- تىزىملاتقان
- 2011-10-2
- ئاخىرقى قېتىم
- 2014-7-28
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 7121
- نادىر
- 0
- يازما
- 448
ئۆسۈش
  42.42%
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا elkelem تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-5-29 23:07
ھازىر مودا بولىۋاتقان ئىسىملاردىن دىلارە، ھىلارە، كىنارە، سىلارە،مەۋرىيە،سەرۋىيە،قەھرىيە،ھۆررەم، مۆرەم، كۈررەم، سۈررەم،سۈرەييە،ھۈرەييە، كۈرەييە،.ئەيتاۋۇر ئىشقىلىپ قۇلىقىغا چىرايلىق ئاڭلانسا ئىشەك بىلەن چوشقىدىن باشقا ھەممە نەرسىنىڭ نامىنى ئىسىم قىلىپ قووللىنىپ باققۇسى كېلىدىدىغانلار ئاۋۇپ كەتكىلى تۇردىغۇ تاڭ.بۇرۇن ئىسىم قويدۇرماقچى بولغانلار مەھەللىدىكى ئەھلى ئىلىمدە كامالەتكە يەتكەن، تەقۋادار ،سالىھ كىشىلەرگە ئىسىم قويدۇراتتىكەن.ھازىرقى ئىلىمسىز، جاھىل موللىلار «موللىنىڭ ئەسكىسى 5تەڭگىكە نىكاھ قىلار»دېگەندەك باشقىلار ماۋۇ ئىسىمنى قويۇپ بىرىڭ دەپ پۇللا بەرسە، بۇ ئىسىمنىڭ مەنىسى نىمە دەپ سوراپ باقماي، بالىغا مەنىلىك ئىسىملارنى قويۇشنىڭ ئەھمىيتى توغۇرلۇق سۆزلەش ئورنىغا ئىشەك،كالا، بۆرە، ھۆپۈپ،توغاي دەپ قويمىسىلا ئەزان توۋلاپ ئىسىم قويۇپ بىرىدىغان ئوخشايدۇ. |
|