بۇ يازمىنى ئاخىرىدا samawar تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-6-19 10:59
خالىدە ئىسرائىل پوۋىستلىرىنىڭ بەزى ئالاھىدىلىكلىرى
رۇقىيە قادىر
(پەيزاۋات ناھىيىلىك قوش تىل تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ)
قىسقىچە مەزمۇنى: بۇ ماقالىدە «قۇملۇقنىڭ چۈشى» ناملىق پوۋىست ۋە «ھەۋزىخان» ناملىق خەلق داستانىدىكى سىيۇژىت نۇقتىلىرى سېلىشتۇرۇلۇپ، ۋەقەلىكنىڭ قانداق كېڭەيتىلگەنلىكى، پىرسوناژ ئوبرازى قانداق يارىتىلغانلىقى قاتارلىقلار مىسىال كەلتۈرۈلۈش ئارقىلىق خالىدە ئىسرائىل پوۋېسىتلىرىنىڭ ھەمتېكىستلىك ئالاھىدىلىكى بايان قىلىنىدۇ.
ئاچقۇچلۇق سۆزلەر: خالىدە ئىسرائىل، ھەمتېكىستلىك، ئوقۇلۇشچان تېكىست، يېزىلىشچان تېكىست
خالىدە ئىسرائىل يېڭى دەۋر ئۇيغۇر پروزىچىلىقى ئۈچۈن مۇناسىپ ھەسسە قوشقان ۋە ئىجادىيەتتە مەلۇم يۈكسەكلىك ياراتقان يازغۇچىلارنىڭ بىرى. ئۇ ئۆز ئەسەرلىرىدىكى ھەقىقىي «ئادەم» لىك ھېس- تۇيغۇغا، مۇرەككەپ، كۆپ قىرلىق زىددىيەتكە تولغان ماھىيەتكە ئېگە پىرسوناژلىرى، ساددا، گۈزەل ئۇسلۇبى، دەبدەبىسىز، ئەمما ئىنسان ۋۇجۇدىنىڭ ئەڭ نازۇك تۈگۈنلىرىگىچە سۈرەتلەپ بېرەلەيدىغان چۈچۈك تىلى بىلەن كىشىلەر قەلبىنى لەرزىگە سالىدۇ. ئۇ 1985- يىلى «ئېھ، ھايات» ناملىق ھېكايىسى بىلەن ئەدەبىي ئىجادىيىتىنى باشلىغاندىن بۇيان مۇھەببەت ۋە ئەخلاق تېمىلىرىغا بېغىشلانغان بىر تۈركۈم نادىر ھېكايە پوۋىستلارنى يېزىپ ناھايىتى ئاددىي، ئۇششاق تەپسىلاتلار بىلەن ھاياتلىقنىڭ كىشىلەر تازا زەن سېلىپ كەتمەيدىغان، ئاسان ھېس قىلىپ يېتەلمەيدىغان نازۇك تەرەپلىرىنى ئۇستىلىق بىلەن كۆرسىتىپ بەردى.
ئۇنىڭ ئەسەرلىرى سان جەھەتتىن ئانچە كۆپ بولمىسىمۇ ئەمما يۇقىرى بەدىئىي قىممىتى، ئۆزگىچە بەدىئىي ئۇسلۇبى ۋە ئىپادىلەش ماھارىتى بىلەن ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا ئۆزىگە خاس ئورۇن تۇتىدۇ.
ئاپتورنىڭ«تارىم» ژۇرنىلىنىڭ 1989-يىللىق 8-سانىغا بېسىلغان«قۇملۇقنىڭ چۈشى» ناملىق پوۋىستى يازغۇچىنىڭ يۈكسەك بەدىئىي ماھارىتىگە ۋەكىللىك قىلىپ، كىتابخانلار تەرىپىدىن قىزغىن ئالقىشقا ئېرىشىپ، ئەدەبىيات تەتقىقاتچىلىرىنىڭ دىققەت ئىتبارىنى قوزغىدى. پوۋىست ئېلان قىلىنغىنىغا20 نەچچە يىل بولدى. بۇ جەرياندا ئۇيغۇر ئەدەبىيات تەتقىقاتىدا كۆپلىگەن يېڭىچە تەتقىقات ئۇسۇللىرى، يېڭىچە نۇقتىئنەزەرلەر بارلىققا كېلىپ، ئەسەر تەتقىقاتىدىكى ئۆلچەم تېخىمۇ چىڭىپ باردى. مەيلى قانداق ئۇسۇل، قانداق ئۆلچەم بىلەن تەتقىق قىلىنمىسۇن«قۇملۇقنىڭ چۈشى» «كونىراپ» قالغىنى يوق. ئەسەرنىڭ تەتقىقاتقا بەرداشلىق بېرەلىشىدە، ئېسىل ئەسەر دەپ مۇئەييەنلەشتۈرۈلىشىدە گەپ يوق.
ئاپتورنىڭ «قۇملۇقنىڭ چۈشى» ناملىق توپلىمىدا ئەسەر ماۋزۇسىدىن كىيىن«بۇ پوۋىست خەلق داستانى‹ھەۋزىخان› غا ئاساسەن يېزىلدى –ئاپتوردىن» دەپ ئەسكەرتىلىدۇ. ھەمتېكىستلىك نەزەرىيسى بويىچە ئېيتقاندا ھەرقانداق بىر تېكىست كۆپلىگەن تېكىستلەردىن تەركىب تاپقان تېكىست تورىنىڭ ئىچىدە مەۋجۇت بولۇپ، باشقا بىر تېكىست بىلەن باغلانغان ۋە بولىدۇ ۋە شۇ تېكىستكە نىسبەتەن قايتىلاش، كۈچەيتىش، بېيىتىش، كۆچۈش رولىنى ئوينايدۇ. ئاپتور دەل موشۇ نۇقتىنى ئۆزى ئەسكەرتىدۇ. بۇيەردە ئاپتۇرنىڭ‹ھەۋزىخان› غا ئاساسەن يېزىلغانلىقىنى ئۆزى ئوتتۇرغا قويغانلىقى مۇھىم ئەھمىيەتكە ئېگە بولۇپ، بۇ بىر خىل ھەمتېكىست يېزىقچىلىقى ئۇسۇلىنى قوللانغانلىقىدىن بېرىلگەن بىشارەت بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. بۇ بىزنىڭ ئەسەرنىڭ ھەمتېكىستلىك ئالاھىدىلىكىنى چۈشىنىشىمىزدىكى مۇھىم بىر يىپ ئۇچى. ئۇنىڭدىن باشقاخەلق ئېغىز ئەدەبىيات نەمۇنىلىرىدىن ئۈلگە ۋە ئوزۇق ئالغان«مەختۇمسۇلا» پوۋېستىنىمۇ يازغۇچى خەلق داستانى«چىن تۆمۈر باتۇر» ئاساسىدا يېزىپ چىققان .
يازغۇچى خالىدە ئىسرائىل پوۋېسىتتا«چىن تۆمۈر باتۇر» داستانىغا ئىجادىي يوسۇندا ۋارىسلىق قىلىپ، داستاندىكى رىۋايەت خاراكتېرىدىكى تەپسىلاتلارنى چىقىرىپ تاشلاپ، ئۇنىڭ ئورنىغا تۇرمۇش چىنلىقىغا باي نۇرغۇن ئىجادىي مەزمۇنلارنى قوشۇپ، پوۋېستنى كۈچلۈك رېئالىستىك خۇسۇسىيەتكە ئىگە ئەسەرگە ئايلاندۇرغان. «چىن تۆمۈر باتۇر» داستانى بىلەن«مەختۇمسۇلا» پوۋېستىنىڭ ۋەقەلىكى چوڭ جەھەتتىن ئوخشاپ كەتسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭدا يەنىلا مۇھىم پەرقلەر مەۋجۇت. ئەسەردىكى بىرقىسىم تەپسىلاتلارغا نەزەر سالىدىغان بولساق، يازغۇچىنىڭ رېئالىزىملىق ئىجادىيەت ئۇسۇلىدىن پايدىلىنىپ داستان ۋەقەلىگىگە بەزىبىر يېڭىلىقلارنى ئېلىپ كەلگەنلىكىنى ھېس قىلالايمىز.
ھەمتېكىستلىك نەزەرىيسىنىڭ تەرەققىياتىغا تۆھپە قوشقان شەخسلەردىن خارولد بلۇمنىڭ قارىشىچە يازغۇچىلار «ئىلگىرى يېزىلغان نوپۇزلۇق، كاتتا شېئىرلارغا يۈزلەنگەندە كىيىنكىلەرنىڭ ئۆزلۈك ئېڭىدا‹كىيىن قالغان› لىق تۇيغۇسى كەلتۈرۈپ چىقارغان، يوقاتقىلى بولمايدىغان تەشۋىش ۋە ئالاقىزادىلىك بولىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ‹تۈزىتىش شەكلى›(修正式) بىلەن پېشۋالارنىڭ ئەسەرلىرىنى‹خاتا ئوقۇيدۇ›، سېمۋوللۇق، رەسمىي ھالدا ئۇلارنى«قەتلى قىلىپ»، ئۆزىنىڭ ئىجادىيەت تەسەۋۋۇرى ئۈچۈن بوشلۇق ھازىرلايدۇ. ① شۇڭا«ھەۋزىخان»، «چىن تۆمۈر باتۇر» دىن ئىبارەت تەسىرلىك ۋەقەلىككە ئېگە بۇ خەلق داستانلىرى ئاپتورنىڭ ئىجادىي تەسەۋۋۇرىنى قوزغىتىپ، «قۇملۇقنىڭ چۈشى» دەك مۇھەببەت بىلەن تىراگىدىيە دولقۇنسىمان تەرەققىي قىلىدىغان ئەگرى-توقاي سىيۇژىتقا ئېگە، لىرىكىغا تويۇنغان، ئىنساننىڭ مۇرەككەپ روھى دۇنياسىنى مەلۇم دەرىجىدە ئېچىپ بېرەلەيدىغان؛ «مەختۇمسۇلا» دەك ئەگرى-توقاي مۇھەببەت سەرگۈزەشتلىرىنى ناھايىتى ئۇششاق چىن تۇرمۇش تەپسىلاتلىرى ئارقىلىق تەسۋىرلەپ، ئاياللارنىڭ يۇرت ۋەتەن سۆيگۈسى بىلەن ئىنسانىي ئىشىق- مۇھەببىتى گىرەلىشىپ كەتكەن تولىمۇ نازۇك ھېس-تۇيغۇلىرىنى، گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان ئارزۇ-ئارمانلىرىنى ئىپادىلىگەن نادىر پوۋىستلارنىڭ مەيدانغا كېلىشىگە بىۋاستە سەۋەب بولغان.
يۇقىرىدىكىدەك ئەھۋالدا «تۈزىتىش» ناھايىتى ئۇستىلىق بىلەن، يۇقىرى بەدىئي دىت بىلەن بىر تەرەپ قىلىنمىغاندا، ئۆز ئەھمىيىتىنى يوقىتىپلا قالماستىن، ئالدىنقى تېكىستنىمۇ ۋەيران قىلىپ تاشلايدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ پوۋىستلار خەلق داستانىغا ئاساسەن ئاددىيلا ئۆزگەرتىپ يېزىش، ياكى ۋەقەلىكنى تەكرارلاش، كېڭەيتىش ئەمەس، بۇ يەردە قوللىنىلغىنى بىرخىل ھەمتېكىستلىك يېزىقچىلىقى ئۇسۇلىدۇر.
«ھەۋزىخان»، «چىن تۆمۈر باتۇر» داستانلىرى بىلەن «قۇملۇقنىڭ چۈشى»، «مەختۇمسۇلا» پوۋىستلىرىنىڭ ھەمتېكىستلىك ئالاھىدىلىكى ئالدى بىلەن ئەسەر سىيۇژىتىدا ئىپادىلىنىدۇ. «ھەۋزىخان»پوۋىستىنى مىسالغا ئالىدىغان بولساق، ئاپتور بۇ پوۋىسىتنى يازغاندا ھەمتېكىست يېزىقچىلىقى ئۇسۇللىرىدىن«كېڭەيتىپ يېزىش» نى تاللىۋېلىپ، ئەسلىدىكى سىيۇژىت ئاساسىدا ۋەقەلىكنى ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە ئۈنۈملۈك كېڭەيتىپ بارغان. «ھەۋزىخان»داستانىنىڭ سىيۇژىت نۇقتىلىرى بىلەن «قۇملۇقنىڭ چۈشى» ناملىق پوۋىستنىڭ كېڭەيگەن سىيۇژىت نۇقتىلىرىنى سېلىشتۇرغاندا بۇ نۇقتا تېخىمۇ ئېنىق نامايان بولىدۇ:
«ھەۋزىخان»داستانىدا ناھايىتى ئىخچام، سىدام خەلق تىلى بىلەن ئارىغوللۇق ئابدۇللاخۇن بىلەن باغئېرىقىلىق ھەۋزىخاننىڭ ئۆز- ئارا ياخشى كۆرۈشۈپ، قېچىپ كىتىشكە مەسلىھەتلىشىشى ۋە قېچىشى، ئۇلارنىڭ«تۆت ئاي ئوبدان بولاشقان»لىقى، ئاندىن ئارىغا دۈشمەن چۈشۈپ ئابدۇللا بىلەن ھەمراخاننىڭ غەيرىي مۇناسىۋىتى بارلىقىنى ئېيىتقانلىقى ۋە ھەۋزىخاننىڭ ئۇلارنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەنلىكى، ھەۋزىخاننىڭ زىددىيەتنى«داستىخاننى سېلىپ، سىنچاينى قۇيۇپ ئولتۇرۇپ» ھەل قىلماقچى بولغانلىقى، ئابدۇللانىڭ «قىلىچ سالسا، مىلتىق ئاتسىمۇ» ھەمراخاننى تاشلىمايدىغانلىقىنى ئېيتقانلىقى، ھەمراخاننىڭ يەنەبىر قېتم ئۇلارنى كۆرگەنلىكى ۋە ئاش كېسىۋاتقان پىچاقنى كۆتۈرۈپ چىقىپ ھەمراخاننى ئۆلتۈرۈپ قويغانلىقى، ھەۋزىخاننىڭ پاجىئەنى دادىسىغا دىگەنلىكى ۋە گۇناھىنى ئۈچ پارچە پۈتكۈزۈپ مەلۇم قىلغانلىقى، باھاۋىدىنباينىڭ قىزىنى قۇتقۇزۇشقا ئۇرۇنغانلىقى، ئالتە كۈن قىزىنى ئېلىپ چىقىشقا قوشۇلغانلىقى، يامۇلغا ئاز قالغاندا قىزنىڭ«ئاتنىڭ بېشىنى قايتتۇر» غۇزۇپ، ئۆزىنى تويى بولغاندەك ئۇزىتىپ قويۇشنى، ئىچ يەرلىكنى باشقا قىلىپ، ھەمراخاننىڭ يېنىغا قويۇشنى ئۆتۈنۈشى، ئادىشىنى ئۆلتۈرۈپ قويغانلىقىغا پۇشايمان قىلىشى، ۋاڭ دوتەينىڭ«تەتەينى بېرىپ، ھەۋزىخاننى ئېلىپ قالماقچى» بولۇشى ۋە ھەۋزىخاننىڭ ئۆلۈم يولىنى تاللىۋېلىشى، ھەۋزىخاننىڭ دادىسىنىڭ قىزىغا ئۆلۈمىگە مۇسىبەت تۇتۇشى قاتارلىق ۋەقەلىكلەر بايان قىلىنىدۇ.
«قۇملۇقنىڭ چۈشى»پوۋىست «ھەۋزىخان» داستانىنىڭ ۋەقەلىكى، پىرسوناژ ئىسىملىرىنى تولۇق ئۆز ئىچىگە ئالغاندىن باشقا كېڭەيتىلگەن نۇقتىلار مۇنداق:
«ھەۋزىخان» دا داستاندىكى باش پىرسوناژنىڭ ئىسمى ماۋزۇ قىلىپ قويۇلغان بولسا، «قۇملۇقنىڭ چۈشى» دېگەن ماۋزۇ پوۋىسىتتا ئىپادىلەنگەن لىرىك كەيپىياتقا ماسلاشتۇرۇپ قويۇلىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا ھەۋزىخاننىڭ بالىلىق چاغلىرى، ھەۋزىخاننىڭ ئانىسىنىڭ ئوبرازى، ھەۋزىخاننىڭ چۈشلىرى، ھەمراخان بىلەن بولغان دوستلۇقى، تۇنجى قېتىملىق بەختسىز نىكاھ، ئابدۇللا بىلەن تونۇشۇش، ۋەدىلىشىش جەريانى، ھەۋزىخان ۋە ئابدۇللانىڭ ئارىدىن بەش يىل ئۆتكەندە كەچۈرۈم سوراپ، قايتىپ كېلىشى ۋە ئائىلىدىكىلەرنىڭ «قۇچاق ئېچىشى»، ھەۋزىخان ۋە ئابدۇللالارنىڭ قوشنىلار بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرى، ھەمراخاننىڭ خاراكتىر ئالاھىدىلىكى ۋە كەچۈرمىشلىرى، ھەۋزىخاننىڭ ئېغىر بوي بولۇشى، ئابدۇللانىڭ يامۇلغا ھەمراخاننى يوقلاپ كېلىشى، ئاپتورنىڭ ۋە پىرسوناژلارنىڭ مۇلاھىزىلىرى قاتارلىقلار داستان ۋەقەلىكىگە قوشۇپ يېزىلىدۇ.
يۇقىرىدا كېڭەيتىلدى دەپ ئالغان نۇقتىلار داستاندا كۆرۈلمەيدۇ. ئۇنداقتا ئاپتۇر نېمىشقا داستان ۋەقەلىكىنى موشۇنداق كېڭەيتىدۇ؟ ماۋزۇنىڭ ئۆزىلا مۇنداق ئىككى خىل ئۇچۇر بىلەن تەمىن ئېتىدىغان بولۇپ بىرى يۈز بەرگۈسى ۋەقەنىڭ ئورنى«قۇملۇق»، يەنە بىرى «چۈش». ماۋزۇ قايتىدىن قويۇلغان بولسىمۇ داستاندىكى «ئارىغوللۇق ئابدۇللا»، «باغئېرىقلىق ھەۋزىخان»مىسرالىرىدىكى«ئارىغول»، «باغئېرىق»دېگەن جايلارنىڭ خوتەندىكى يۇرت ئىسىملىرى ئىكەنلىكىگە ئاساسلىنىپ سىيۇژىتنى «قۇملۇق» ئىچىگە قويۇپ ئەسلىي ئەسەرگە سادىقلىقىنى ئىپادىلىسە، «چۈش»نى قوشۇپ«موشۇ ئەسىرنىڭ باشلىرىدا» يۈزبەرگەن چۈشتەك پاجىئەلىك ۋەقەگە نىسبەتەن كىتابخانلارنى چاقىرىش، جەلىپ قىلىش رولىنى ئوينايدۇ. ئەمما پوۋىستتىكى جاي ئىسمى ئارىباغ دەپ يېزىلىدۇ. بۇمۇ خوتەن قارىقاش ناھىيسى ئاقساراي يېزىسىدىكى بىر كەنىتنىڭ ئىسمى. «ئارىغول»ۋە «باغئېرىق» زاۋا يېزىسىدىكى كەنىتلەرنىڭ ئىسمى. پوۋىستنىڭ داستانغا ئاساسلىنىپ يېزىلغانلىقى، مۇۋاپىق بەدىئىي توقۇلما قىلىنغانلىقى ئېنىق. داستاندىكى جاي ئىسىملىرى ۋە ئوبرازلارنىڭ قانچىلىك توقۇلما، قانچىلىك تارىخي چىنلىق ئىكەنلىكىنى تېخىمۇ ئىنچىكىلەپ تەكشۈرۈشكە توغرا كېلىدۇ.
ئەسەرنىڭ بېشىدىلا مۇھىت تەسۋىرى ۋە ئاپتور بايانى بېرىلىپ ۋەقەلىك «ئەڭ باشتىن باشلانغاندەك» بىر پۈتۈنلۈك تۇيغۇسى بېرىدۇ. ئارقىدىنلا ھەۋزىخاننىڭ بىر قېتىم ياتلىق بولۇپلا«ئولتۇرۇۋالغان» لىقى يېزىلىپ، ئاندىن ئابدۇللاغا ئاشىق ئىكەنلىكى، ھەۋزىخان ۋە ھەمراخاننىڭ دوستلۇقى ھەققىدە دەسلەپكى مەلۇمات بېرىلىدۇ ۋە تەقەززا بوپ تۇرغان ئوقۇرمەنگە بىرئاز ئاراملىق بېغىشلايدۇ. ئۇنىڭدىن كىيىن ھەۋزىخاننىڭ تۇنجى نىكاھىدىكى بەختسىزلىكى، ئابدۇللا بىلەن ئاشىق-مەشۇق بولۇش جەريانى قاتارلىق تەپسىلاتلار دولقۇنلۇق ئېقىندەك پىرسوناژنىڭ ئەسلىمىسى ۋە ئاپتورنىڭ بايانى زىچ بېرىكىپ كەتكەن تەبئىي ۋە ھاياجانلىق كەيپىياتتا ئۇلىنىپ ماڭىدۇ. بۇ خىل تەپسىلاتلار ئارىسىدىن پارلاپ چىققان ھەۋزىخان ئوبرازى شۇ ناملىق خەلق داستاندىكى ھەۋزىخاننىڭ پوۋىستتا كۆرۈنگەن ئەكسى ياكى يازغۇچىنىڭ«قۇلىقى يۇمشاق»، كەم-كۈتىسىز پىرسوناژىدىن كۆرە تۇرمۇشتىكى مۇرەككەپ، ھېس-تۇيغۇلارغا باي، ھاياتى پاجىئە بىلەن ئاياغلاشقان ئاددى ئايالغا كۆپرەك ئوخشايدۇ. بۇ ھەقتىكى كېڭەيتىلگەن تەپسىلاتلارنىڭ رولىمۇ شۇ بولسا كېرەك. بۇيەردە يەنە ھەمراخان ھەققىدىكى تەپسىلاتلارمۇ يېتەرلىك بولۇپ، بۇلار يالغۇز ئىككىيلەننىڭ دوستلۇقىنى كۆرسىتىپ بېرىپلا قالماستىن ئۇنىڭمۇ ئۆزىگە خاس ئوبرازى يارىتىلىدۇ. ئۇ ئىككىسىنىڭ بوي-تۇرقى، مىجەز –خاراكتىرى تۈپتىن ئوخشىمايدۇ. ھەۋزىخان تۈز، كەسكىن، ئار-نومۇسىنى، سۆيگۈسىنى قەدىرلەيدىغان، غورۇرىنى قوغدايدىغان ئايال. ھەمراخان بولسا رايىش، كۆتۈرۈشچان، يەڭگىل تەبىئەتلىك ئايال. ھەمراخان ئاخىرىدا قىلمىشىنىڭ جازاسىنى تارتتى، ھەۋزىخان ئۆزى ئۆلۈمنى تاللىدى. لېكىن شۇ نەرسە ئادەمنى ئويغا سالىدۇكى، ئۇلارنىڭ تۇنجى ئەردىن تەلىيى كەلمىگەنلىكى، كىيىن بەختىنى تېپىشى، سەل ئىلگىرى–كىيىن قازا قىلىشى ئاخىرىدا بىللە يەرلىككە قويۇلۇشى ئورتاقلىققا ئېگە... ھەۋزىخان ھەققىدە يەنە شۇنداق تەپسىلاتلارمۇ بار، ئابدۇللا ئىككىسى كۈن كەچ بولغۇچە مۇڭدىشىپ ئولتۇرىدۇ، ئاخىرىدا ئابدۇللا ۋىسال دەملىرىگە ئىنتىلگەندە بىر تەستەك مۇكاپات ئالىدۇ بىراق ھەۋزىخان«قولى ئاغرىپ كەتكەندەك» (بۇيەردە قىزنىڭمۇ ۋىسال ئارزۇسىنى، قىيماسلىقىنى قانداق دەل ئىپادىلىگەن...) قىياپەتتە تۇرۇپ قالىدۇ ۋە«توي قىلغاندىن كىيىن» دەپ جاۋاپ بېرىدۇ. بۇنىڭدىن بىز ئەجەب ئەخلاقىنى ساقلىدى، دەپ ئويلايمىز، بۇ ئويلىرىمىز ئۇزۇن ئۆتمەيلا خاتا بولۇپ چىقىدۇ، ئابدۇللا قىزنىڭ تۇڭلۇكىدىن چۈشكەندە قىز ئىختىيارسىز تەسلىم بولىدۇ ۋە ئەتىگەندە تۇنجى ئېرى بىلەن ئۆتكەن كۈنلىرىگە ئوخشىمىغان ھالدا شىرىن تۇيغۇلار ئىچىدە ئويغىنىدۇ، ئاپتور بۇنى بىر ئايال كۆزىدە كۆزىتىپ يوشۇرماستىن يازىدۇ. بۇنداق خاراكتىردىكى ئويلىمىغان يەردىن چىقىش، ئەسەرنى تېخىمۇ رەڭدارلىققا ئېگە قىلىدۇ ۋە كىتاپخانلارنى ھايات، تۇرمۇش، ئەخلاق، مۇھەببەت مەسىلىلىرى ھەققىدىكى ئوي-خىياللارغا باشلاپ بەلگىلىك ئىستېتىك بوشلۇق بىلەن تەمىن ئىتىدۇ.
دېمەك، ئەسەر سىيۇژىتى كېڭەيگەندىن كىيىنلا مۇرەككەپ، كۆپ قىرلىق، روھى كەچۈرمىشلەرگە باي بولغان پىرسوناژلار ئوبرازى يارىتىش ئىمكانىيىتى تۇغۇلغان. پېرسوناژلار ئوبرازىنىڭ بۇنچە مۇۋەپپەقىيەتلىك يارىتىلىشىدىكى سەۋەب شۇكى، «ئەسەردىكى پىرسوناژلار يازغۇچىنىڭ ئىجادىيىتى بولۇپلا قالماستىن ئۆزىنىڭ ئىدىدىيسىنى ئىپادىلىيەلەيدىغان سۇبىكىت بولغانلىقى سەۋەبلىك يازغۇچى بىلەن باراۋەر دېئالوگ مۇناسىۋىتىدە تۇرغان».② شۇڭلاشقا «قۇملۇقنىڭ چۈشى»ئەسلىدىكى سىيۇژىت رامكىسىدىن بۆسۈپ چىقىپ، قايتا-قايتا ئوقۇسىمۇ زىرىكمەيدىغان، كىشىنى قاتتىق ھاياجانغا سالىدىغان ۋەقەلىككە، ئۆزگىچە لىرىك كەيپىياتقا، ئاپتورنىڭ قۇلىغا ئوخشاش ئاپتور ئىختىيارىغا بويسۇنۇپ ئەمەس، جېنى، قېنى ھېسياتى بار تىرىك ئادەمدەك پائالىيەت قىلىدىغان پىرسوناژ ئوبرازىغا ئېگە ئېسىل بەدىئىي ئەسەرگە ئايلانغان.
قىسمەن بۆلەكلەرنىڭ بېشىدىكى ۋە بايان ئىچىگە كىرىشتۈرۈلگەن خەلق قوشاقلىرى، تەبىئەت تەسۋىرلىرى، ھەۋزىخاننىڭ چۈشلىرى ئاپتور مۇلاھىزىسى ۋە پىرسوناژلارنىڭ تەپەككۇرىدىكى بىرىكىش، پالچىنىڭ سۆزلىرى ئەسەردىكى لىرىك كەيپىياتقا ناھايىتى ماسلاشقان.
ئەسەردىكى ئانا ھەققىدىكى تەپسىلاتلارمۇ ناھايىتى مۇھىم بولۇپ، يالغۇز قىزىدىن، بۈدرە چاچلىرىنىڭ ئۇچى ئاسمانغا قارايدىغان قىزىدىن ئەنسىرەپ كونىلىق قىلىشلىرى، قىزىنىڭ دوستىغىمۇ «يالغۇز قىزىمنىڭ ھەمراھى» دەپ قىزىدەك مۇئامىلە قىلىشلىرى، ئاخىرىدا قىزىنىڭ بەخىتسىزلىكى باشلانغان كۈنى كۆز يۇمۇشى ھەقىقەتەن يۈرەك تارىمىزنى تىترىتىدۇ.
«ھەۋزىخان» داستانىدا ۋەقەلىك سىدام، يېقىملىق خەلق تىلى بىلەن ۋاقىت تەرتىپى بويىچە تەسىرلىك بايان قىلىنىدۇ. داستاندىكى ئىپادىلەش دەل جايىغا ئېتىلغان ئوققا ئوخشىغان بولۇپ ناھايىتى ئىخچام. بۇ ئەلۋەتتە خەلق داستانلىرىنىڭ ئېغىزدىن–ئېغىزغا كۆچۈش، خالايىق ئالدىدا مۇڭلۇق ئوقۇلۇش، بەلگىلىك ئاھاڭدارلىققا ئېگە بولۇش...تەك ئالاھىدىلىكلىرى تەرىپىدىن بەلگىلەنگەن.
يەنە بىر ئويلىنىشقا تېگىشلىك مەسىلە، ئاپتور «كېڭەيتىپ يېزىش»، «ئۆزگەرتىش»تەك ھەمتېكىست يېزىقچىلىقى ئۇسۇلىنى قوللانغاندا نېمىشقا سانسىز تېكىستلەر ئىچىدىن «ھەۋزىخان» نى ياكى «چىن تۆمۈر باتۇر»نى تاللىۋالىدۇ؟ نېمىشقا ۋەقەلىك، پىرسوناژلار ئوبرازى ھەققىدىكى تەپسىلاتلار چەكسىز كېڭىيىش ئىمكانىيىتىگە ئېگە بولىدۇ؟ نېمىشقا ئەسلىدىكى ۋەقەلىكنى ئۆزگەرتىۋەتسىمۇ يۇقىرى بەدىئىي ئۈنۈمگە يېتىدۇ؟ بۇ يەردە ھەمتېكىستلىك نەزەرىيسىنىڭ شەكىللىنىشى ۋە مۇھىم بىر قورالغا ئايلىنىش جەريانىدىكى ئۇقۇملاردىن «يېزىلىشچان تېكىست» ۋە «ئوقۇلۇشچان تېكىست» ئۇقۇملىرىنى تىلغا ئالماي بولمايدۇ. بۇ ئۇقۇمنى روللاند بارتىس ئوتتۇرغا قويغان. «ئوقۇلۇشچان تېكىست»، بىر خىل مۇقىم ۋە تولۇق بولغان ئەمەلىي تېكىست بولۇپ، ئۇنىڭ كۆرسىتىدىغىنى تېكىست ۋەقەلىكىنىڭ كەچمىشى، كەلگۈسى ۋە مۇناسىۋەتلىرى ئېنىق بولغان، تېكىستنىڭ مەنىسىنى ئوقۇپ چۈشەنگىلى ۋە ئىگەللىگىلى بولىدىغان، ئوقۇرمەن مەنە ئىشلەپچىقارغۇچى بولماستىن، ئىستىمال قىلغۇچى بولىدىغان تېكىستتۇر.
بۇنداق تېكىستلەرنى ئوقۇغاندا ئوقۇرمەنلەر ئادەتلەنگەن تەپەككۇر ئۇسۇلىدىن ھالقىپ ئۆتەلمەيدۇ-دە، ئاپتور نىمىنى يازغان بولسا شۇنى قوبۇل قىلىشقا مەجبۇر بولىدۇ. بۇنداق تېكىست تەبئىي ھالدا ئوقۇرمەننىڭ تەسەۋۋۇرىنى قوزغىتالمايدۇ، يەنە بىر تېكىست ياكى ئوي- پىكىر شەكىللىنىشىگىمۇ ئىمكانىيەت ھازىرلىيالمايدۇ.
يېزىلىشچان تېكىست ئوقۇلۇشچان تېكىستكە ئوخشىمايدۇ. ئۇ تۈرلۈك ئېنىق بولغان قائىدە ۋە شەكىللەرگە خاتىمە بېرىپ، خىلمۇخىل ئۇسۇللار ئارقىلىق مەنا ئىپادىلەش ۋە شەرھىلەشكە ئىمكانىيەت يارىتىدۇ، ھەمدە ئوقۇرمەنلەر قايتىدىن يىزىشقا قاتنىشالايدىغان تېكىست بىلەن تەمىنلەيدۇ.
ئۇ ئوقۇلۇشچانلىققا ئىگە تېكىستتەك تۇرغۇن ھالەتتىكى تېكىست بولماستىن، ھەركەتچان، ئۆزگىرىشچانلىققا ئىگە بولغان تېكىست. ئۇنى قايتا يازغىلى، ئىشلەپچىقارغىلى، قايتا ئىجاد قىلغىلى، مەزمۇنى ۋە مەنىسىنى چەكىسز كېڭەيتكىلى بولىدۇ.
ئوقۇرمەنلەر ئەدەبىياتتىكى «پائالىيەت» ۋە «ئىشلەپچىقىرىش» قا قاتناشقاندا، تېكىست مەنىسىنى قايتىدىن بىرىكتۈرۈش ئۇسۇلى بىلەن قايتا يازىدۇ، ئىشلەپچىقىرىدۇ، قايتىدىن تېكىست ئىجاد قىلدۇ. ھەمدە تېكىست مەنىسى ۋە مەزمۇنىنى چەكىسز كېڭەيتسە بولىدۇ. شۇڭلاشقا يېزىلىشچانلىققا ئىگە تېكىست ناھايىتى كۆڭۈلدىكىدەك تېكىست تىپى ھېسابلىنىدۇ.
ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا ئوخشاش بىر تېما ئوخشىمىغان نۇقتىدىن قايتا- قايتا يېزىلغان ئەھۋال ناھايىتى كۆپ ئۇچرايدۇ، بۇ خىل ئەھۋالنىمۇ «ئوقۇلۇشچان تېكىست»، «يېزىلىشچان تېكىست» تىن پايدىلىنىپ ئىزاھلاش تامامەن مۇمكىن. بۇ يەردىكى مەسىلە دەل «يېزىلىشچان تېكىست» نىڭ «قايتا يېزىلىش» ئىمكانىيىتىنى، قىممىتىنى بايقاشتا.
«ھەۋزىخان» داستانىنىڭ ئۈنۈملۈك ھالدا «يېزىلىشچان تېكىست» بولۇپ «كېڭەيتىپ يېزىلىپ» مۇۋەپپەقىيەتلىك چىقىشىدىكى سەۋەب بىرتەرەپتىن ھەممىگە ئورتاق بولغان مۇھەببەت، تۇرمۇش ھەققىدىكى تىراگىدىيگە باي ۋەقەلىككە ئېگە بولغانلىقىدىن بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن مۇنەۋۋەر يازغۇچى خالىدە ئىسرائىل تەرىپىدىن بايقىلىپ، يۇقىرى بەدىئي پەللىگە كۆتۈرۈلگەنلىكىدە.
ھەمتېكىسىتلىك خالىدە ئىسرائىل پوۋىستلىرىنىڭ بىر مۇھىم ئالاھىدىلىكى. بۇ پوۋىسىتلار ئىپادىلەش كۈچى، بەدىئىيلىك، پىرسوناژ ئوبرازى ۋە ئۇلارنىڭ روھى دۇنياسىنى قېزىش قاتارلىق تەرەپلەردىن ئەسلىي ئەسەردىن زور دەرىجىدە ھالقىپ كەتكەن، ھەم ئەسلىي تېمىنى قايتىدىن جۇلالاندۇرۇپ، يېڭى ھاياتى كۈچكە ئېگە قىلغان، شۇنداقلا ئەدەبىياتىمىزنىڭ ئۆتمۈشى بىلەن بۈگۈنىنىڭ ئىزچىللىقىنى مەلۇم دەرىجىدە كۆرسىتىپ بەرگەن.
ئىزاھاتلار:
①王瑾 :《互文性》 2005年9月第1版 第75页
②王瑾 :《互文性》 2005年9月第1版 第13页
پايدىلانغان ماتېرىياللار:
1.خالىدە ئىسرائىل :«قۇملۇقنىڭ چۈشى»، (پوۋىسىتلار توپلىمى) شىنجاڭ خەلق نەشىرىياتى، 1992-يىل 1-نەشىرى.
2.ئابدۇللا سۇلايمان: «دۇنيادا بىرلا خوتەن بار»، شىنجاڭ ئۇنۋېرسىتىتى نەشىرىياتى، 2006-يىل 4- ئاي 1- نەشىرى.
3. گۇلنار ئوبۇل، بۇئايشەم ئابدۇرىشىت: «ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ ھەمتېكىستلىك ئالاھىدىلىكى »، قەشقەر پېداگوگىكا ئىنىستىتۇتى ئىلمىي ژۇرنىلى 2009-يىللىق2-سان.
4.خەلچەم رىشىت : «‹قۇملۇقنىڭ چۈشى›يۈكسەكلىكىدىن ‹ئوربىتا›نىڭ سېھىرلىك تارتىش كۈچىگىچە»، تارىم ژۇرنىلى، 1997-يىل 7-سان.
5.ئارزۈگۈل، شادىيە، گۈلشەن قاتارلىقلار: «بۈگۈنكى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىياتى تەنقىدچىلىكى»، شىنجاڭ خەلق نەشىرىياتى، 2000- يىلى 12- ئاي 1- نەشىرى
6.《互文性》:王瑾 ,广西师范大学出版社 2005年9月第1版
内容摘要:
本文通过比较中篇小说《沙漠的梦》与民间长诗《艾伟孜罕》中故事情节的异同并如何扩展故事情节,如何塑造人物形象,阐释哈利大•斯拉伊力中篇小说的互文性特征。
关键词:哈利大•斯拉伊力;互文性;可读文本;可写文本
|