختەكلە...سەن ..تەبىئىي گازدىن قانچىلىك يىراقلىقتا....؟ رەھبەرلەر بىر جاۋاپ بىرىپ باقسا؟
|
|