- تىزىملاتقان
- 2011-9-30
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-4-22
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 12929
- نادىر
- 19
- يازما
- 664
ئۆسۈش
  7.32%
|
مەنچە بۇ يەردىكى ئەڭ قىممەتلىك نەرسە 29-تېئورمىنىڭ ئىسپاتلىنىشى بولماستىن، بەلكى، كارخانىچىلىرىمىز بىلەن ئىلىم سۆيەر ئەزىمەتلىرىمىزنىڭ تەبىئىي پەننىڭ دۇنياۋى سەۋىيىدىكى نەزىريىۋى قاتلاملىرىغا بۆسۈپ كىرىش ۋە ئەمىلىي مەشغۇلات باسقۇچىغا ئۆتۈشكە ھەم شۇ تۈردىكى تەتقىقاتقا مەبلەغ سېلىشقا جۈرئەت قىلىش روھى.
بارىكاللا ئەزىمەتلەر، خەلقىمىزنىڭ مەدىتى سىلەرگە يۆلەك! يولىڭلار توختاپ قالمىسۇن! غەلىبە سىلەرگە مەنسۇپ!
سىلەر مەيلى غەلىبە قىلىڭلار، مەيلى مەغلۇب بولۇڭلار، ئامېرىكا پىرىزدېنتى رېگاننىڭ «خىرىسچى» ناملىق ئالەم كېمىسىدىكى ئەزىمەتلەر قازاغا ئۇچرىغاندا ئۇلارنى «ھەقىقىي قەھرىمان» دەپ تەرىپلىگىنىدەك؛ ئەنگىليە ھۆكۈمىتى، سىكۇت باشچىلىقىدىكى ئېكىسپېدىتسىيە ئەتىرىتى جەنۇبىي قۇتۇپ سەپىرىدە، نورۋېگىيەنىڭ ئامىنسۇن باشچىلىقىدىكى ئېكىسپىدىتسىيە ئەتىرىدىن كېيىن قالغان ھەم سەپەردە قازاغا ئۇچرىغان بولسىمۇ، ئۇلارنىڭ تىراگىدىيلىك ئۆلۈمىنى، ئېنگىلىزلارنىڭ سەمىمىي ۋە تىز پۈكمەس روھىنى ئىپادىلىدى دەپ قاراپ «ئۇلۇغ تىراگىدىيە» دەپ ئاتىغىنىدەك، بىزمۇ سىلەرنى ھەقىقىي ئەزىمەتلەر دەپ قارايمىز! |
|