قېرىنداش قەلەم ۋە ئۆچۈرگۈش
قېرىنداش:كەچۈرگىن ،ناھايىتى خىجىلمەن. ئۈچۈرگۈش:نىمىگە؟سەن ھېچ بىر ئىشنى خاتا قىلغىنىڭ يوق. قېرىنداش:چۈنكى سەن دائىم مىنىڭ ئۈچۈن زەخمەيەيسەن.قاچانلىكى خاتالىق ئۆتكۈزۈپ قويسام خاتالىقلىرىمنى ئۈچۈرۈشكە سەن بار.لىكىن ھەر قېتىم مىنىڭ خاتالىقلىرىمنى ئۈچۈرگەندە ئۈزۈڭنىڭ بىر قىسمىنى يۇقۇتۇپ قۇيىسەن،شۇڭا كۈندىن-كۈنگە كىچىكلەپ كىتىۋاتىسەن. ئۈچۈرگۈش:بۇنىسى راس،لىكىن مەن ئازراقمۇ پىسەنت قىلمايمەن.مەن سىنىڭ خاتالىقلىرىڭنى ئۈچۈرۈش ئۈچۈن يارالغان.گەرچە ئۈزەمنىڭ كۈنلەرنىڭ بىرىدە يۇقۇلۇپ كىتىشىمنى،سىنىڭ باشقا بىرسىنى ئالماشتۇردىغانلىقىڭنى بىلسەممۇ،لىكىن مەن مىنىڭ بۇ خىزمىتىمدىن ناھايىتى خۇشال.شۇڭا كۆڭلىڭنڭ يېرىم قىلما،كۆڭلىڭنىڭ يېرىم بۇلىسشىنى ياقتۇرمايمەن.
قېرىنداش بىلەن ئۈچۈرگۈشنىڭ بۇ دىئالۇگى ناھايىتى كىشىنى روھلاندۇرىدىكەن ھەم چوڭقۇر ئويغاسالىدىكەن.ئاتا-ئانىمىز خۇددى ئۈچۈرگۈش ،بىز بولساق قېرىنداش قەلەم.ئاتا-ئانىمىزھەرقاچان بىزلەرنىڭ شالتاقلىرىمىزنى ئادالاشقا تەييار.ۋاقىت ئۇزارغانسىرى ئۇلارمۇكۆپ زەخمىلەرگە ئۇچراپ كىچىكلەپ(قېرىپ ھالىدىن)كىتىدۇ،لىكىن كۆز يۇمغانغا قەدەرشۇنداق داۋاملىشىدۇ.گەرچە بالىلار باشقىلارنى(جۈپتىنى)تاپسىمۇ،ئاتا-ئانىمىز بىزئۈچۈن قىلالىغانلىرىدىن يەنىلا خۇشال.ئوخشاشلا سۈيۈملۈك بالىلىرىنىڭ غەمكىن ياكى كۆڭلىڭنىڭ يېرىم بۇلىسشىنى ياقتۇرمايدۇ. ھاياتىمىزدا قېرىنداش بۇلۇپلاكەلدۇق،ئۈچۈرگۈشنىڭ(ئاتا-ئانىمىزنىڭ)كۈندىن-كۈنگە ياشىنىپ ھالىدىن كىتىشىنى كۈرۈپ ئىچىم ئېچىشىپ كىتىدۇ.چۈنكى شۇنىسى ئىنىق ،ھامان بىر كۈنى پەقەت شۇ قەدىردانلاربىزگە قالدۇرغان گۈزەل ئەسلىمىلەر بىلەنلا قېلىپ قالىمىز. بىر قېتىم بىر ئادەم پەيغەمبەرىمىزدىن:"كىممىنىڭ ئەڭ ياخشىلىق قىلىشىمغا بەكرەك مۇناسىپ؟"دەپ سورىغاندا،پەيغەمبىرىمىز:"سىنىڭ ئاناڭ، سىنىڭ ئاناڭ، سىنىڭ ئاناڭ،ئۇندىن كىيىن داداڭ"دەپ جاۋاپ بەرگەن. Al-Bukhariand Muslim
(تەرجىمە پەقەت تەرجىمىگە مەنسۇپ بولۇپ ،تەرجىماننىڭ شەخسى قارىشىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ،تەرجىمىدە چوڭ خاتالىق بولسا كۆرسىتىپ بىرىشىڭلارنى سۇرايمەن،ئەسلى ئادرىسنىڭ قايسى ئكەنلىكى ئىنىق بولمىغانلىقتقن تۈۋەنكى ئادرىس ۋاكالىتەن قۇيۇلدى )
رۇخسەتسىز كۆچۈرمەڭ
|