- تىزىملاتقان
- 2011-1-21
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-4-27
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 35316
- نادىر
- 19
- يازما
- 1762
ئۆسۈش
  63.29%
|
tikan يوللىغان ۋاقتى 2014-6-11 19:08 
ئەركىم ئاكا،بولسا سىزنىڭ قاشتېشى سودىسى قىلىشىتىكى زى ...
مەن قاشتېشى سودىسى قىلىپ بەك چوڭ زىيان تارتمىدىم، شۇغىنىسى خەق سېتىشقا ھاۋالە قىلغان تاشلارنى ئوغرىغا بېرىپ قويۇپ تۆلەم تۆلەشكە مەجبۇر بولدۇم، مېنىڭچە ئەڭ ياخشىسى نىسى مال ئالماسلىق، ھاۋالە تاش ئالغاندىمۇ توختاملىشىش، ئېغىزاكى توختام ئاقمايدۇ. بىر مەدەنىيەتلىك مىللەت توختاملىشىدۇ، تارىخىمىزدا ئىدىقۇت ئۇيغۇر خاندانلىقى دەۋرى بۇ مۇساپىنى تولۇق تاماملاپ بولغان ئىكەن...بىراق ھازىر نۇرغۇن كىشىلەر ئاغزاكى ۋەدە، توختاملارغا ئىشىنىپ كېتىپ زىيانغا ئۇچىراۋاتىدۇ.
بۇرۇن ئەرزان تاشلارغا ئېسىلاتتىم، ھازىر باھاسى قىممەترەك ياخشى تاشلارنى تاللاپ سېتىۋالىمەن، ياخشى تاشنىڭ ھامان قىممىتى ئۆسىدىكەن.
ياخشى گەپ تاشنى يارىدۇ، يامان گەپ باشنى...سودىدا گەپ-سۆز، كىشلىك ئەخلاق، ۋەدىگە دىققەت قىلىشىمىز كېرەك، راستچىللىق مۇۋاپىقىيەتنىڭ يەنە بىر ئاچقۇچى. 9 يىلدىن بۇ يان بىرەرتال يالغان تاش سېتىپ باقمىدىم. بىلمەي ساتقانلىرىم بولسا بۇنىڭ سىرتىدا.
مەن بىلىدىغان تاش بازىرى پەقەت قومۇل بىلەنلا چەكلىنىدۇ. خوتەن، ئۈرۈمچى، قومۇلدىكى تاش بازارلىرى ھەممىدىن چوڭ، ئادەممۇ جىق. باشقا يۇرتلارنى ئانچە بىلىپ كەتمەيمەن.
قومۇلدا شەنبە، يەكشەنبىلىك بازار بار. |
|