- تىزىملاتقان
- 2011-1-8
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-4-30
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 7640
- نادىر
- 2
- يازما
- 305
ئۆسۈش
  52.8%
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا maxal20 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-8-30 11:53
dolanogli يوللىغان ۋاقتى 2014-6-8 00:01 
تارىخى كىتاپ بولغاندىكىن نىمىشقا تارىخنى چىنىلىق يېزى ...
ئىز ۋە ئويغانغان زېمىن بىر تارىخى رومان. يۈزدە يۈز چىنلىق پاكىت بىلەن ئەكس ئەتتۈرىلىشى كېرەك ئەمەس. ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر مەيلى نىياز دېھقان بولسۇن مەيلى مىرۇل مەرگەن بولسۇن شۇ كىشىنى ئەكس ئەتتۈرگەن . روماندا ئۇلارنىڭ كىم بولىشى مۇھىم ئەمەس، لېكىن بولغان بولىشى يېتەرلىك. چىقىرىۋېتىلگەنمۇ، چىقىرىۋەتكەنمۇ ياكى چىقىرىۋېتىشكە مەجبۇر بولغانمۇ ياكى زۆرۆر دەپ بىلگەنمۇ ئۇنىسى ئاپتورغا تېخىمۇ ئايان. لېكىن زامان ۋە ماكان نۇقتىسىدىن ئېيتقاندا ئۆتكۈر ئەپەندى ئۆزىنىڭ قۇربى يېتىشىچە، ئەڭ زور تىرىشچانلىق بىلەن يېزىپ قالدۇرغان بۇ ئەسەر قومۇل دېھقانلار قوزغىلىڭىنى چۈشىنىشتىكى مۇھىم ماتىرىيال بولۇپ كەلمەكتە. چىنلىقنى يېزىش ئۈچۈن چىنلىققا رۇخسەت قىلىنىشى كېرەكتە. گەپنى چۈشىنەلىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن. يەنە بىرى تارىخى كىتاب، تارىخ كىتاب ۋە تارىخى رومان ئوتتىرىسىدا نۇرغۇن پەرقلەر مەۋجۇت. |
|