بۇ يازمىنى ئاخىرىدا katip01 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-6-16 16:59
ئەسسىلامۇ ئەلەيكۇم تورداشلار باغداش تورىنىڭ دائىملىق يازغۇچىسى،ياش رىياسەتچى،مائارىپ سۆيەر ئۇستاز،يىتىم بالىلار كىتاپ فوندىنىڭ قۇرغۇچىسى روزىمۇھەممەت تۇردى ئارتۇچ ئانا يۇرتى ئاتۇشتىن يۇپۇرغىغا كەلگەن يەتتە يىلدىن بۇيان نادىر رادىئو پىروگىرامملىرىنى ئىشلەپ خەلقىمىزگە خالىسانە سۇنۇپ كىلىۋاتىدۇ،ئۇ بۇرۇن «مائارىپ ئۈچۈن سوقىۋاتقان يۈرەك»،«ئۆسمۈرلۈك چاغلار»قاتارلىق رادىئو پىروگىرامملىرىنى ئىشلەپ كەڭ ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچىلار ۋە دىھقانلارنىڭ مەنىۋي تۇرمۇشنى جانلاندۇرغان ئىدى، ئۇ ئاۋازغا ئىلىپ ئىشلىگەن «ئىسىت،مەن تىخى 18 ياشتا ئىدىم»،«ئاھ،ئانام،ساراڭ ئانام»قاتارلىق ھىكايىلەر جەمىيەتتە ئىجابى تەسىر قوزغىغان.2010-يىلىدىن باشلاپ ئۇ مائارىپ ھەققىدە ئەتىراپلىق ئىزدىنىپ قولغا قەلەم ئىلىپ، «شىنجاڭ مائارىپى» ژورنىلىدا ئۈزۈلدۈرمەي ئىلان قىلدۇرىۋاتىدۇ. ئۇ يازغان«تەۋپىق روھى مەڭگۈ ھايات» ناملىق ماقالىسى«شىنجاڭ مائارىپى» ژورنىلى تەرىپىدىن مۇنەۋۋەر ماقالە بولۇپ باھالانغان. يىقىنقى ئىككى يىلدىن بۇيان ئۇ مائارىپ تەتقىاتى بىلەن شۇغۇللىنىپ ياخشى ئەسەرلەرنى رۇياپقا چىقىرىش بىلەن بىرگە ئۆزلۈك ۋە كىملىكىمىزنى تونىتىدىغان «بىز كىم»،«ئاناتىلىم جان تىلىم»،«خەيرلىك دەملەر»قاتارلىق پىروگىراممىلارنى ئىشلەپ ھەقسىز تورداشلارغا سۇنۇپ كەلدى،يىقىندا ئۇ پىروگىراممىلارنىڭ سۈپىتىنى تىخىمۇ ياخشىلاپ «بۇ يەرنىڭ سەھىرى جۇشقۇن»،«تارىخىمىزدىكى سىرلار» قاتارلىق ئۆزلۈك ھەققىدىكى تىرەن پاراڭلار مۇجەسسەملەنگەن نادىر پىروگىراممىلارنى ئاۋازغا ئالدى.بىز باغداش تورىدىكى بارلىق قىرىنداشلانىڭ پايدىلىنىشى ئۈچۈن ئۇ ئىشلىگەن«تارىخىمىزدىكى سىرلار» پىروگىراممىسىنىڭ تۇنجى ساننى ھۇزۇرۇڭلارغا سۇندۇق،(قالغان سانلارنى ئالاقىلىشپ ئالساڭلار بولىدۇ)بۇ پىروگىرامما تارىختا ئۆتكەن شاھىد كىشلەر يازغان ھەقىقى ۋەقەلەر بولۇپ ياشلارنى تەربىيەلشتە ۋە بۇ خىل ماتىرياللارنى ئوقۇش ئىمكانىيىتى يوقلار ئۈچۈن قىممەتلىق ماتىرىيالدۇر ، تورداشلارنىڭ تەكلىپ پىكىر بىرىشىنى ۋە داۋاملىق پايدىلىنىشىنى ئۈمىد قىلىمىز !
|