قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 1991|ئىنكاس: 36

ئاسپىرانتلىق ئوقۇشتىن ئويلىغانلىرىم

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

1

تېما

4

دوست

296

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   98.67%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  28934
يازما سانى: 15
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 7
تۆھپە : 78
توردىكى ۋاقتى: 9
سائەت
ئاخىرقى: 2014-6-15
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-1 10:24:48 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاتىكەم غوجى
    ئاسپىرانتلىق ھاياتىمنىڭ باشلانغىنىغا ئۈچ ئاي بولۇپ قالدى. بۇ ئۈچ ئاي شۇنداق تېز ھەم ئالدىراشلىق ئىچىدە ئۆتۈپ كەتتى. تېخى نەچچە كۈن بۇرۇنلا، ئالدىغا دۆۋە-دۆۋە كىتابلارنى تېزىپ قويۇپ، قاچان قارىسا كىتابتىن باش كۆتۈرمەي ماتېرىيال كۆرۈۋاتقان، توختىماستىن بىر نېمىلەرنى يېزىپ خاتىرە قالدۇرىۋاتقان ئاسپىرانت ئاكا-ھەدىلىرىمنى كۆرسەم ھەۋەس بىلەن قارايتىم، بىرەرسى ئاسپىرانتلىققا ئۆتۈپتۇ دېگەن خەۋەرنى ئاڭلىسام ئۇلارغا ھەۋەس قىلىپ، ئۇزاقتىن-ئۇزاق خىيال سۈرەتتىم. ئۇلارنى كۆپىنچە كۈتۈپخانىلاردا ياكى تەجرىبىخانىلاردىلا ئۇچراتقىلى بولاتتى، ئۇلار ماڭا تاماق يىمەيدىغان، ئىلىم تەھسىل قىلىشنى ئۆزىنىڭ مۇقەددەس بۇرچى قىلغان پىدائىيلاردەك بىلىنەتتى. ئۇلارنىڭ كىيىم-كىچەك، يۈرۈش-تۇرۇشلىرىمۇ شۇنداق ئاددى-ساددا ھەم ئۆزگىچە، بەزىدە تۇرۇپلا ئۇلارنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشنى ئىز قوغلاپ تەكشۈرۈپ باقسام، ئۇلار زادى قانداق ئۆگىنىدىغاندۇ؟ قانداق كىتابلارنى كۆرىدىغاندۇ؟ بىر كۈندە نېمە ئىشلارنى قىلىدىغاندۇ؟ دېگەنلەرنى ئويلايتىم.
بىر كۈنى چۈشتىن كېيىن مەكتىپىمىزنىڭ كۈتۈپخانىسىدا ژورنال كۆرۈپ ئولتۇراتتىم، تۇيۇقسىز،چوڭ تۆت چاسا شەكىللىك بىر نەرسىنى كۆتۈرۈپ كېلىۋاتقان  قىز دىققىتىمنى تارتتى. ئۇ قىزنىڭ كۆتۈرۋالغىنى چەت ئەل تىلىدىكى كىتاب بولۇپ،ئۇزۇنلۇقى بىر مېتىرچە كېلەتتى. «بۇ قانداق كىتابتۇ ئەمدى؟» دېدىم، ھەيرانلىقتىىن ئۆزۈمنى باسالماي. بۇ قامۇس خارەكتىرلىك كىتاب بولسا كېرەك، شىنجاڭ ئۇنۋېرسىتېتىدا مانا مۇشۇنداق چوڭ ھەجىمدىكى كىتابلار بار دەپ ئاڭلىغانىدىم، ئەسلىدە مۇشۇنداق كىتابلاركەن-دە. «ئاداش، بۇنداق كىتابلارنى پەقەت ئاسپىرانت ئوقۇغۇچىلارلا ئارىيەت ئېلىپ كۆرەلەيدىكەن، تولۇق كۇرس ئوقۇغۇچىلىرىغا ئارىيەت بىرىلمەيدىكەن، بىز كۆرەلمەيمىز،» دېدى يېنىمدا ژورنال كۆرۈپ ئولتۇرغان دوستۇم.
      ھېلىمۇ ئېنىق ئىسىمدە تۇرۇپتۇ، ئالىي مەكتەپنىڭ 1-يىللىقىدا ئوقۇيدىغان چاغلىرىم ئىدى. خېلى بۇرۇنلا مەكتىپىمىز كۈتۈپخانىسىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئۇنىۋېرسىتىتلار كۈتۈپخانىسى ئىچىدە ئەڭ چوڭ كۈتۈپخانا ئىكەنلىكى، مەيلى كىتابلارنىڭ سانى ياكى تۈرلىرى جەھەتتىن بولسۇن ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغانلىقىنى ئاڭلىغانىدىم. دوستۇمنىڭ بۇنداق چوڭ كىتابلارنى پەقەت ئاسپىرانت ئوقۇغۇچىلارلا ئارىيەت  ئېلىپ كۆرەلەيدىكەن، دېگەن بىر ئېغىز سۆزى نەچچە كۈنگىچە قۇلاق تۈۋىمدە ياڭرىدى. «مەن ئاسپىرانتلىقتا ئوقۇسام شۇنداق كىتابلارنى كۆرۈش پۇرسىتىگە ئىرشەلەيدىكەنمەندە» دېدىم ئۆز-ئۆزۈمگە. مۇشۇنداق چوڭ كىتابلارنى كۆرۈش ئارزۇسى، كۈتۈپخانىلارغا رەت-رىتى بىلەن تىزىۋىتىلگەن ھەر خىل مەزمۇندىكى كىتابلارنى قانغۇچە ئوقۇش ئىستىكى ۋە ئاسپىرانت ئوقۇغۇچىلارغا بولغان ھەۋەس تۇيغۇسى تۇلۇق ئوتتۇرىدا ئوقۇۋاتقان چاغلىرىمدا ئۇستازلىرىمنىڭ ئاسپىرانتلىق ئوقۇش ھاياتى توغرىسىدا ئېيتىپ بەرگەن گۈزەل ئەسلىمىلىرى بىلەن بىرلىشىپ قەلبىمگە ئاراملىق بەرمەيتى. مانا شۇ كۈندىن باشلاپ مەندە ئاسپىرانتلىقتا ئوقۇش ئىستىكى تۇغۇلدى. ساۋاقداشلىرىم بىلەن بۇ توغرىسىدا پاراڭلىشىپ قالساق، ئاسپىرانتلىقتا ئوقۇپ ماڭا تەسىر كۆرسەتكەن كىشىلەرنىڭ تۇرمۇشىنى بىشىمدىن كەچۈرۈپ باقسام، ئۆزۈمنى ھەر جەھەتتىن تېخىمۇ تاكاممۇللاشتۇرسام دېگەنلەرنى خىيال قىلاتتىم. ئادەمنىڭ خىيالى نەدە بولسا قەدىمى شۇ يەرگە باشلايدۇ دەپ، ئاسپىرانتلىقتا ئوقۇش ئىستىكىم تېخىمۇ كۈچىيىۋاتقان ئاشۇ كۈنلەردە كۈتۈپخانىدا ئۆگىنىش قېلىۋىتىپ تاسادىپىيى پۇرسەتتە بىر نەچچە ئاسپىرانت ئوقۇغۇچىلار بىلەن تونۇشۇپ قالدىم. ئۇلارنى ئۆزۈمگە ئۇستاز تۇتۇپ تېرشىپ ئۆگەندىم، پات-پات پاراڭلىشىپ ئۇلاردىن مەسلىھەت ئېلىپ تۇردۇم.
      مانا ئەمدىلىكتە، ئاشۇ خىياللىرىم روياپقا چىقىپ، مەنمۇ ئۆزۈم ھەۋەس قىلغان ئاسپىرانت ئاكا-ھەدىلىرىمنىڭ سېپىگە قوشۇلدۇم. كۈنلىرىم ئالدىراشلىق ئىچىدە ئۆتمەكتە، ئاسپرانتلىق ئوقۇشنىڭ تولۇق كۇرۇش ئۇقۇشىغا قارىغاندا قىيىن بولىدىغانلىقىنى، بۇرۇن ئويلىغىنىمدىن نەچچە ھەسسە ئارتۇق تىرىشچانلىق كۆرسەتمىسەم بولمايدىغانلىقىنى ھېس قىلماقتىمەن. گەرچە دەرس سائىتىمىز ئاز، تۇلۇق كۇرىستىكىگە ئوخشاش مۇئەللىم تاپشۇرۇق بېرىپ يىغىۋالىدىغان ئەھۋاللار بولمىسىمۇ، لېكىن بېسىم ئېغىر ئىدى. مۇئەللىملەر ئىككى سائەتتە ئۆتۈپ بولىدىغان دەرىسلەرنى نەچچە سائەتلەپ ئالدىن ماتېرىيال كۆرۈپ تەييارلىق قىلاتتىم. تۇلۇق كۇرىستا مۇئەللىملەر بىزگە بىر سائەت دەرس ئۆتۈش ئۈچۈن كۈنلەپ-كۈنلەپ كىتاب كۆرگەندىن باشقا، دەرستىن سىرتقى ماتېرىياللارنىمۇ  كۆرەتتى، ئۆتۈلمەكچى بولغان دەرس مەزمۇنىنى ئەڭ ئاددى ئۇسۇلدا، چۈشىنىشلىك قىلىپ ئۆتەتتى. ھازىر ئەھۋال دەل ئەكسىچە ئىدى. ئاسپىرانتلىق ئوقۇشنىڭ مۇستەققىللىق تەلەپ قىلىدىغانلىقىنى، ھەممە ئىشلاردا ئۆزىگە تايانمىسا بولمايدىغانلىقىنى، دادىل پىكىر يۈرگۈزۈشنى بىلىش، كەسپى پەنلەرنى پىششىق بىلىشتىن تاشقىرى كەسىپكە ئائىت دەرستىن سىرتقى ماتېرىياللارنى كۆپلەپ كۆرۈش ۋە ئىزدىنىش خارەكتىرى كۈچلۈك بولغان ئىجادىي ئەمگەك بىلەن شۇغۇللىنىشنىڭ مۇھىملىقىنى بارغانسىرى تونۇپ يېتىۋاتىمەن. ئەگەر تولۇق كۇرىس ئوقۇشنى بىر نەرسىنىڭ تاشقى پوستىغا ئوخشاتساق، ئاسپىرانتلىق ئوقۇش تاشقى قەۋەتتىن بۆسۈپ كىرىپ، ئىچكى قىسىمدىكى ئىنچىكە ھالىقىلارنى تەكشۈرۈپ-تەتقىق قىلىش، نەزەرىيە ئوقۇمىدىن ئەمەلىيەت دەرىجىسىگە كۆتۈرۈلۈپ، ماھىيەت جەھەتتىن چوڭقۇرلاپ چۈشىنىش ئىكەن.
نۇرغۇن ئوقۇغۇچى ئاسپىرانتلىق ئوقۇشنى باشلىغان دەسلەپكى مەزگىللەردە، يېڭى تۇرمۇش مۇھىتى، يېڭى ئوقۇش مۇھىتىغا كۆنەلمەسلىك سەۋەبىدىن تولۇق ئۆگىنىش ھالىتىگە ئۆتەلمەسلىكى، كەسىپنى پىششىق ئىگەللەش كېرەكمۇ ياكى چەت ئەل تىلىنى چىڭ تۇتۇش كېرەكمۇ، قىسقىغىنە ئۈچ يىللىق ئاسپىرانتلىق ئوقۇشىدا زادى قانداق ئىشلارنى ۋۇجۇدقا چىقىرىش كېرەك، دېگەنگە ئوخشاش بىر قاتار مەسىلىلەردە نېمە قىلارىنى بىلمەي گاڭگىراپ قېلىشى مۇمكىن. ئاسپىرانتلىق ئوقۇشنىڭمۇ ئۆزىگە تۇشلۇق تەلىپى بار بولۇپ، ئادەتتە كەسىپ ئىمتىھانىدا لاياقەتلىك بولۇش، ھەر خىل ئەمەلىيەت مەشخۇلاتى خارەكتېرىدىكى گۇۋاھنامە، تىل ئۆتكىلى، تەتقىقات تېمىسى ئىشلەش، تەتقىقات نەتىجىسىدىن ماقالە ئېلان قىلدۇرۇش قاتارلىقلار بۇنىڭ جۈملىسىدىندۇر. ئاسپىرانتلىقنىڭ 1-يىلى كەسپى بىلىملەرنى پىششىقلاپ ئىگەللەش، كەسىپكە ئائىت ھەر خىل كىتابلارنى ئوقۇش بىلەن بىرگە چەت ئەل تىلىنى چىڭ تۇتۇپ ئۆگىنىش ھەمدە چەتئەل تىلى ئۆلچىمىگە يېتىش، چەتئەل تىلى ئۆتكىلىدىن ئۆتۈپ بولغاندىن كېيىن 2- يىلىدىن باشلاپ تەتقىقات خارەكتېرىدىكى خىزمەتلەرنى ئىشلەش ۋە ماقالە ئېلان قىلدۇرۇشىمىز كېرەك. بۇ يەردە ئويلىشىدىغان يەنە بىر مۇھىم مەسلە شۇكى، ئاسپىرانتلىق ئوقۇشىمىز ئاخىرلاشقاندىن كېيىن دوكتۇرلۇققا ئۆرلەپ ئوقۇش كېرەكمۇ ياكى خىزمەت مەسلىسىنى ئويلىشىش كېرەكمۇ ۋە ياكى خىزمەت مەسلىسىنى ئويلىشىش كېرەكمۇ ۋە ياكى باشقا پىلانلارنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئاتلىنىش كېرەكمۇ؟  
      ئاسپىرانتلىقتا ئوقۇشنىڭ ماھىيىتى بولسا ئىلمىي تەتقىقات خارەكتىرىدىكى خىزمەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىپ، ئۆز بىلىمىنى تېخىمۇ تاكاممۇللاشتۇرۇشنى، ئوي-پىكىر، ئىدىيە، ئەخلاق-پەزىلەت، ئۇنىۋېرسال ساپا، ياشاش مىزانى جەھەتتە باشقىلاردىن بىر بالداق ئۈستۈن تۇرۇشنى كۆرسىتىدۇ. يېقىنقى بىر نەچچە يىلدىكى ئەھۋاللارغا نەزەر تاشلايدىغان بولساق، ئاسپىرانتلىقتا ئوقۇيدىغانلارنىڭ سانى بارغانسىرى ئىشىپ بېرىۋاتىدۇ. بۇ ئەلۋەتتە ياخشى بىر يۈزلىنىش، بىراق جەمئىيىتىمىزدە يەنە بىر قىسىم كۆز قاراشلارمۇ مەۋجۇت، بەزىبىر كىشىلەر ئاسپىرانتلىقتا ئوقۇغاندىن خىزمەت تاپقان ياخشى دەپ قارايدۇ. ئاسپىرانتلىقتا ئوقۇۋاتقانلارنى ئاددىي خىزمەت ئورنىنى ياراتماي كۆڭۈلدىكىدەك خىزمەت تاپالمىغانلىقتىن يۇقىرى ئوقۇش تارىخى، يۇقىرى ئوقۇش دىپلومى ھەتتاكى داڭلىق ئۇنۋېرسىتىتلارنىڭ دىپلومىنى كۆزلەپ ئاسپىرانتلىقتا ئوقۇغان، ئۇلارنىڭ مەقسىتى يۇقىرى مائاشلىق خىزمەت تىپىش ياكى دۆلەت مەمۇرىي بولۇشتىن ئىبارەت خالاس، دەپ قارايدۇ. يەنە بەزى كىشىلەر ئاسپىرانتلار سانىنىڭ ئېشىشىغا ئەگىشىپ، ئۇلارنىڭ ساپاسى تۆۋەنلەپ كېتىۋاتىدۇ، ئۇلار كەسىپ جەھەتتىكى ئالاھىدىلىكىنى تېخىمۇ قىزىش، تەتقىقات خارەكتىرى كۈچلۈك بولغان خىزمەتلەرنى قىلىش ئۈچۈن ئوقۇمايدۇ. ھەتتا بەزى ئاسپىرانتلارنىڭ بىلىم سەۋىيەسى ئادەتتىكى تولۇق كۇرس ئوقۇغۇچىلىرىغىمۇ يەتمەيدۇ، ئەخلاق-پەزىلەت جەھەتتە ئۇلاردىنمۇ تۆۋەن تۇرىدۇ دېيىشمەكتە.
      ئاسپىرانتلىقتا ئوقۇۋاتقانلار نۇقتىسىدىن ئېلىپ ئېيتساق ئۇلاردىمۇ بىر قىسىم كۆز قاراشلار مەۋجۇت. بەزى ئاسپىرانتلىرىمىز ئاسپىرانتلىقتا ئوقۇشنىڭ قىلچە ئەھمىيىتى يوق دەپ قارىماقتا. شۇنىڭ بىلەن تولۇق كۇرستا ئەڭ ياخشى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، مىڭبىر جاپادا قولغا كەلتۈرگەن ئاسپىرانتلىق ئوقۇشىنى ئويۇن-تاماشا بىلەن ئۆتكۈزۈپ، جەمئىيەتكە چىققاندىن كېيىن ھەر خىل خىزمەت بېسمى، تۇرمۇش بېسىمى قاتارلىقلارغا دادىل تاقابىل تۇرالماي، ئاخىرى كېلىپ ھازىرقى ئاسپىرانتلارنىڭ ساپاسى يوق، قولىدىن ئىش كەلمەيدۇ دېگەنگە ئوخشاش جامائەت پىكىرلىرىنىڭ كېلىپ چىقىشىغا سەۋەپچى بولماقتا.
     مەن ئويلايمەن، ئەگەر بىر تولۇق كۇرس ئوقۇغۇچىسى ئۆز مەكتىپى جۈملىدىن ئۆز تەۋە بولغان سىنىپ كوللېكتىپى ئىچىدە نەتىجىسى ئەڭ ياخشى، ئىلغار پىكىرلىك، تىرىشچان، ئىرادىسى كۈچلۈك، ماسلىشىش ئىقتىدارى يۇقىرى بولمىسا ھەرگىزمۇ نەچچە قاتلاملىق قاتتىق سىناق ئىمتىھان تەرتىپلىرى، كەسپى پەن سىناق ئۆلچىمى، چەت ئەل تىلىغا قويۇلغان يۇقىرى تەلەپلىرى بولغان ئاسپىرانتلىق ئىمتىھانىدىن ئۆتۈپ كېتەلىشى مۇمكىن ئەمەس. ئەگەر مۇشۇ ئىقتىدارلار كەمتۈك بولغان ئاساستا ئاسپىرانتلىققا قوبۇل قىلىندى دېگەن تەقدىردىمۇ ئاسپىرانتلىق ئوقۇشنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالماي، يېرىم يولدا سەپتىن چۈشۈپ قالىدۇ ياكى ئۆزى ئوقۇشتىن ۋاز كىچىدۇ، بۇنىسى مۇقەررەر. ئەتراپىمىزدا ساۋاقداش، تونۇش-بىلىشلەرنى ئۇچرىتىپ قالىمىز، ئۇلارنىڭ ئاسپىرانتلىقتا  ئوقۇش ئىستىكى شۇنداق كۈچلۈك بولسىمۇ، يەنىلا شۇ تاللاش ئىمتىھانى ئۇلارنى بۇ ئازۇسىدىن ۋاز كىچىشكە مەجبۇر قىلىۋاتىدۇ.
     ئىنسانلار جەمئىيىتى تەرەققىي قىلىپ ھال بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە، كىشىلەرنىڭ يۇقىرى يېڭى پەن-تېخنىكا، يۇقىرى مۇلازىمەت سۈپىتىگە بولغان ئېھتىياجى تىز سۈرئەتتە ئۆرلەۋاتىدۇ. ئاسپىرانتلار دۆلەت ھالقىغان چوڭ تىپتىكى كارخانا، شىركەت، بانكا، كەسپى ئورۇنلار، تەتقىقات ئىشخانىسى، تەتقىقات ئورۇنلىرىنىڭ ئالدىن تاللىشى بولىۋاتىدۇ. نۇرغۇنلىغان ئورۇنلار ئاسپىرانتلارغا مۇھتاج بولىۋاتىدۇ. ئۇلار ئاسپىرانتلىقنى ياخشى نەتىجە بىلەن تاماملىيالىسا، يەنە يۇقىرى ئۆرلەپ دوكتۇرلۇقتا ئوقۇسا ۋە ياكى چەتئەلگە چىقىپ ئۆزىنى تېخىمۇ يۈكسەلدۈرسە بولىدۇ. شۇڭا ئاسپىرانتلىقتا ئوقۇغانلارنى پەقەت ئۇنۋان، دىپلوم، خىزمەت ئۈچۈنلا ئوقۇيدۇ دەپ قاراش خاتا. ئەلۋەتتە، يۇقىرى مەلۇماتلىق بولاي، كەسپىمدە تېخىمۇ تەرەققىي قىلاي دېگەن مەقسەتتە ئاسپىرانتلىقتا ئوقۇۋاتقانلارنىڭ ئۆز ئالدىغا ئىنتىلىشى، يۇقىرى خىزمەت ئورۇنلىرىنى تاللىشى تامامەن ئەقىلگە سىغىدۇ. ئاسپىرانتلىقتا ئوقۇغاننىڭ ئەھمىيىتى يوق دېگەن مەسلىگە كەلسەك، بۇ ئەلۋەتتە ئۆزى قىزىقىدىغان كەسىپنى تاللاش ۋە تاللىغان يېتەكچى ئوقۇتقۇچىغا باغلىق. ئەگەر ئۆزىڭىز قىزىقىدىغان كەسىپنى تاللىغان بولسىڭىز، كەسپىڭىز ئۈچۈن  توختىماستىن ئىزدىنىسىز ۋە ئىرىشكەن نەتىجىلىرىڭىز سىزگە تېخىمۇ ئىلھام بولۇپ، يېڭى-يېڭى تەتقىقات بىلەن شۇغۇللىنىش ئىستكىڭىز تۇغۇلىدۇ. يەنە بىر تەرەپتىن مەيلى سىز ئىجتىمائىي پەننى ياكى تەبئىي پەننى ۋە ياكى باشقا پەن تۈرلىرىنى تاللىغان بولۇڭ، ئەگەر يېتەكچى ئۇقۇتقۇچىڭىزنىڭ قولىدا ئىشلەۋاتقان تەتقىقات تېمىسى بولسا، سىز ياردەملىشىپ شۇ ئەمەلىي خىزمەت بىلەن شۇغۇللىنىسىز، بەزى چاغلاردا مۇستەققىل تەكشۈرۈپ-تەتقىق قىلىشىڭىزغا توغرا كېلىدۇ، ھەر بىر كۈنىڭىز ئىجادىي ئەمگەك بىلەن ئەھمىيەتلىك ئۆتىدۇ، بۇلار كېيىنكى خىزمەت ۋە ئۆرلەپ ئوقۇشڭىزدا كۆۋرۈكلۈك رول ئوينايدۇ.
    مەيلى قانداق بولۇشتىن قەتئىنەزەر، ئاسپىرانتلىقتا ئوقۇش يولىنى تاللىغان ئىكەنمىز چوقۇم نۇرغۇن بەدەل تۆلەشكە، تەر ئاققۇزۇشقا توغرا كېلىدۇ. ئەڭ مۇھىمى يەنىلا بىزنىڭ شۇغۇللنىۋاتقان كەسپىمىزگە تۇتقان پوزىتسىيەرىمىزنىڭ قانداق بولۇشىغا باغلىق.
شىنجاڭ ياشلىرى ئىستودىنت ژورنىلى 2014-يىللىق 3-سانىدىن ئېلىندى.  

2

تېما

69

دوست

6671

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   33.42%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  24182
يازما سانى: 610
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 9
تۆھپە : 2004
توردىكى ۋاقتى: 437
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-24
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-1 12:07:11 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تەرجىمە ئىشىدىن ماڭا جىددى ياردەم قىلسىڭىز بوپتىكەن鳞状细胞癌   بۇخىل كىسەللىكنى ئۇيغۇرتىلىدا نىمە دەپ ئاتايمىز
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

yolchimen

2

تېما

0

دوست

1114

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   11.4%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  12816
يازما سانى: 23
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 133
تۆھپە : 271
توردىكى ۋاقتى: 115
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-31
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-1 12:53:57 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تەڭگىسىمان ھۈجەيرە راكى

تەرجىمە ئىشىدىن ماڭا جىددى ياردەم قىلسىڭىز بوپتىكەن鳞状细胞癌   بۇخىل كىسەللىكنى ئۇيغۇرتىلىدا نىمە دەپ ئاتايمىز

0

تېما

0

دوست

1170

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   17%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  24587
يازما سانى: 81
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 348
توردىكى ۋاقتى: 51
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-10
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-1 13:47:42 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
زىرەك يوللىغان ۋاقتى  2014-6-1 10:07
تەرجىمە ئىشىدىن ماڭا جىددى ياردەم قىلسىڭىز بوپتىكەن鳞状 ...

تەڭگىسىمان ھۈجەيرە راكى


http://www.udict.cn/ug-CN/default.aspx
ئۇيغۇر سوفىت تەرجىمىسى

ئالمىدەك يۈرەكت

5

تېما

12

دوست

2 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   27.66%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  9801
يازما سانى: 1643
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 2261
تۆھپە : 4833
توردىكى ۋاقتى: 1406
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-25
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-1 13:53:46 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شۇنداق ياخشى يازمىغا ياخشى ئىنكاسلا چۈشىشى كېرەك. ئوقۇغان ئىكەن چوقۇم ياخشى ئوقۇپ ،ئوقۇشنى نەتىجىلىك تاماملاش كېرەك. ياخشى ئوقۇغان ئىكەن ،بىلىمنى ئىشلىتىدىغان يەر چىقىشى مۇقەررەر.ھېچ بولمىغاندا كېيىنكى ئەۋلادلارنى تەربىيەلەشتە  بۇ ئۆگەنگەن بىلىم ئەسقاتىدۇ.

4

تېما

5

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   9.14%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  6865
يازما سانى: 746
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 2109
تۆھپە : 2768
توردىكى ۋاقتى: 647
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-22
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-1 14:08:19 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاسپىرانتلىقنى تاللىغان ئوقۇغۇچىلار ئەڭ ياخشىسى شۇ ساۋاقداشلىرى ئارىسىدىن لايىق تاللاپ مەكتەپتىكى ۋاقتىدىلا توي قىلىۋالسا مۇۋاپىق بولىدۇ دەپ ئويلايمەن .
بولمىسا قېرى يىگىت بولۇپ قالسا كارى چاغلىق ، قېرى قىز بولۇپ قالسا كەسپتە مۇۋەپپىقىيەت قازانغان بىلەن بىر ئۆمۈر تۇرمۇشتا مەغلۇپ بولۇپ ئۆتىدۇ .

1

تېما

4

دوست

296

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   98.67%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  28934
يازما سانى: 15
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 7
تۆھپە : 78
توردىكى ۋاقتى: 9
سائەت
ئاخىرقى: 2014-6-15
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-1 15:04:44 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
زىرەك يوللىغان ۋاقتى  2014-6-1 12:07
تەرجىمە ئىشىدىن ماڭا جىددى ياردەم قىلسىڭىز بوپتىكەن鳞状 ...

تەڭگىسىمان ھۈجەيرە راكى دەپ ئالساق بولىدۇ، كەچۈرۈڭ ئەمدى كۆرۈپتىمەن ئىنكاسنى...

0

تېما

3

دوست

3655

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   55.17%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  16842
يازما سانى: 324
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 1110
توردىكى ۋاقتى: 146
سائەت
ئاخىرقى: 2014-12-20
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-1 15:48:04 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يولداشلار ،  ما گوگلې ئىزدەش تورى ئېچىلمايدا.

تاقىۋىتىلدىمۇ قانداق؟
سىلەر سىناپ بېقىڭلار:   google.com.hk
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )