قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 1716|ئىنكاس: 12

قەيسەر مىجىت: شۇڭقار كەبى چاغلار -(10)

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

70

تېما

16

دوست

9732

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   94.64%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  8451
يازما سانى: 122
نادىر تېمىسى: 45
مۇنبەر پۇلى: 805
تۆھپە : 3313
توردىكى ۋاقتى: 214
سائەت
ئاخىرقى: 2014-10-7

ئاكتىپ يېڭى ئەزا ھەركەتچان ئەزا قىزغىن ئەزا تېما ماھىرى نادىر يازما چولپىنى پىداكار ئەزا ئىجاتكار ئەزا مۇكاپاتى

يوللىغان ۋاقتى 2014-6-13 12:56:48 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
abida


شۇڭقار كەبى چاغلار -(10)

قەيسەر مىجىت


           (مەن ئۈچۈن ياخشى تىلەك تىلىگەن بارلىق كىشىلەرگە ۋە سەپەر ھارپىسىدا مىنى ئۇزۇتۇپ قويغان دوستلىرىم ۋە ئۇلارنىڭ خانىملىرىغا بىغىشلايمەن)
      ئۆيگە قايتىۋاتقۇچە كاللامغا خىيال دىگەن توقسۇننىڭ بورانلىرىدەكلا يوپۇرۇلۇپ كىلىۋالدى:
     " باكلاۋۇرلۇق ئۇنۋانى ئۈچۈن ئالى مەكتەپتە بەش يىل، ئاسپىرانتلىق ئۇنۋانى ئۈچۈن 3 يىل، ئىككى يىل ئېيىغا 108 يۇئەن ۋە ئاخىرقى بىر يىلى 216 يۈئەن ئىلىپ ئوقۇ، ئاندىن خىزمەتكە زور ئۈمىت ئىچىدە لىكتورلۇق ئۇنۋانى بىلەن چىق-دە ئايلىق مۇئاشىڭ 513 يۈۇئەن بولسۇن، ئۇنى بۇنى تۇتۇپ قولۇڭغا ئاشقىنى 450 يۇئەن. تېخى قاتتىق تۇرمىساڭ، بىر ئىغىز ئەسكى ياتاقمۇ تەگمەيتتى ساڭا،. ھىلىقى خوجۇلۇق باشقۇرۇش بۆلىمىدىكى ئۆي تەقسىم قىلىدىغان گۇيلاردىكى ھاكاۋۇرلۇق ۋە ئاچكۆزلۈكنى دىمەيسەن تېخى؟
           ئۇنۋان دىگەننىڭمۇ، ئوقۇغاننىڭمۇ ئاز-تولا قىممىتى بولۇشى كىرەك-تە؟ ئەگەر ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ياتاقلىرىنى تەكشۇرۈپ پۇتاق تىپىپ شۇ ئارقىلىق "يەپ" تۇرىدىغان ھىلىقى سېرىق گۇينىڭ ئالدىدا ياتاقنىڭ ئىشىكىنى تىپىپ، قۇلۇپنى يەرگە ئاتمىغان بولسام، ئۇنىڭ ماڭا "ھەمرا" قىلىپ كىچىككىنە بىر ئىغىز ياتاققا يەنە بىر ئادەمنى قوشقۇسى بار. ھەي ئادەم دىگەن نەپسانىيەتچى بوپ كەتسە، نومۇسنى قايرىپ قويۇپ ھارامنى يەلىۋىرىدىكەن، تەمەخور بوپ كىتىدىكەن. ئۆزۈڭگە تەۋە نەرسىنى يۇۋاشلىق بىلەن جىم تۇرۇۋەرسەڭ تارتتۇرۇپ قويۇۋىرىدىكەنسەن. سەن ئۆزۈڭنى سورىغان بىلەن خەق ئىنساپ قىلمايدىكەن ئەمەسمۇ..."
    خىياللىرىم ۋەلسىپىتنىڭ كالاڭشىپ قالغان چاقىدەك ئەگرى- بۇگرى كىتىۋاتىدۇ دە:
       "مەن قايسى كۆرۈپ كەتكەن راھەتلىرىمگە بۇنچە كۆپ پۇلنى تولەيمەن- ھە؟، چەتئەلگە چىقىپ بىلىم ئالىمەن دەپ تېرىشىپ ئىمتىھانلارغا تەييارلىق قىلدىم، خەقلەر ئويۇن تاماشا بىلەن يۈرگەندە، ھىلىقى خېمىيە فاكۇلتىتىنىڭ ياش ئوقۇتقۇچىسى ئەنۋەر ئاقنىياز بىلەن GRE ئىمتىھانىغا تەييارلىق قىلىش ئۇچۇن تومۇزنىڭ چىڭقى چۈشلىرىدىمۇ ئۇنىڭ ئىشخانىسىدا تەرلەپ تۇرۇپ بىرلىكتە تەقلىدى سوئاللارنى ئىشلەپ كىتىشمىدۇقمۇ؟ ئوقۇساققۇ ئۆزىمىز ئۈچۈن ئوقۇدۇق، لىكىن ئازراق بىلىملىك بولۇپ قالساق ئەۋلاتلارغا يەتكۇزىمىز ئەمەسمۇ؟ ئەمدى بۇنداق روھ-قوللاشقا ئىرىشىلمىسە، جەمىيەت نىمە بوپ كەتتى؟، ھە سادىغاڭ كىتەي بوپتۇ قوللىمىغىن، لىكىن ئالدىنى توسمىغىن، يىراققا، يوچۇن ئەلگە، نائېنىق مەنزىلگە ھەم ئۈمىت ھەم تەشۋىش بىلەن كىتىۋاتقان ياش بالىنىڭ كۆڭلىنى ئاغرىتما-دە؟ ھىچبولمىدى دىگەندە ئۇنىڭدىن پۇل ئىلىپ يۈرمىگىن-دە؟ قىنى ھىلىقى ئاپتونوم رايۇن بويىچە مۇنەۋۋەر ئالى مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى دىگەن ناملارنىڭ كۈچى؟ مەندىن تەربىيىلەش ھەققىنى ئالمىغانغا بۇ مۇئارىپ نازارىتى نامرات بوپ كىتەمتى؟ مەكتەپتىن 4 يىلدا ئالغان پۇلۇم 15000 يۇئەنگىمۇ بارمايدىكەن، ئەمما بىراقلا 20 مىڭ يۇئەندىن كۆپ پۇلنى تۆلە دىگىنى  قاملاشمىدى-دە"
          "قولدىن چىقىپ كەتكەن پۇل قايتىپ كەلمەيدۇ ئاتۇشلۇق" دىمەڭلا ھە ئوقۇرمەنلەر :)، "سەۋەپ قىلساڭ سۆۋەتتە سۇ توختايدۇ" دىگەن گەپ بار ئەمەسمۇ، ھەر ئىشقا بىر ئۇرۇنۇپ باققۇلۇق. ئەمدى مەن ۋاقىت قىس بولغاچقىلا تۆلىدىم - دە بۇ پۇلنى، ئەگەر ۋاقىت ئۇزۇنراق بولغان بولسا، بۇنداق ئالدىراپ تۆلەپمۇ كەتمەس بولغىيتىم. بۇنى ئۇششۇقلۇق ۋە ياكى ئۆكتەملىك دىمەيمىز، بەلكى ئادىللىق ئىزدەش دەيمىز، ئەلۋەتتە.
       ماڭا كەلگەندە ھىلىقى كىسىپ ئىشلەيدىغان ئايشەم ئاپپايلار نەۋاق پىنسىيەگە چىقىپ بولغان، بارغانسىرى لاكا لوزا، شەخشىيەتچى پىتلار "ئەمەل" تۇتۇشقا يۇزلەنگەن چاغلار ئىكەن، خۇددى ئۇلار بەرسە چوڭ ئاپىسىنىڭكىنى بىرىۋىتىدىغاندەك قىلىشىپ كىتىشتى، خەپ! .
ياش بولغىنىم بىلەن مىنىڭمۇ ئۆزۈمگە چۇشلۇق مۇناسىۋەت دائىرەم بار-دە؟ شۇنىڭ بىلەن مەنمۇ بىر تونۇش تاپتىم ۋە شۇ ئارقىلىق ئاپتونوم رايونلۇق ھوكۇمەتنىڭ كاتىپىنىڭ ئىشخانىسىغا باردىم.
       بۇ كىشى ئىلگىرى بىزدە ئوقۇتقۇچى بولغاچقا مىنى دەرھاللا تونۇدى.
- ھوي سەن ئىكەنسەن غۇ؟
_ھە شۇ مەن. بۇ چەتئەلگە چىقىپ ئوقۇي دىسەم رىغبەت بەرمەكتە يوق، دادامنىڭ قوي-ئۆچكە سىتىپ تاپقان پۇلىنى مائارىپ نازارىتى ئىلىۋالسا توغرا بولامدۇ؟ مەن ئاۋۇ ئاتۇشنىڭ تاغلىرىدا چوڭ بولغان، شۇنداق جاپادا ئوقۇغان، ماۋۇ ئىش قەتئى بولمىدى.
-قانچە پۇل؟
-20 مىڭدىن كۆپ
-ھەي، ئۈچ تۆت مىڭ دوللار دىگەن قانچىلىك گەپ ئامىرىكىغا كىتىۋاتقان ئادەمگە
- سىزگە قانچىلىك بولمىغان بىلەن ماڭا كۆپ پۇل بۇ، مەن خەقنىڭ يۇرتىغا كىتىۋاتىمەن.
راستنى راست دىيىش كىرەك، بۇ ئادەم "ياق ياردەم قىلالمايمەن" دىمىدى.
- شەيشەنبە كۇنى جاڭ گۈيتىڭ بىلەن يىغىنىم بار، شۇ كىشىگە بۇ ئەھۋالنى دەي.
جاڭ گۈي تىڭ دىگەن تۇڭگان كىشى -شۇ چاغدا مائارىپ نازارىتىنىڭ بىرىنجى قولى ئىدى.
          بىرىنجىدىن ۋاقىت قىستاپ قىلىۋاتىدۇ، ئىككىنجىدىن بۇ كىشىنىڭ شەيشەنبە كۈنىگىچە ماڭا دىگەن گەپنى ئۇنتۇپ قىلىشىمۇ مۇمكىن ئىدى، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇنىڭ ماڭا چوقۇم بۇ پۇلنى ئىلىپ بىرىش ۋەزىپىسىمۇ يوق تە؟
         "رەخمەت" دىدىم-دە، فاكۇلتىتقا قايتىپ كەتتىم، ئۇ كۈنى جۇمە ئەتىگەن ئىدى. پاسسپورتنى قولۇمغا ئالدىم، ھەممە ماتىرياللىرىم تەييار ئەمدى بىيجىڭغا ۋىزاغا بارساملا بولاتتى. بۇنىڭ ئۇچۇن فاكۇلتىتتىن رۇخسەت سورىشىم كىرەك ئىدى. ۋىزاغا بارىمەن دىسەم يەنە رۇخسەت بەرمەي قويمىسۇن دەپ ئەنسىرەپ، مەنمۇ راستنى يوشۇرۇشقا مەجبۇر بولدۇم.
           قايسى بىر يازمامدا ئادەم ھەمىشە سەمىمى بولۇپ كىتەلمەيدىكەن  دىگەن سۆزۈمگە مانا مۇشۇنداق ئىشلار مىسال بولىدۇ، ئەلۋەتتە.
شۇنىڭ بىلەن فاكۇلتىتنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى مەۋلۇتبەك ئاغاينى ئىزدىدىم:
- ئاغاي، مەن يۇرتقا بىرىپ ئاتا-ئانامنى كۆرۈپ كىلەي، ئىككى ھەپتە رۇخسەت بەرسىڭىز.
-بولات، بار، بارىپ كەل، دىدى كۆزلىرى يوغان ئوتتۇراي بوي ھەم سېمىزرەك كەلگەن مەۋلۇتبەك مۇئەللىم، شالاڭلاپ قالغان چاچلىرىنىڭ ئالدىغا چۈشۈپ قالغانلىرىنىدىن ئون تالنى  قولى بىلەن ئۆرۈپ قويۇپ. بەلكىم بۇ مىنىڭ خىزمەتكە قاتناشقاندىن بۇيان رۇخسەت ئىلىپ باقمىغانلىغىمدىن بولسا كىرەك. ئوقۇتۇش ئىشلىرىغا مەسۇل بۇ كىشى مىنىڭ دەرسىنى كىچىكىپ ئۆتۈشۈمنى ئورۇنلاشتۇرىدىغان بولدى.
      شۇنىڭ بىلەن مەن دەرھال بىيجىڭغا بارىدىغان ئايرۇپىلان بىلىتىنى ئالدىم-دە، چامدانىمنى يېرىم-ياتا تولدۇرۇپ بىر نەچچە ئاغىنەمگىلا خەۋەر قىلدىم. ھازىر ئاپتونوم رايونلۇق دوختۇرخانىدا كۆزگە كۆرۈنگەن دوختۇر، مىنىڭ تويۇمدا ماڭا قولداش بولغان تېرىشچان دوستۇم ئەنۋەر نەسرۇللا ئۇزۇتۇش چىيى بەردى. بەزى دوستلۇرۇمنىڭ ئاياللىرى ۋە بەزىلىرىنىڭ يۈرۈۋاتقان قىز دوستلىرى بىلەن بولۇپ 10 دەك ئادەم سەھىيە نازارىتىنىڭ يىنىدىكى بىر يەردە بىر نەچچە سائەتلا ئولتۇردۇق. گىپىمىز ھەر چاغدىكىدەك تۈگەيدىغاندەك ئەمەس ئىدى، لىكىن مەن ئەتىسى سەپەرگە چىقىدىغان بولغىنىم ئۈچۈن بۇرۇنلا تارقىلىشتۇق، دوستلىرىم بىلەن قۇچاقلىشىپ خوشلاشتىم، ۋە ھەممەيلەننىڭ دۇئاسى ۋە سەمىمى تىلەكلىرىنى ئىلىپ ياتاققا قايتتىم.
          مەن قۇرۇق داۋراڭ بوپ كەتمىسۇن دەپ بۇ سەپىرىمدىن ياكى خىزمەتداشلىرىمنى ياكى باشقا دوستلىرىمنى خەۋەرلەندۈرمىدىم. چۈنكى بىرىنجىدىن مەن ۋىزا ئالالامدىم يوق بۇنى ئۇقمايمەن چۈنكى مىنىڭ ئوقۇش مۇكاپاتىم، يېرىم مۇكاپات  بولۇپ ئوقۇش پۇلىنىلا كۆتۇرىدۇ يەنى ئوقۇشلا بىكارلىق ئەمما تۇرمۇش پۇلى بەرمەيدۇ. ۋىزانى ئالغان تەقدىردىمۇ يىقىنلار ئۇزۇتىمىز دەيدۇ، كۆڭۈل ئىپادىلەيمىز دەيدۇ...
          ئۇنىڭ ئۇستىگە پىداگوگىكا ئۇنىۋىرسىتىتى فىزىكا فاكۇلتىتىدا ئوقۇتقۇچىلىق قىلىدىغان ياسىن ئەخەت - يەنى ھازىرقى ئۇيغۇرسوفت شىركىتىنىڭ قۇرغۇچىسى ئالىم ئەخەتنىڭ ئاكىسىنىڭ تېكساستىكى بىر ئۇنىۋىرسىتىتتىن تولۇق ئوقۇش مۇكاپاتىنى ئىلىپ تۇرۇپمۇ بىيجىڭدا بىر مەھەل تۇرۇپ ۋىزا ئالالماي قايتىپ كەلگىنى بالىلارنىڭ ئاغزىدا پىرقىراپ يۈرەتتى.
        ئۇ چاغلاردا ئامىرىكىغا ئوقۇشقا چىقىش ئۈچۈن ۋىزا ئالالىساڭمۇ داۋرىڭى بولاتتى، ئالالمىساڭمۇ داۋرىڭى بولاتتى. ھازىرغۇ كۆپ ئاسانلىشىپ كەتتى. تىل مەكتەپكە قوبۇل قىلىنسىمۇ ۋىزا بىرىدۇ.
    ئەينى چاغدا مەن شاياردىن كەلگەن بۇ تېرىشچان ياش - ياسىن ئەخەت بىلەن ئانچە مۇنچە كۆرۈشۇپ قالاتتۇق. ھەر كۆرۈشكەندە بىر-بىرىمىزدىن GRE ئىمتىھاننىنىڭ سۆزلۈكلىرىنى سورىشىپ قويۇشاتتۇق. ئىسىمدە قىلىشىچە مەن بىلەن 1996- يىلى ئۆكتەبىردە ئۇنىۋىرسىتىت ئېنگلىز تىلى فاكۇلتىتىدا GRE ئىمتىھانىنى بەرگەن ئۇيغۇر بالىلار تۆۋەندىكىچە بولۇپ مەن ئۇلار ھەققىدە كىچىككىنە مەلۇمات بىرىپ ئۆتۈشنى توغرا كۆردۈم، دىمەكچىمەنكى، شۇ چاغدا چەتئەلگە چىقىپ بىلىم ئالىمىز دىگەن بالىلارنىڭ ھەممىسى بولۇپمۇ شۇ چاغدا مەن بىلەن GRE ئىمتىھانىنى بەرگەن ھەممە بالىلار چەتئەلگە چىقىپ بولدۇق:
     پىداگوگىكا ئىنىستىتوتىدىن- ياسىن ئەخەت ئامىرىكىغا كەلدى.
        تونۇلغان ئۇيغۇر زىيالىسى ئىسلامجان شېرىپ ئەپەندىنىڭ دوختۇر ئوغلى - ئەكبەر ئىسلام ئامىرىكىغا كەلدى، دوختۇرلۇق ئىمتىھانلىرىدىن ئۆتۇپ ھازىر دوختۇر بولدى.يۇقۇرى سۇرئەتلىك تاشيول ئىدارىسىدىن - پەرھاتمۇ ئامىرىكىغا كەلدى.خېمىيە فاكۇلتىتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى - ئەنۋەر ئاقنىياز - ھازىر شېۋىتسىيەدە
،بىللە ئىمتىھان بەرگەنلەردىن ئارىمىزدىكى بىردىن بىر قىز - مېدىتسىنا ئۇنىۋىرسىتىتىنىڭ ياش ئوقۇتقۇچىسى - بىيجىڭ ئۇنىۋىرسىتىتىدا ئوقۇغان بۇخەلچەم ( بۇخەلچەمنىڭ دادىسى - دادامنىڭ قىزىلسۇ ئوبلاستلىق 1-ئوتتۇرا مەكتەپتىكى ساۋاقدىشى)ھازىر ئامىرىكىدا دوختۇرلۇق كىنىشكىسىنى ئىلىپ دوختۇر بولدى.
     ھازىر نېۋ-جېرسىي ئىشتاتىدا خىزمەت قىلىدىغان بۇخەلچەم بىلەن نەچچە يىللار ئىلگىرى ئامىرىكىدا ئۇچراشقاندا "قەيسەر سىز ماڭا خۇدا بۇيرىسا ئەركىنلىك ئىلاھىنىڭ يىنىدا ئۇچرىشىمىز دىگەنتىڭىز، راست شۇنداق بولدى مانا" دەپ ئەشۇ ئاجايىپ چاغلارنى ئىسىمگە سالدى،
      دىمەك، ئارزۇلار ئەمەلگە ئاشتى، ۋاقىت ئۇزۇن قىسقا بولسىمۇ.  مەن بۇ يەردە بۇ قىممەتلىق تىرىشچان كىشىلىرىمىزگە، ئۆز غايىسى ئۈچۈن كۈرەشكەن قىلغان ئەينى زاماننىڭ ئىلغار ياشلىرىغا ھۆرمەت بىلدۈرىمەن ۋە ئۇلارغا سەمىمى سالىمىمنى يوللايمەن!
          مەن ئۇرۇق-تۇققانلار بىلەن خوشلىشىپ  ئەتىسىلا بىيجىڭغا قاراپ ئۇچتۇم. بىيجىڭدا بىر ياتاققا ئورۇنلىشىپ ئالغاندىن كىيىن ئەتىسى - ئەلچىخانىنىڭ ئالدىغا باردىم.
يا ئاللا بۇ ئادەملەرنىڭ كۆپلىگىنى، بۇ ئادەملەردىكى "ئامىرىكىغا چىقىش قىزغىنلىغىنى".
قېرى-ياش، چوڭ-كىچىك، ئەر-ئايال....
         ئادەملەر دىڭىزىدا بىر ھازا بۇلۇتتەك لەيلەپ يۈردۈم. دۇشەنبە ۋە سەيشەنبە ئەھۋال ئىگەللەش، كۈزۈتۈۇش ۋە جەدۋەل تولدۇرۇش بىلەن ئۆتتى. قاچاندۇر بىر چاغدا بىر مۆتىۋەر موللام تۇققىنىمىزدىن "ئىشنى بىسمىللاھ دەپ چارشەنبە كۈنى باشلىسا خەيرلىك بولىدۇ" دەپ ئاڭلىغىنىم ئىسىمدە قاپتىكەن. مەن ئەلچىخانىغا ۋىزاغا كىرىشنى چارشەنبىگە توغرىلىدىم.
          چارشەنبە كۈنى سەھەردە ئۆچرەتتە تۇردۇم، بۇ ئادەملەر توپى يىلاندەك ئۇزۇن. ئىچىمدە ھۆرمەتلىك مۇھەممەت داموللام ھاجى تاغىمىز كىچىك چاغلىرىمدا ئۈگۈتۈپ قويغان مۇھىم ئايەتلەرنى ئوقۇيمەن (مۇھەممەد سالىھ داموللا ھاجىم تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنىپ 1983-يىلى نەشر قىلىنغان اقۇرئان كەرىمنىڭ ئۇيغۇرچە تەرجىمىسىنى تەكشۈرۈپ بىكىتىشكە قاتناشقان ۋە ئۇنىڭغا تەقرىز يازغان مەرىپەتپەرۋەر چوڭ دىنىي زات بولۇپ دادامنىڭ ئانا تەرەپ چوڭ دادىسىنىڭ ئىنىسى ئىدى، 1990-يىلى مارتتا قازا قىلغان،  ياتقان جايى جەننەتتىن بولغاي، ئامىن!)
   ئۇ كۈنى، ئامىرىكا ئەلچىخانىسى نىمىشقىدۇر بىر بوتكىدەك ئۆينى ئەلچىخانىنىڭ سىرتىغا قويۇۋىلىپ شۇ يەردە ۋىزاغا ئىلتىماس قىلغۇچىلارنىڭ ئىلتىماسىغا قارار چىقىرىۋاتاتتى. قاراپ تۇرسام بىيجىڭ ئەتراپىدىكى داڭلىق ئالى مەكتەپلەرنى پۈتتۈرگەن تولۇق ئوقۇش مۇكاپاتى ئالغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ يېرىمىغا دىگۈدەك ۋىزا بەرمىدى، بىرسى شۇنداقلا خوشال كەينىگە يانغاندىن كىيىن ئادەملەر گۈررىدە دان چىچىپ بەرسە ئولىشىۋالىدىغان قۇچقاچلاردەك ئولىشىۋالىدۇ-دە سورايدۇ:
-نىمە دەپ سورىدى، نىمە دىدىڭ.
     ئۇلارغا قاراپ قويىمەن، كۆزۇم بارغانسىرى مەن يىقىنلاۋاتقان ئەلچىخانا خادىمىدە، قۇلۇغىم باشقىلارنىڭ پارىڭىدا.
    مىنى قوبۇل قىلغان كونسۇل خادىم ، ئاق تەنلىك 40 ياشلاردا بار سىمىز كىشى ئىكەن.
    مەن ئۇنىڭغا يىقىنلىشا يىقىنلاشمايلا ئۆزۈمنى ناھايىتى ئوچۇق-يورۇقلۇق ۋە ئىشەنچ بىلەن تونۇشتۇردۇم .
      خادىم ماتىريالىمنى كۆرۈۋىتىپ نىمە ئوقۇيدىغانلىغىمنى سورىدە-دە گەپ قىلمايلا پاسسپورتنىمنى ئىلىپ قىلىپ قولۇمغا سېرىق رەڭلىك كىچىك بىر       قەغەزنى تۇتقۇزۇپ قويدى، شۇ چاغلاردا ۋىزا بەرگەنلەرگە شۇنداق قەغەز تۇتقۇزۇپ قويىدىكەنتۇق.
      خوشاللىق چىھرىمگە تىپىپ چىققان بولسا كىرەك، قەغەزنى ئىلىپ يېنىشىمغا مىنىڭمۇ ئەتراپىمغا بىر توپ كىشىلەر ئولاشتى. ئۇلار مەندىن قانداق سوئال سورىغىنى ۋە نىمدە دىگىنىمنى سورىشىپ كىتىشتى.
      مەن نىمىسىنى يوشۇراي بۇلاردىن، نە-نەلەردىن نە جاپالارنى تارتىپ كەلگەن ئادەملار بۇلار، بىرسىنىڭ بولسمۇ ئىشى پۈتسۈن، بارسا قەشقەرغا بارامتى. ھەممىنى دەپ بەردىم. شۇ ئارىلىقتا بىر ياش بالا سوراپ قالدى:
-تولۇق ئوقۇش مۇكاپاتى ئالغانمىدىڭ؟
-ياق، يېرىم.
شۇ ئەسنادا  ئىككى ئۈچ ياشنىڭ ئاغزىلىرىنى ئۈمچەيتىپ تۇرۇپ پاراڭ قىلىشىۋاتقىنىنى ئاڭلاپ قالدىم.
-ئاز سانلىق مىللەت تۇرمامدۇ؟ ئامىرىكا بۇلارنى ياخشى كۆرىدۇ.
-شۇ ئېتىۋار قىلغان گەپ، تولۇق ئوقۇش مۇكاپاتى ئالغان بەزىلەرگىمۇ بەرمەيۋاتسا، قانداق بۇنىڭغا بىرىدۇ؟
-شۇ ئاز سانلىق دەپ ئېتىۋار قىلغان گەپ.
          مۇشۇ "ئېتىۋار" قىلدۇق دىگەن گەپنى ئاڭلىسام شۇنداق غەزىۋىم كىلىدۇ. باشقىلار ماڭا ئېتىۋار قىلىدىغان مەن ئاجىز ياكى مېيىپ بىرسى ئەمەستە. بۇ كىسپۇرۇچلار مەن بىلەن سۆزلىشىپ باقسۇنچۇ قېنى ئېنگلىزچىدە؟ "يەس، ياكى پەرخاپس" دىن باشقىنى دىيەلمەي تىلىمنى چىشلەپ يۈرگەن بولسام ئاۋۇ كونسۇل خادىممۇ ۋىزا بەرمەس بولغىيتى ماڭا؟
       مەن ئۇلارغا مەنسىتمەسلىك بىلەن قاراپ قويدۇم، چۈنكى نىمە بولسا بولسۇن، مەن ۋىزانى ئالغان، بۇنىڭ بىلەن نەچچە يىلدىن بۇيان كۆڭلۈمگە پۈككەن ئارزۇيۇم ئەمەلگە ئاشقان ئىدى. بۇ ياشلارنىڭ ئەكسىچە تۇققان يوقلىغىلى بارماقچى بولغان بوۋاي مومايلار خۇددى ۋىزانى ئۇلارمۇ ئالغاندەك خوشاللىق ئىچىدە ماڭا دوستانىلىق بىلدۇرۇشتى.
      ئادەمنىڭ كۆڭلى دىگەن مانا مۇشۇنچىلىك. مەن بۇلارنىڭ ياخشى تىلەكلىرىگە رەھمەت دىدىم.
        بۇ كەملەرنىڭ ياشلىرىنىڭ ئىچى تار بولامدۇ قانداق، ھىلىقى ياشلار يەنە مەن توغرىسىدا بىر نىمىلەرنى دىيىشىپ قىلىشتى.
          سۇنزى "36 تەدبىر" دە "تەدبىرلەرنىڭ ئەلاسى - يىڭىشقا كۆزۈڭ يەتمىسە قىچىشتۇر" دەپتىكەن. ئەمدى مەن بۇلار بىلەن گەپ تالىشىپ نىمىگە ئاۋارە بولاي، بەرىبىر بۇلارنىڭ كاللىسىدىكى قىتىپ كەتكەن قاراشنى مەن چىرايلىق گەپ بىلەن ئۆزگەرتىپ بولالمايمەن، سوقۇشسام "ياۋايىلىقىم" چىقىپ قالىدۇ، دىمەك ھەممە ئھتىماللىقتا مەن پاسسىپ ئورۇندا بوپ قالىمەن.
           شۇنىڭ بىلەڭ گەپ سۆز قىلماي ئەلچىخانىدىن ئايرىلىپ ياتىقىمغا قايتتىم-دە ئاتا-ئانام، يۈرۈۋاتقان قىز ۋە مۇناسىۋەتلىك ئادەملەرگە ۋىزا ئالغانلىق خەۋىرىنى خوشاللىق ئىچىدە يەتكۈزدۇم. جۇملىدىن ماڭا ئىككى ھەپتىلىك رۇخسەت بەرگەن مەۋلۈتبەك ئاغايغا ھەم تىلىفۇن قىلدىم.
-قايسار، قايسار نە قىلىپ جاتاسىڭ، مەنى چېن فاڭ مىڭدار تىلداپ كەتىپ بارات، دىدى ماۋلۇتبەك مۇئەللىم تىلىفۇننى ئىلىپلا.
_كەچۈرۈڭ ماۋلۇتبەك ئاغاي، سىزنى گەپكە قويدۇم دىدىم ئۇنىڭدىن ئەپۇ سوراپ.
-ئەمى بولۇپتۇر، بار، بارىپ كەل، جاقسى قال.
      چېن فاڭ مىڭ جۇغى كىچىك بولغىنى بىلەن ئاچچىغى بار ئايال بولۇپ، فاكۇلتىتنىڭ سېكىرتارى ئىدى. قارىغاندا ئۇ مەۋلۇتبەك مۇئەللىمگە ئۆزىدىن بىسوراق ماڭا رۇخسەت بەرگىنى ئۇچۇن كايىغانلىغى ئىنىق ئىدى.
       ۋىزا ئالغاندىن كىيىنكى بىر نەچچە كۈنۈم كۆڭۈل ئازادىلىگى ئىچىدە ئوتتى. 7000 يۈەنگە ئايرۇپىلان بىلىتى سىتىۋالدىم. ئاندىن كۆڭلۇم تۇيغاندەك كاۋاپ ۋە لەغمەنلەرنى تازا يەپتىمەن. ساۋاقدىشىم كىرەم گايىت (كىرەم ھەققىدە شۇڭقار كەبى چاغلارنىڭ -5 قىسمىغا قارالسۇن) مىنىڭ بىيجىڭدا ئىكەنلىگىمنى ئۇقۇپ ئەتە ئۇچۇمەن دىگەن كۈنى ئىزدەپ كەپتۇ.
        ئىگىلىك باشقۇرۇش فاكۇلتىتىنى پۈتتۈرۈپ  باكلاۋۇرلۇق ئۇنۋانىنى ئالغان بۇ ساۋاقدىشىم - ئۆز يۇرتىدا خىزمەتكە ئورۇنلىشالماي، بىيجىڭغا كىلىپ ھۆسنىخەت يىزىش ۋە كاتىپلىق قىلىش بىلەن جان بېقىۋاتقان ئىكەن.
       مەن دوست، ساۋاقداش دىسە ئۆزۈمنى 10 قىلغۇم كىلىپ كىتىدىغان ئادەم. كىرەمنى بىيجىڭدا كۆرۈپ قۇچاقلاپ كەتتىم.
        كىرەم مىنى بىر ئاشخانىغا ئاپىرىپ مىھمان قىلدى ۋە ئارقىدىنلا شۇ كۈنىلا ئايرۇدۇرۇمغا چىقىپ يىتىپ قىلىشىمىزنى، ئەتىسى مىنى ئۇزۇتۇپ قويغىسى بارلىغىنى ئىيتتى. مەن "ماقۇل" دىدىم-دە، يىتىۋاتقان ياتاقتنىڭ رەسمىيىتىنى ئۆتەپ، ئايرۇدۇرۇمغا يول ئالدۇق. ئايرۇدۇرۇمدا ياتاققا ئوبدان ئورۇنلشىۋالدۇق، خۇدايا شۇكرى، ئۇ چاغدا "ئۇيغۇر بولغانلىغىڭ ئۇچۇن ياتاق بەرمەيمىز" دەيدىغان ئېرقچىلىق ۋە ئىنسان ئەخلاقىغا، ھەمدە بۇ دۆلەتنىڭ قانۇنىغا خىلاپ گەپ سۆزلەر بولۇنمىدى.
        مەن كىرەم بىلەن بەكلا ئۇزۇن مۇڭدىشىپ چىقتىم، بىردەم بەش يىللىق ھاياتىمىزنى ئەسلەشتۇق، بىردەم ئۇنىڭ بىشىغا كەلگەن كەچۈرمىشلەرنى تىڭشىدىم، ھەمدە ئاڭلاپ ئىچىم سېرىلدى. بۇ دوستۇم ھاياتنىڭ سەپەرلىرىدە ياشاش ئۈچۈن خىلى كۈنلەرنى كۆرۈپتۇ ۋە چىداپتۇ، تاۋلىنىپتۇ.
        ئەتىسى مەن كىرەم گايىت بىلەن قىيالماسلىق ئىچىدە خوشلاشتىم، ئۇنىڭ كۆزىدە ياش، ئەمما ئۇنىڭ تىلەكلىرى ئۇلۇغ. مىنىڭ كۆزۈمدە ھەم ياش. كىرەم ئايرۇپىلاننىڭ بىخەتەرلىك ئورنىدىن ئۆتكۈزمىگەن ئۇششاق-چۇششەك نەرسىلىرىمنى ئىلىپ رىشاتكىنىڭ ئۇ تەرىپىدە قول پۇلاڭشىتىپ قالدى، مەن ئۇزىمىسام بولمايتتى.
       ساۋاقداشلىق مېھرى نەقەدەر ئۇلۇغ-ھە؟ ھەر قىتىم كىرەمنىڭ ئاشۇ قىياپىتى كۆز ئالدىمغا كەلسە، ئۇنىڭغا بولغان مىننەتدارلىغىم ئۇرغۇيدۇ.
شۇنداق، مەن ئەستە ساقلىغۇچى، ھەم مىننەتدارلىق ئىچىدە ھاياتىمنىڭ بۇ ئەگرى-توقاي يوللىرىدا، سوغۇقلاردا ئوت، قۇرغاقلاردا سۇ، ئاچقاندا نان، كەچقالغاندا يوتقان بەرگەن كىشىلەرنى چوڭقۇر مۇھەببەت ۋە سۆيگۈ بىلەن ئەسكە ئالغۇچى!
           ئامىرىكىنىڭ  دىترويىتقا قاراپ ئۇچقان "غەربى شىمال" ھاۋا قاتنىشى" نىڭ ئايرۇپىلانى بىيجىڭ ئاسمىنىغا ئاستا ئاستا كۆتۈرۈلۈشكە باشلىدى، تۇيۇقسىز بىر خىل قاتتىق ھاۋا ئېقىمى ئايرۇپىلاننى سوققاندەك بوپ بەكلا قاتتىق سىلكىندى. يا ئاللا ماۋۇ جاننىڭ تاتلىقلىغىنى،  يېنىمدا ئولتۇرغىنى - ئەنخۇي ئۆلكىلىك سەھىيە نازارىتىنىڭ نازىرىمۇ ئىشقىلىپ ئاشۇنداق ئادەمكەن، ئۇنىڭ لاغىلداپ تىترەپ كىتىۋاتقان پۇتلىرىغا قاراپ ئىچىمگە قورقۇنچ چۇشتى-يۇ، ئەمما "ئاللاھ ئۆزۈڭگە ئامانەت" دەپ كۆزۈمنى چىڭ يۇمۇپ يەنە بىلىدىغان ئايەتلىرىمنى ئوقۇشقا چۈشتۈم.
        بىر چاغدا قارىسام، ئايرۇپىلان تەكشى ئۇچۇۋاتىدۇ، لىكىن بۇ تەكشىلىك مىنىڭ قەلبىمنى تولىمۇ ئېگىز-پەس قىلىۋەتتى، چۈنكى مەن ئاتا-بوۋام بىلمەيدىغان بىر ناتونۇش ئەلگە، نۇرغۇن نەرسىلىرىمنى تاشلاپ تەۋەككۇل قىلىپ كىتىۋاتقان ئىدىم. ئەمدى مەندىكى خوشاللىقنىڭ ئورنىنى - غەم ئەندىشە، ۋە تەشۋىش ئىگەللەشكە باشلىدى. "نەدە ياتارمەن، نىمە كۈنلەرنى كۆرەرمەن، يىنىمدىكى ئىلىپ ماڭغان تۆت يېرىم مىڭ دوللار پۇل يىتەرمۇ؟ ئاغرىپ قالارمەنمۇ؟ قاچان يۇرتقا قايتىپ كىلەرمەن؟"....
         بۇ خىياللار كاللامنى ئارام ئالغۇزمىدى، بىر ھازادىن كىيىن كۆزۈمنى ئاچسام ئايرۇپىلان بۇلۇتلارنى پەستە قالدۇرۇپ نامەلۇم يۆنۈلۈشكە قاراپ كىتىۋاتاتتى، شۇنىڭ بىلەن كۆزۈمنى يەنە يۇمدۇم، كۆڭلۈمگە تۇيۇقسىز كەلگەن بىر ناخشا مىنى ئەللەي ئىتىشكە باشلىدى، مەن ئاجايىپ بىر تۇيغۇلارنىڭ ئىسكەنجىسىدە بۇ نامەلۈملۈكنىڭ ئىچىگە ئۆزۇم چۈشكەن ئايرۇپىلانغا قوشۇلۇپ بىر چىكىتكە ئايلىنىپ كىرىپ كەتتىم.....

ئەمدى مەن كىتىپ قالدىم،
ئاجايىپ يىراقلارغا.
تەلمۇرۇپ ئەسلەرسەنمۇ،
ئەسىر بوپ ھىجرانلارغا.

شۇڭقارىڭ ئۇچۇپ كەتتى،
ناتونۇش يەرگە قاراپ.
سېغىنىپ تۇرارسەنمۇ،
كىچىدە ئايغا قاراپ.

خەير خوش ئانا-ۋەتەن،
سۆيگەن يارىم ئامان قال.
شۇڭقار سەنچۇن شۇڭغۇيدۇ،
بۇنى چوقۇم بىلىۋال!




2

تېما

5

دوست

586

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   17.2%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  28753
يازما سانى: 17
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى: 14
تۆھپە : 190
توردىكى ۋاقتى: 39
سائەت
ئاخىرقى: 2014-9-26
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-13 16:21:19 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دوستۇم،سېنىڭ ئاشۇ چاغدىكى  ھىسسىياتىڭنى تەسەۋۋۇر قىلىپ كۆزلىرىمگە ياش كەلدى.
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

6

تېما

1

دوست

2475

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   15.83%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  16912
يازما سانى: 358
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 7
تۆھپە : 690
توردىكى ۋاقتى: 116
سائەت
ئاخىرقى: 2014-7-15
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-13 16:49:01 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كەچمىشلىرىڭىزدىن بەك تەسىرلەندىم مۇئەللىم ،ھەقىقى مىھرى-مۇھاببەتكە تولغان زامانلاركەن شۇ ،بىز ياشلارمۇ سىزگە ئوخشاش ئەگىر تۇقاي ئوقۇش ھاياتىنى ئاز تۇلا بېشىمىزدىن ئۆتكۈزگەن بولساقمۇ ساۋاقداشلىق مىھرى ھازىرقى جوڭگۇ ماللىرىنىڭ سۈپىتىگە ئوخشايدۇ ،دوسلۇقمۇ ،مىھرى -مۇھاببەتمۇ تاۋارلىشىپ كەتتى ،ئىشقىلىپ مەندە شۇنداق بىر تۇيغۇ پەيدا بولۇپ قالدى ......!
ئىشلىرىڭىزغا ئۇتۇق ،تىنىڭىزگە سالامەتلىك ،تۇرمۇشىڭىزغا بەخىت تىلەيمەن مۇئەللىم ،سىزنىڭ شۇڭقار كەبى چاغلىرىڭىز بىزنىڭ ئۆگىنىشمىزگە ،ئۆزىمىزگە قىلىشىمىزغا ئەرزىيدۇ .
ئاللاھقا ئامانەت

0

تېما

0

دوست

263

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   87.67%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  28634
يازما سانى: 5
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 86
توردىكى ۋاقتى: 23
سائەت
ئاخىرقى: 2014-10-8
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-13 16:57:43 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
لىكتورلۇق ئۇنىۋانى دىگەن نىمۇ ؟ سىز ئەينى ۋاقىتتا ماگىستىرلىقنى پۈتتۈرمەيلار ئامىركىغا مىڭىپتىكەنسىز ھە ؟

0

تېما

0

دوست

263

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   87.67%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  28634
يازما سانى: 5
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 86
توردىكى ۋاقتى: 23
سائەت
ئاخىرقى: 2014-10-8
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-13 17:08:17 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
20 مىڭ يۇئەن پۇلنى تۈلىدىڭىزمۇ يە؟ مەن ھەجەپ ئۇقۇپ ئىنىق جاۋابىقا ئىرىشەلمدىم

0

تېما

0

دوست

263

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   87.67%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  28634
يازما سانى: 5
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 86
توردىكى ۋاقتى: 23
سائەت
ئاخىرقى: 2014-10-8
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-13 17:13:59 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سىز بىر مەزگىل شىنجاڭ ئۇنىۋرىستىدا ئۇقۇتقۇچىلىق قىلغانمىدىڭىز ؟

0

تېما

0

دوست

141

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   47%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  29632
يازما سانى: 6
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 30
توردىكى ۋاقتى: 4
سائەت
ئاخىرقى: 2014-7-5
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-13 18:00:00 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ تېما بىزگىمۇ كۆپ ئەلھام بولغۇدەك. چەتئەلدە ئوقۇۋاتقان شۇنچە كۆپ ئۇيغۇرلار بار ئىكەن، مىنىڭ ئىنگىلىز تىلىنى تىخىمۇ ياخشى ئۈگىنىش ئىرادەم ئاشتى. بىزنى كۆزگە ئىلمايدىغان ئادەملەرنى تىللاپ يۈرگەندىن ئۇلارغا ئۆزىمىزنى بىر كۆرسىتىپ قويۇپ گەپ قىلالماس قىلىۋەتكەن ياخشىكەن

yahxilik kilalmisangmu yamanl

1

تېما

8

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   3.3%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  2771
يازما سانى: 592
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 2108
تۆھپە : 2043
توردىكى ۋاقتى: 820
سائەت
ئاخىرقى: 2014-8-4
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-14 11:03:20 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )