- تىزىملاتقان
- 2014-6-1
- ئاخىرقى قېتىم
- 2014-7-1
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 203
- نادىر
- 0
- يازما
- 9
ئۆسۈش
  67.67%
|
يازنىڭ پىژغىرىم ئىسسىق كۈنلىرىنىڭ بىرىدە بىرقانچە دوسلىرىم بىلەن دەريا بۇيىغا سۇغا چۈمۈلگىلى باردۇق.سۇئۈزۈش،بەسلىشىش بىلەن كەيپىياتىمىز ناھايىتى قىزغىن ئىدى.تۇيۇقسىزئارىمىزدىكى بىردوستىمىز بايلىق!بايلىق!ئۈزەم تاپتىم،ھېچكىمنى شىرىك قىلمايمەن،دەپ ھاياجانلىق توۋلاپ كەتتى.دەرھال ھەممىمىز ئۇتەرەپكە ئوقتەك ئېتىلدۇق.راسلا ئۇ بىر بولاقنى مەيدىسىگە تۇتۇۋالغان ئىدى.بەزىلەر بېرىپلا تارتىشقا ،ھەممىمىز تەڭ كەلگەن ،تەڭ بۆلۈشىمىز دەپ ۋارقىراشقا باشلىدى.راستىنى دىسەم مىنىڭمۇ ھەسەتخورلۇقۇم تۇتقان ئىدى. ئاخىرى ئۇ بولاق ئېچىلىپ تەڭ تەقسىملىنىش ، ئۇ دوستىمىزغا بىر كىشىلىك ئارتۇق بىرىلىش قارار قىلىندى.ئەمما ئۇ بولاقنىڭ ھەسرەت بىلەن تولغانلىقىنى كىم بىلسۇن؟بولاق ئېچىلىشى بىلەنلا ھەممىمىز يىلى چىقىپ كەتكەن توپتەك بۇشۇشۇپ كەتتۇق.ئەمما ھەرھالدا ئۇبولاق قۇرۇق ئەمەس ئىدى.ئۇنىڭ ئىچىدىن چىققىنى بىرنەچچە پارچە خەت-چەك بولدى.شۇنىڭ بىلەن بەزى دوسلىرىمىز بېشىنى قاشلىغىنىچە تارقىلىپ كىتىشتى. ئەمما مەن ئىككى دوستۇم بىلەن قېلىپ بۇخەتلەرگە نىمىلەر يېزىلغانلىغىنى بىلىپ باقماقچى بولدۇق.ئۇ بىرئايالنىڭ ئۆلىۋېلىش ئالدىدا يازغان ھەسرەت خاتىرىسى ئىدى.خەت لىپاپىسى ئۈستىگە مۇنداق يېزىغلىق تۇراتتى.
مەن بۇگۈن دەل 50ياشقاكىردىم.مەن ئاخىرىقى ئۆمرۈمنى بەكمۇ تەستە ئۆتكۈزدۈم.ئەمدى مىنىڭ چىدىغۇچىلىغىم قالمىدى.خەيرى-خوش ئازاپلىق دۈنيا!ئچىدىكى ۋاراقچىلارغا يېزىلغىنى:مەن بەك شور پىشانە ئىكەنمەن،تۇلىمۇ دوت ئىكەنمەن.مەن بەختىمنى ئۈزەم ۋەيران قىلغان بىر تەلەيسىز ئىنسانمەن.ئەسلى مىنىڭ ئىنتايىن بەخىتلىك بىر ئائىلەم بارئىكەندۇق.مەن ئەينى ۋاقىتتا شۇ ئائىلەمنى قەدىرلىسەم ،باللىرىمنىڭ بەختىگە ئولتۇرمىسام بۇپتىكەن.يولدۇشۇم مىنى قەدىرلەپ،ياخشى مۇئامىلە قىلىپ،شۇنداق مەسۇلىيەتچانلىق بىلەن ھەممىنى تەل قىلىپ بەرگەندىكىن،بارلىق دۇشمەن ۋە يامانلىقلاردىن قوغداپ ئىسسىق ئائىلىدە ساقلىغاندىكىن رەھمەت ئيتسام بۇپتىكەن.شۇكرى دەپ ئىبادىتىمنى قىلىپ باللىرىمنى ياخشى بېقىپ ،تەربىيەلەپ تۆھپىكار ،ھۆرمەتلىك ،ئىسل بەخىتلىك ئاياللاردىن بۇلۇپ ئۆتكەن بولسام نىمە دىگەن ياخشى ھە!.مەن ئۇنىڭ چۈشەندۈرىشىنى قۇبۇل قىلماي،كۇندەشلىكىم تۇتسا سەن بۇزۇلدۇڭ،سەن خۇتۇن ئالدىڭ، مىنى ياخشى كۆرمەيسەن دەپ جىدەللەشمىگەن، كۆڭلىنى چەگمىگەن بولسام ياخشى بۇپتىكەن.
مەن پىكرىمدە چىڭ تۇرسام ئۇ نىيىتىدىن يانىدۇ دەپ خاتا ئويلاپ قاپتىمەن.ئۇنىڭ بىلەن قارشىلاشقانسىرىم ئۇنى شۇنچە يۇقۇتۇپ قويدۇم.ئەسلى مەن قانچە بەدەل تۆلىسەممۇ ، ھەرقانداق نەرسىدىن كەچسەممۇ يولدۇشۇمنى يۇقۇتۇپ قويماسلىقىم كىرەك ئىكەن.پىكرىگە ھۆرمەت،بۇيرۇقلىرىغا ئىتائەت قىلىپ ياخشى تۇرمۇشىمىزنى ساقلاپ قالغان بولسام كۆپ ياخشى بۇلاتتىكەن.ئۇ ماڭا (سەن خاتىرجەم بول ،مەن سىنى مەڭگۈ قەدىرلەيمەن، ھېچكىمنى ساڭا تەڭ قىلمايمەن،مىنىڭ ئىشلىرىمغا ئارلاشما،قەلبىمدىكى ئوبرازىڭغا ھەرگىز تەسىر يەتكۈزۈپ سالما.بالىلارنىڭ كاللىسنى چاچمايلى،قەلبىنى جاراھەتلەندۇرمەيلى،چاندۇرماي ئۇتۇپ كىتەيلى.،ھەممە ئشلار ياخشى بۇلۇپ كىتىدۇ،ماڭا ئىشەنگىن بولمىسا كىيىن پۇشايمان قىلىسە)دەپ قىلغان سۆزلىرىنى ئاڭلىسام بۇپتىكەن.مەن ئۇ تۇرمۇشنىڭ قەدرىگە ‹‹چىراغ تۇۋى قاراڭغۇ دىگەندەك›› ھەرگىز يەتمەپتىمەن.ئارىمىزدىكى جىدەل كۇنسىرى يامانلىشىپ باردى.ھەتتا باللىرىمىز ئۇرۇشماڭلا ئۇتۇنۇپ قالايلى.ئۇرۇشماڭلاردەپ پۇت-قوللۇرىمىزغا ئېسىلۋالسىمۇ پەرۋا قىلماپتىكەنمەن.جىدەل كۈپەيگەنسىرى ئارىمىز شۇنچە يىراقلىشىپ كەتتى.ئاخىرى مەنمۇ ئەركىشى دىگەن بۇنىڭ بىلەن تۈگەپ كىتەرمىدى ،مەن دىگەن ياش ،چىرايلىق تۇرسام.بۇنىڭدىنمۇ ياخشى ئەرلەر،يىگىتلەر كۆپقۇ دەپ ئاخىرى ئاجرىشىپ كەتتۇق.بالىلارنىمۇ ئارىشتۇق.ئەمما ئاجراشقاندىن كىيىن مىنى ئەرزىتمىدىمۇ ياكى باللىرىمدىن ئەنسىردىمۇ مەن ئويلىغان ئۇنداق نوچى ئەرلەرنىڭ قارىسىمۇ كۇرەنمەيتتى.ئاخىرى باشقىلارنىڭ ياردىمى بىلەن بىر نەچچەقېتىم ياتلىق بولغان بولساممۇ تۇنجى يولدۇشۇمدەك ئسىل،باللىرىمنىڭ ئۆزدادىسىدەك مىھرىبان ئادەمنى قەتئي ئۇچرىتالمىدىم.ئۇ ئەرلەرنىڭ بىرسى بېخىل بولسا بىرسى تاياقچى ،بىرسى ھاراقكەش بولسا يەنە بىرسى دەييۈز بۇلۇپ چىقتى.ئۈزەم شۇنداق خورلىنىشقا رازى بۇلۇپ باللىرىمنى سىغدۇرۇشقا تىرىشقان بولساممۇ ئاخىرى ھېچكىم -ھېچكىمگە ياخشى بۇلالماي مەن تۇل باللىرىم يىتىم قالدى. مەن باللىرىمغا يۈز كىلەلمەيمەن.مەن ھېچكىمگە يۈز كىلەلمەيمەن.شۇ بۇرۇنقى يولدۇشۇمنىڭ دۇئاسى تۇتتىمۇ ياكى شۇ تۇرمۇشۇمنىڭ قەدرى ئۈتەلدىمۇ.مىنىڭ كۇنسىرى ھالىم خارابلاشتى.تىنىم ئاجىزلاشتى.كىسەللەر چىرمىۋالدى.ياخشى نەسىھەت قىلىدىغان ،تەسەللى بىرىدىغان دوسلىرىممۇ يىراقلاشتى.ماڭا بۇلۇشۇپ بىرىدىغان دوسلىرىم پىشاڭ سېلىشتىن باشقىغا ئەزقاتمىدى.پىشاڭ سالغانسىرى دەردىم شۇنچە ئېشىپ باردى.ئاخىرى بۇدەرت -ئەلەملەردىن بۇرۇنراق قۇتۇلاي دىگەن قارارغا كەلدىم.مىنى كەچۈرۈڭلار! |
|