روھنىڭ ئېغىرلىقى 21 گىراممىش
مەقسۇت ئەمىن ئەركيار
1907-يىلى ئامېرىكا كېسەللىك نەزەرىيسى ئالىمى دېككىن.ماكدوگىر قاپ يۈرەكلىك بىلەن ئالتە نەپەر سەكراتقا چۈشۈپ قالغان كېسەل ئۈستىدە مۇنداق تەجرىبە ئېلىپ بارغان.يەنى،بىر ئالاھىدە قۇرۇلمىلىق كارىۋاتنى لايىھىلەپ بىمارنىڭ ئۆلۈمنىڭ ئالدى كەينىدىكى ئۆزگىرىشىنى كۆزەتكەن.ئۇنىڭ كۆزىتىش نەتىجىسىنىڭ خۇلاسىسىدىن مەلۇم بولۇشىچە،ئادەم ئۆلۈشنىڭ ئالدى كەينىدە تۇيۇقسىزلا ئۇمۇمىي بەدەن ئېغىرلىقىدىن 21گىرام ئېغىرلىقنى يوقىتىدىكەن*.
تۆۋەندىكى تەڭلىك ئوڭدىن سولغا ئوقۇلىدۇ
ھايات=ئۆلۈم+21گىرام
ئۆلۈم=ھايات-21گىرام
كىنو رىژىسۇرى «21گىرام» ناملىق كىنودا مۇنداق بايان قىلىدۇ:
ھاياتىمىز قانچە قېتىم؟
يەنە قانچە رەت مامات بىزگە؟
ئۇلار 21گىرام ئېغىرلىقنى يوقىتىسەن دېيىشىدۇ
ئەجەل كەلگەن ئاشۇ پەيتتە
ھەممە كىشى
بۇ 21گىرامدىن قانچىلىك قالار
قانچىلىك يوقىلار
بىرقانچە تال 5فۇڭلۇق تەڭگە پۇلنىڭ ئېغىرلىقى
بىر ھەرىقۇشنىڭ ئېغىرلىقى
بىرتال كىچىك شاكىلاتنىڭ ئېغىرلىقى
بۇ 21 گىرامنىڭ ۋەزنى قانچىلىك...
روھنىڭ ئېغىرلىقى 21گىراممىش!
ۋاڭ چۈنيۈەن ئاپتۇرلۇقىدىكى«روھ 21گىرام»ناملىق كىتابتىن .
|