- تىزىملاتقان
- 2012-7-29
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-4-20
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 5414
- نادىر
- 0
- يازما
- 377
ئۆسۈش
  8.28%
|
ھۆرمەتلىك يازغۇچى ئەپەندىم ،قارىغاندا ۋەتەندىن ئايرىلغان ۋاقتىڭىزغا خېلى ئۇزۇن بولغان ئوخشايدۇ ،ۋەتەندىكى ئەسلىمىلىرىڭىز سىزنىڭ ۋەتەننى سېغىنىپ يارا بولغان يۈرەكلىرىڭىزگە مەلھەم بولۇپ كېلىۋاتقاندەك قىلىدۇ ،ئۇنداق بولمىغاندا بۇ ئەسەرنى ئۇنداق تەسىرلىك يازالمىغان بولاتتىڭىز ......
مەن سىز ھېكايە قىلغان، ھېلىقى شىنجاڭ ئونۋېرسېتىتى ئوغۇللار ئاشخانىسىنىڭ ئالدىدا ھەر خىل ھىكايىلىرى بىلەن باشقىلارنىڭ مېڭىسىدە ئۆلمەس تەسۋىرلەرنى قالدۇرغان يوقۇرى يىللىق ماتېماتېكا سىنىپتىكى بالا بىلەن ساۋاقداش بولىمەن .بىز 1988-يىلى 7-ئايدا مەكتەپ پۈتتۈرۈپ ئۆز خىزمەت ئورۇنلىرىمىزغا يۈرۈپ كەتتۇق .كىيىن ئاڭلىساق بۇ ساۋاقدىشىمىز نەچچە ئايلارغىچە مەكتەپتىن ئايرىلماپتۇ .ئونۋېرسېتىتىتا خىزمەككە قالغان ساۋاقدىشىمىزدىن سۈرۈشتۇرسەك ،مەكتەپمۇ خېلى كۈچ چىقىرىپ داۋالىتىپتۇ ،لىكىن نېرىپ كېسەللىگى باشقا كېسەللەرگە ئوخشىمىغاچقا ،ئۈنۈمى كۆرۈلمەپتۇ .ئاخىردا ئائىلىسىگە قايتۇرۇپ ،ساقايغاندا كېلىپ ئوقۇشنى بۇيرۇپتۇ .ئۇزۇن ئۆتمەي ،ساۋاقدىشىمىز بەخىتكە قارشى ئۇ ئالەمگە كېتىپتۇ .بىزنىڭ يۈرۈكىمىزمۇ ئۇنسىز ياش تۆكتى .
مېنىڭچە ،بەزى ئىشلار ئىنسانلار ۋە ئۇلار ھاسىل قىغان جەمىيەتنىڭ كۆيۈمسىزلىگى ۋە
ئادالەتسىزلىگى تەرىپىدىن پەيدا بولغان بولسا ،يەنە بەزى ئىشلار تەغدىر تەرىپىدىن شۇنداق ئۇرۇنلاشتۇرۇلغان بولىدۇ،(مەسىلەن ،فىزولوگىيەلىك،پىسخىكىلىك كېسەللىك ۋە ئاجىزلىق.). سىز ئىيتقان ئۇ ساۋاقدىشىمىز ئىنسانلار ئارىسىدىكى مىھرى مۇھاببەتنىڭ كامچىللىغى سەۋەپلىك ئەمەس ،بەلكى فىزولوگىيەلىك، پىسخولىگىيىلىك سەۋەپ تۈپەيلى شۇنداق تەغدىرگە قالغان(ئۇ ھېكايىنى قايتا سۆزلەپ ئولتۇرغۇم يوق ) .لىكىن ،فىزىلوگىيە ۋە پىسخولوگىيە جەھەتتىن ساپ-ساق كىشىلەرنىڭ ئاجىز كىشىلەرگە سالغان زۇلۇملىرى ئالدىدا بۇ يۈرەك يەنە مەيۈس يىغلاۋەرمەسلىگى كېرەك دەپ ئويلايمەن ................
|
|