پۇتېننىڭ سىتالىنگىرادنى شەھەر نامى قىلىشقا بولغان پوزىتسىيەسى
روسىيەدىكى بىر شەھەرنىڭ نامىنى ئۆزگەرتىش مەسىلىسى جۇڭگولۇق تورداشلارنىڭ دىققىتىنى تارتتى.پۇتىن بىلەت تاشلاپ”سىتالىنگىرادنى شەھەر نامى قىلىش “ بىلەت تاشلاپ بېكىتىشنى قوللىدى دىگەن خەۋەر چىققان چاغدا،بەزىلەر بۇنى مۇھىم خەۋەر دەپ تەۋسىيە قىلدى،ئىنكاس يېزىشىپ قىزغىن مۇزاكىرە قىلىشتى.نۇرغۇن تورداشلار پۇتېننىڭ بۇ ئىشىنى قوللىدى،يەنە بەزىلەر سەل ئەنسىرەۋاتقانلىقىنى ئىپادىلىدى.
ئامېرىكا بىرلەشمىسى ئاگېنتلىقى مۇنداق خەۋەر بەردى:پۇتېن شۇ كۈنى فىرانسىيە نورماندىدا ،نورماندى قۇرۇقلۇققا چىققانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى خاتىرلەش پائالىيىتىگە قاتناشقاندا ،بىر قىسىم روسىيە ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى پىشقەدەم ئەسكەرلەر بىلەن كۈرۈشتى، بىر پىشقەدەم ئەسكەر ۋولگىگىراد شەھىرىنىڭ ئىسمىنى سىتالىنگىرادقا ئۆزگەرتىش توغرىسىدا مەسلىھەت بەردى،پۇتېن بۇنى مۇشۇيەرلىك خەلق ئاممىسى بىلەت تاشلاپ بېكىتسە بولىدۇ دېدى.غەرىپتىكى ئاممىنىڭ پىكىر مۇلاھىزە قىلىشىچە،سىتالىننىڭ ئىسمىنىڭ شەھەر نامى قىلغاندا ناتسىست گىرمانلار ئۈستىدىن غالىپ كەلگەن پەخىرلىنەرلىك ئەسلىمىلەرنى ئويغىتىدۇ،بىراق سىتالىننىڭ سىياسىي مىراسلىرىنى نەزەردە تۇتغاندا ئۇنىڭ ئىسمىنى شەھەر نامى قىلىش روسىيەدە بەس-بەس مۇنازىرە پەيدا قىلدى. خەۋەرنى كۆرۈپ بولغاندىن كىيىن ئەمەلىيەتتە خەۋەر بىلەن تېمىنىڭ بەلگىلىك پەرىق بارلىقىنى بايقىدىم.بۇ خەۋەر پەقەتلا بىر كونا ئەسكەرنىڭ پۇتېن بەرگەن تەۋسىيەسى،بۇ يەردە ھېچ قانداق”قوللاش “دەيدىغان گەپ يوق.بۇ كونا ئەسكەرنىڭ تەكلىپ سۆزىنىڭ ئاخىرى چىقامدۇ يوق بۇنى بىر نەرسە دىگىلى بولايدۇ.پۇتېننىڭ بۇ جاۋابىمۇ ئىسىم ئۆزگەرتىش دىگەن بۇ رېزىنكە توپنى فېدراتسىيەگە پاس بەرگەنلىك.پۇتېن ھەرگىزمۇ ئۆزىنىڭ ئېنىق پوزىتسىيەسىنى ئوتتۇرغا قويمىدى.خەۋەردىمۇ ئۇنىڭ يەنىمۇ ئەستايىدىل ئويلىشىدىغانلىقى سۆزلەندى. شەھەر نامى ئۆزگەرتىش چوڭ دىسە چوڭ كىچىك دىسە كىچىك ئىش،بىراق ۋولگاگىرادقا ئوخشاش بۇنداق چوڭقۇر تارىخقا ئىگە بىر شەھەر ئەگەر ئىسىم ئۆزگەرتسە بۇ بىر چوڭ ئىش،چۈنكى بۇ شەھەر ھەر ئىككىلى قېتىم ئىسىم ئۆزگەرتكەندە سىياسىيغا مۇناسىۋەتلىك،ھەمدە سىرتقا مەلۇم ئۇچۇر تارقىتىدۇ. ۋولگاگىرادنىڭ بۇرۇنقى ئىسمى سارتسىن.سوۋىت روسىيە مەزگىلىدە،داڭلىق سارتسىن مۇداپىيە ئۇرۇشى مۇشۇ يەردە قوزغالغان.شۇنىڭ بىلەن بۇيەردەبارلىققا كەلگەن قىزىل رومان”سارتسىن مۇداپىيە قىلىش “بۇ شەھەرنى قەھرىمان تۈسىگە كىرگۈزۈپ نامىنى يىراقلارغا تارقاتقان.1925-يىلى سىتالىننى ئەسلەش ئۈچۈن سىتالنگىراد دەپ ئۆزگەرتكەن.ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە ،بۇ شەھەر سىتالىنگىراد ئۇرۇشى بىلەن ھازىرغا قەدەر دۇنياۋى نام-ئاتاققا ئىگە.1956-يىلى سوۋېت ئىتتىپاقى سىتالىنغا بولغان شەخسىي چوقۇنۇشنى تەنقىدلەشكە باشلىدى .سىياسەتنىڭ چوڭ مۇھىتىدا بۇ شەھەر 1961-يىلى يەنە ھېچقانداق سىياسىي خۇسۇسىيىتى بولمىغان ۋولگاگىراد دىگەن ئىسىمغا ئۆزگەرتىشكە مەجبۇر بولدى. ئەلۋەتتە روسىيەدە سىياسىي تۈپەيلى ئىسىم ئۆزگەرتكەن شەھەر ئاز ئەمەس.ئوخشاشلا،لېنىنگىراد شەھىرىنىڭ ئىسمىمۇ پىتىربۇرگغا ،سىۋېندىروسىكنىڭ ئىسمى يېكاتېنبۇرۇگغا ئۆزگەرتىلگەن.بۇنداق ئىسىم ئۆزگەرتىشلەر سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئاخىرقى مەزگىللىرىگىچە داۋاملاشتى. سىتالىنلاشتۇرتۇشتىىن باشلاپ سوۋېتلاشتۇرۇشقىچە ئاشۇ دەۋىرنىڭ تارىخىي ئېقىمى. لىكىن پۇتېن ھاكىمىيەت باشقۇرغاندىن بېرى بۇ خىل ئەھۋالدا ئۆزگىرىش بولدى.بولۇپمۇ روسىيە دۆلەت شېئىرى سوۋېت دۆلەت شېئىرىنىڭ ئاھاڭىغا قايتۇرۇلغاندىن بېرى،سىرتتىكىلەر پۇتېنغا قارىتا ھەرخىل ئويلاردا بولدى.كىيىنچە پۇكېننىڭ ھاكىمىيەت باشقۇرۇش ئۇسۇلى بۇ ئوي خىياللارنى دەلىللىدى. بۇ ئىككى يىلدىن بېرى روسىيە بىلەن غەرىبنىڭ مۇناسىۋىتى ياخشى ئەمەس.بولۇپمۇ بۇ يىل،ئوكرائىنا ۋەقەسى تېخى تىنچلانمىدى.ۋولگاگىرادنىڭ نامىنى ئۆزگەرتىش توغرىسىدىكى خەۋەر ئېنىقلا سىرتتىكىلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغايدۇ. ۋولگاگىراد ئىلگىرى ئىسىم ئۆزگەرتىشكە مۇناسىۋەتلىك سىناق ئېلىپ بارغان،2013- يىلى 1-ئايدا ۋولگاگىراد شەھىرى دۇماسى ھەر يىلدىكى بەلگىلىك ئالتە خاتىرە كۈنىدە شەھەرنىڭ ئىسمىنى سىتالىنگىراتقا ئۆزگەرتىشنى بېكىتىپ سىتالىنگىراد مۇداپىيە ئۇرۇشىنىڭ 70يىللىقىنى تەبرىكلىدى. بىراق بۇنىڭ پەقەتلا سىمۋوللىق ئەھمىيىتى بار.سىتالىنگىراد ۋە ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى بىلەن سىتالىننى ئۆز-ئارا ئايرىۋەتكىلى بولمىغانلىقى ئۈچۈن، سىتالىنغا بولغان تۇنۇش سەزگۈر ھەم مۇرەككەپ،شۇڭا ئىسىم ئۆزگەرتىشكە توغرا كەلسە پۇتېن چۇقۇم ئەستايىدىل ئويلىنىش كېرەك.پۇتىن ئىلگىرى سىتالىنغا قارىتا سىرتقا خەۋەر تارقاتقان.ئالدىنقى يىلى ئۇ روسىيەنىڭ ئەمدى سىتالىن دەۋرىگە قايتىپ ئىستىدات ھۆكۈمرانلىق يولغا قويمايدىغانلىقىنى ،شەخسىي چۇقۇنۇش بولمايدىغانلىقىنى،چوڭ كۆلەملىك ھوقۇققا دەخلى تەرۈز يەتكۈزۈشتەك سىتالىنىزىم بولمايدىغانلىقىنى ئۇچۇق بىلدۈردى.يۇقارقى ئۇچۇرلارنى بىرلەشتۇرگەندە،ۋولگىگىرات ئىسىم ئۆزگەرتەمدۇ يوق كۆپچىلىكنىڭ كۆڭلىدە ئازراق سان بولدىغۇ دەيمەن.
باغداشقا خاس ، رۇخسەتسىز كۆچۈرمەڭ
|