- تىزىملاتقان
- 2013-4-21
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-4-26
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 4146
- نادىر
- 0
- يازما
- 259
ئۆسۈش
  71.53%
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ROCK تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-6-7 22:48
masturam يوللىغان ۋاقتى 2014-6-7 22:26 
سىزنىڭ دەۋاتقانلىرىڭىز ئىچكىردىكى تەرەققى قىلغان شە ...
بېيجىڭنىڭ شەھەر مەركىزىدە 2 مىليۇنغا 50 كىۋادىرات مېتىرلىق ئۆي سېتىۋالالمايسىز ، بايلارنىڭ ھەممىسىنىڭ ئۆيى بار ، بايلار ئەمدى ئۆي سېتىۋالمايدۇ ، تۆۋەن كىرىملىك ئائىلىلەر ئۆي سېتىۋالىمىز دىسە ئۆي پۇلى ھەم بانكىنىڭ ئۆسۈمى بۇلۇپ 3 - 4 مىليۇنغا باردۇ بېيجىڭدا ، تۆۋەن كىرىملىك ئائىلىلىكلەر ھەم خىزمەتچىلەر بۇ ئۆيلەرنى سېتىۋالالمايدۇ ، شۇڭا 2014 كىرگەندىن باشلاپ ئۆي باھاسى ئازراق چۈشتى ، خەنچە خەۋەرلەردە بانكىلار ئۆي - مۈلۈك بازىرنى قۇتقۇزۇش ئۆچۈن كىشلەر ئۆي سېتىۋالىمىز دىسە ، كىشلەرگە بېردىغان قەرىزنىڭ سوممىسىنى كۆپەيتىدىغانلىق توغرىسىدا ئۇختۇرۇش چىقاردى دەپ تۇردۇ ، ئۇنىڭ ئۈستىگە دۆلىتىمىزدىكى بايلار پۇلنى دۆلىتىمىزدە تېپىپ چەتئەلگە يۆتكەۋاتىدۇ ، ھەم نۇرغۇن دۆلەتلەر مەبلەغلىرنى دۆلىتىمىزدىن شەرقىي جەنۇبىي ئاسىياغا ھەم ئامېركىغا يۆتكەۋاتىدۇ ،بۇ سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن دۆلىتىمىزدىكى ئايلىنىپ تۇرغان پۇل ئازلاپ كەتتى ، ئۆي باھاسىنىڭ داۋاملىق ئۆسىشى ھەم چۈشۈپ كەتمەي مۇشۇ ھالەتنى ساقلاپ تۇرۇشى ئۈچۈن كىشلەردە ئۆي سېتىۋالغۇدەك پۇل بۇلۇشى كېرەك ، ھۆكۈمىتىمىز بازاردا ئېقىپ يۈرگەن پۇلنىڭ سانىنى كۆپەيتىمەن دەيدىكەن پۇل بېسىشقا توغرا كېلدۇ ، پۇلنى كۆپلەپ باسسا پۇل پاخاللىقى كېلىپ چىقىپ ، مال باھاسىنىڭ ئۆسۈپ كىتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىردۇ ، مال باھاسىنىڭ ئۆسۈپ كىتىشى ھەم كىشلەرنىڭ ئۆي سېتىۋېلىش ئۈچۈن بانكىغا قەرىز بۇلۇپ قېلىشى سەۋەبلىك كىشلەرنىڭ يانچۇقىدا كۆپ پۇل يوق ، شۇڭلاشقا نۇرغۇن كىشلەر پۇلىنى زۆرۈر بولمىغان نەرسىلەرنى سېتىۋېلىش ئۈچۈن خەجلىمەيدۇ ، ، ، |
|