- تىزىملاتقان
- 2014-4-29
- ئاخىرقى قېتىم
- 2014-8-10
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 2381
- نادىر
- 0
- يازما
- 145
ئۆسۈش
  12.7%
|
مۇرىتلىرىغا رەھبەرلىك قىلىپ ھاكىميەت تالىشىش كۈرەشلىرىدە ئاز بولمىغان قىرغىنلارنىڭ بىۋاستە سەۋەپپكارىغا ئايلاندى. ئاخىرقى ھىساپتا سوپىلارنىڭ بۆلگۈنچىلىك ۋە ھىلە مېكىرلىرى، سەئىدىيە ئەۋلاتلىرىنىڭ ئىقتىدارسىزلىغى تۈپەيلى 1680- يىلى ھاكىميەت ئۇيغۇرلاردىن جوڭغارلارنىڭ قولىغا ئۆتتى، سوپىلار جوڭغارلارنىڭ سادىق غالچىلىرىغا ئايلىنىپ ئۆزلىرىنىڭ قورچاق ھاكىميىتىنى تىكلەشكە مۇيەسسەر بولدى. سوپىلارنىڭ جوڭغارلار ياردىمىدە تىكلەنگەن بۇ قورچاق ھاكىمىيىتى ئەمەلىيەتتە خەلقنى ئېكىسپىلاتاتسىيە قىلىپ بايلىق توپلاپ ئۇنى خوجايىنلىرىغا سوۋغا قىلىپ خەلقنى تېخىمۇ دەھشەتلىك ۋەيرانچىلىققا گىرىپتار قىلدى. سوپىلارنىڭ دەھشەتلىك زۇلۇمى ئاستىدا ئۇيغۇر خەلقى جوڭغارلار ئۈچۈن سېلىق تۆلەپ، قۇل دېدەك تۇتۇپ بەردى. پۈتكۈل ئۇيغۇر دىيارى سوپىلارنىڭ ”ئاق تاغلىق“ ۋە ”قارا تاغلىق“ تىن ئىبارەت ئىككى مەزھەپنىڭ ھاكىمىيەت، مۇرىت، بايلىق تالىشىدىغان، ئۆز- ئارا قىرغىنچىلىق قىلىشىدىغان ھالاكەت مەيدانىغا ئايلاندى. بۇ ئىككى مەزھەپ قىرغىنچىلىق قىلىشقاندىن سىرت ئۆزلىرىنىڭ سوپىستىك ئېدىيىسى بويىچە مەدەنىيەتنى قاتتىق تەقىپ قىلىپ مەدەنىيەتنى خەلق تۇرمۇشىدىن ۋە ئۇيغۇر جەمئىيىتىدىن يۇقاتماق بولدى، جۈملىدىن مەدەنىيەت ئەرباپلىرىنىمۇ قىرغىن قىلىپ يۇقاتتى يارايدىلا : ئۇيغۇرلارنىڭ كىمنىڭ قۇلدا ۋەيران بولغانلىقىنى يەنە بىر قىتىم كورسىتىپ بەردىلە رەھمەت سىلگە. |
|