قانداق قىلغاندا مائارىپ ئادىللىقىغا كاپالەتلىك قىلغىلى بۇلىدۇ تاۋ شىپىڭ مەجبۇرىيەت مائارىپىنىڭ سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشنىڭ ئاچقۇچى تۈزۈم كاپالىتى ئارقىلىق مائارىپ ئادىللىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش. باشلانغۇچتىن تولۇقسىزغا ئۆرلەش نۆۋەتتە مەجبۇرىيەت مائارىپىنىڭ ساغلام تەرەققىي قىلىشىغا تەسىر كۆرسىتىۋاتقان ئاچقۇچلۇق مەسىلىدۇر. شۇڭا، مائارىپ مىنىستىرلىقى يېقىندا ئېلان قىلغان ‹‹باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ تولۇقسىزئوتتۇرا مەكتەپكە ئۆرلەپ ئوقۇش ئىمتىھانىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش توغرىسىدىكى پىكرى››ۋە ‹‹نۇقتىلىق شەھەرلەردە مەجبۇرىيەت مائارىپى باسقۇچىدىكى ئىمتىھاننى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، ئوقۇغۇچىلارنى يېقىن ئەتراپتىكى مەكتەپلەرگە كىرگۈزۈش خىزمىتىنى يەنىمۇياخشى ئىشلەش توغرىسىدىكى پىكرى›› قاتارلىق ئىككى ھۆججەت مەجبۇرىيەت مائارىپىنى تۈزۈملەشتۈرۈش قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە يېتەكچىلىك ئەھمىيەتكە ئىگە. جايلارئەمەلىي ئەھۋالىغا ئاساسەن، ھۆججەتنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، بۇنىڭغامۇناسىۋەتلىك بىرقانچە مۇھىم مەسىلىلەرنى توغرا ئىگىلىشى كېرەك. مەجبۇرىيەت مائارىپى قانۇنبويىچە مەكتەپ باشقۇرۇشتۇر، تۈزۈم قۇرۇلۇشى ئۇنىڭ ئالدىنقى شەرتى. مەكتەپكە كىرىش ۋە ئۆرلەپ ئوقۇش چارىسى مائارىپ تۈزۈمىنىڭ مۇھىم مەزمۇنى، چارىنىڭ ئېنىقلىقى ۋەمۇقىملىقى مائارىپ تەرتىپىنىڭ مۇھىم كاپالىتى. بەزى جايلاردا تۈزۈمنىڭ مۇكەممەل بولماسلىقى، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنىڭ كۈچلۈك بولمىغانلىقى سەۋەبلىك، نارازىلىق كەيپىياتى ئەۋج ئالدى. ئالايلۇق، مەكتەپكە كىرگەنلەرنى قوبۇل قىلىش دائىرىسىنى خالىغانچەئۆزگەرتىش، مەكتەپكە كىرگەنلەرنى قوبۇل قىلىش شەرتىنى خالىغانچە كۆپەيتىش،ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئۇسۇلىدىكى قائىدىگە خىلاپ ئىمتىھانلار ھەم ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش جەريانىنىڭ ئېنىق بولماسلىقى قاتارلىقلار. بۇ قېتىم ھۆججەتتە بەلگىلەنگەنئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش دائىرىسىنى مۇۋاپىق ئايرىش، مەكتەپكە كىرىدىغان ئوبيېكىتلارنى تەرتىپلىك بېكىتىش، مەكتەپكە كىرىش رەسمىيىتىنى بېجىرىشنى قېلىپلاشتۇرۇش، ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشنى ئاشكارىلاش، بۇ ئارقىلىق قالايمىقان ھادىسىلەرنى ھەل قىلىش كېرەك. شۇڭا، جايلار ھۆججەتنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرغاندارايون ئەمەلىيىتىنى چىقىش قىلىپ مەكتەپكە قوبۇل قىلىش ئىشلىرىنى كونكرېت قېلىپلاشتۇرۇپ، قانۇن بويىچە باشقۇرۇش، بەلگىلىمە بويىچە مەكتەپكە كىرىشنى پاكىت ئاساسى بىلەن تەمىنلەش كېرەك. تارىخىي سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن،ئېلىمىزنىڭ مەجبۇرىيەت مائارىپى ئاساسەن ئومۇملاشقان بولسىمۇ، لېكىن رايونلارئارىسىدا، مەكتەپلەر ئارىسىدا يەنىلا پەرق ساقلانماقتا، شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئائىلەباشلىقلىرى پەرزەنتلىرىنىڭ يۇقىرىراق سەۋىيەدىكى مەكتەپلەرگە كىرىپ ئوقۇشىنى ئارزۇقىلىدىغانلىقتىن، بەزى رايونلاردا يېقىن ئەتراپتىكى مەكتەپكە كىرىش بەلگىلىمىسى ۋەئاممىنىڭ مەكتەپ تاللاش تەلىپى ئارىسىدا زىددىيەت تۇغۇلدى، مۇشۇ تۈپەيلى كېلىپ چىققان تۈرلۈك مەسىلىلەر جەمئىيەت كۆڭۈل بۆلىدىغان قىزىق نۇقتا ۋە قىيىن نۇقتىلارنى شەكىللەندۈردى، ھۆججەتتە دەل مۇشۇ قىزىق نۇقتا ۋە قىيىن نۇقتامەسىلىلىرىنى ھەل قىلىش ئوتتۇرىغا قويۇلدى. شۇڭا، جايلار ھۆججەتنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرغاندا قاراتمىلىقنى ئاشۇرۇشى كېرەك، بۇ ئۆلچەملەرنىڭ بىرى رايون قىزىقنۇقتا ۋە قىيىن نۇقتا مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىشنى بۆسۈش ئېغىزى قىلىشتىكى ئىلگىرىلەش ئەھۋالىنى تەكشۈرۈشتىن ئىبارەت. مەجبۇرىيەت مائارىپى كىشىلىك ھاياتقا ئاساس سالىدىغان مائارىپتۇر، ئۇنىڭ ۋەزىپىسى بارلىق ئوقۇغۇچىلارغايۈزلىنىش، ئومۇمىي ساپاسىنى ئۆستۈرۈش، بۇ ئارقىلىق ھەر بىر كىشىنىڭ كەلگۈسىدىكى تەرەققىياتىغا پۇختا ئاساس سېلىش. قىسمەن مەكتەپلەر مەجبۇرىيەت مائارىپى باسقۇچىدائىمتىھان ئېلىش قاتارلىق ئۇسۇللارنى قوللىنىپ ئەقلىي ئىقتىدارى بالدۇرراقيېتىلگەن، ئۆگىنىش نەتىجىسى ياخشى ئوقۇغۇچىلارنى ئالدىن تاللايدۇ. بۇ بالىلارمائارىپىنىڭ باشلانغۇچ مەكتەپكە مايىللىشىشى ۋە باشلانغۇچ مائارىپنىڭئىمتىھانلىشىشقا قاراپ يۈزلىنىشىگە بىۋاسىتە سەۋەب بولدى، بۇنداق قىلىش ساپامائارىپىنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇشقا پايدىسىز. جايلار ھۆججەتنىڭ روھىنىئىزچىللاشتۇرغاندا مەجبۇرىيەت مائارىپىنىڭ ماھىيەتلىك خۇسۇسىيىتىنى نامايان قىلىشئۈچۈن، كۈچلۈك تەدبىرلەرنى قوللىنىپ ئىمتىھانسىز مەكتەپكە قوبۇل قىلىشنى يولغاقويۇشى كېرەك. دۆلەتنىڭ مائارىپ يىرىك پىلانتىزىسىدا: 2020- يىلى مەجبۇرىيەت مائارىپىنىڭ تەكشى تەرەققىي قىلىشى ئاساسەن ئىشقائاشۇرۇلىدۇ، دەپ تەكىتلەندى. مەجبۇرىيەت مائارىپى مەكتەپ تاللاشتىن ئىبارەت بۇقىيىن مەسىلىنى ئاخىرقى ھېسابتا ھەل قىلىش ئۈچۈن دۆلەت باشقۇرۇۋاتقان مەكتەپلەرنى باراۋەر ئاساسىي جامائەت مۇلازىمىتى ۋە قىسمەن پۇقرالار باشقۇرۇشىدىكى ياخشى مەكتەپلەرنى تاللاش خاراكتېرلىك مائارىپ بىلەن تەمىنلەش ۋەزىيىتىنى شەكىللەندۈرۈشى كېرەك. شۇڭا مەجبۇرىيەت مائارىپىنىڭ تەكشى تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش سالمىقىنى زورايتىش، بولۇپمۇ رايون ئىچىدىكى بارلىق مەكتەپلەرنى ئاساسىي مەكتەپ باشقۇرۇش شارائىتى ئۆلچىمىگە يەتكۈزۈش نۆۋەتتىكى جىددىي ۋەزىپە، شۇنداقلا تۈپسىياسەت. ئاساسى ئاجىز رايونلار ۋە مەكتەپلەرنىڭ مائارىپ سېلىنمىسىنى ۋە يۆلەشسالمىقىنى زورايتىش بىلەن بىللە، ھۆججەتتە ئوتتۇرىغا قويۇلغان رايون ئىچىدىكى ئەلامائارىپ بايلىقىدىن ئورتاق بەھرىمەن بولۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، مۇنەۋۋەرئوقۇتقۇچىلارنىڭ يۆتكىلىش ۋە ياخشى مەكتەپلەرنىڭ تەسىر كۆرسىتىش رولىنى جارىقىلدۇرۇش تەكشى تەرەققىياتنى تېزلىتىشتىكى ئۈنۈملۈك تەدبىر. مەكتەپ رايونى تۈزۈمىبىلەن توققۇز يىللىق مەجبۇرىيەت مائارىپى تۈزۈمىنى يولغا قويۇش مەكتەپكە كىرىش دائىرىسى ۋە تەكشى تەرەققىياتنىڭ تۈزۈلمە خاراكتېرلىك قۇرۇلۇشنىڭ ئىسلاھاتىنى ئىلگىرى سۈرۈش جەھەتتىكى ئىزدىنىشتۇر. ئېلىمىز كۆپ يىل يولغا قويغان مەكتەپ رايونى تۈزۈلمىسىنى باشقۇرۇشنىڭ تەجرىبە – ساۋاقلىرىنى يەكۈنلەش كېرەك، بۇنىڭدا ئاددىيلائەسلىگە كەلتۈرۈپ قويماستىن، بەلكى مەكتەپ رايونىنى ئايرىش تەڭپۇڭ بولۇش، مەكتەپرايونى فۇنكسىيەسى چېگراسىنى بېكىتىش ھەم مەكتەپ رايونىنى باشقۇرۇشنى قويۇۋېتىش قاتارلىق مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ، ئۇنىڭ ئاكتىپ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇش ئۈچۈن،يېڭى باشقۇرۇش قاتلىمىنىڭ شەكىللىنىشىدىن ساقلىنىش كېرەك. http://www.alimbiz.net/?p=6954
|