- تىزىملاتقان
- 2011-6-14
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-3-12
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 5574
- نادىر
- 0
- يازما
- 230
ئۆسۈش
  11.48%
|
ئەلقەم مۇئەللىم بەك تىرىشچان ئىدى ، مەن ئۇيغۇر تىبابەت ئالى تېخنىكومىدا 2 - يىللىققا چىققان ۋاقتىىمدا ئەلقەم مۇئەللىم شۇ مەكتەپكە ئىشقا چۈشكەن ، ئۇ دەرسنى بەك چۈشىنىشلىك سۆزلەيتتى ، خۇدانىڭ قۇتلۇق كۈنى سەھەردە پۇتبول مەيدانىدىكى چىملىققا چىقىپ ئېنگىلىزچە ئۈگىنەتتى ، تېكىست يادلايتتى ، ئۇ يىللاردا ئۇ مەكتەپتىكى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ مائاشىمۇ ئانچە يوقىرى ئەمەس ئىدى ، لېكىن ئەلقەم مۇئەللىم ئوز يېنىدىن پۇل چىقىرىپ مەكتەپنىڭ ئالدى تەرىپىدىن دۇكان ئىجارىگە ئېلىپ بىر كىتاپخانا ئاچقان ، تېخى ھەقسىز بولۇپلا قالماي ، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا كىتاپ ئوقۇش مۇسابىقىسى ئۇيۇشتۇرۇپ ، يەنە ئۆز يېنىدىن ئىقتىساد چىقىرىپ مۇكاپاتلايتتى . بۇ ساۋاپلىق ئىشقا بىزمۇ ئازىراق بولسىمۇ ياردەمدە بولايلى دىسەك « سىلەر ئوقۇغوچى ، كىرىمىڭلار يوق ، مېنىڭ مائاشىم بار ئۆزەم قىلىپ كېتەلەيمەن ، سىلەر ئۇشۇشۇڭلارنى ياخشى ئوقۇڭلار » -دەپ سىلىق رەت قىلاتتى . بۇ سۆيۈملۇك ئۇستازىمغا ھۆرمىتىم چوڭ ئىدى ، مەكتەپتە ئوقۇغۇچىلارلا ئەمەس ، ئوقۇتقۇچىلارمۇ ئۇنىڭ تىرىشچانلىقىغا قول قوياتتى .
ئۇنىڭدىكى شۇ تىرىشچانلىق روھى ، شۇ چىدامچانلىق ، شۇ ئىرادە ئاخىرى ئۇنى مۇشۇنداق شان - شەرەپ ، ئۇتۇقلارغا ئېرىشتۈرۈپتۇ . سۆيۈملۈك ئۇستازىمنىڭ تېنىگە سالامەتلىك ، خىزمەت ، تەتقىقاتلىرىغا ئۇتۇق ، ئائىلىسىگە بەخىت - سائادەت ۋە خاتىرجەملىك تىلەيمەن ! |
|