- تىزىملاتقان
- 2013-11-3
- ئاخىرقى قېتىم
- 2014-10-15
- ھوقۇقى
- 0
- جۇغلانما
- 4332
- نادىر
- 0
- يازما
- 531
ئۆسۈش
  100%
|
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قېرىنداشلار!
بۈگۈن (5-ئاينىڭ 26-كۈنى)بوزقىر ئەپەندىمدىن قىسقا ئۇچۇر كەلدى.قىسقا ئۇچۇردا دېيىلىشىچە،ئۆمەرجان ھەسەن بوزقىر قېرىندىشىمىزنىڭ دادىسى ھەسەن مامۇت ئاكا بۇ دۇنيا بىلەن خوشلاشقان.بۇ خەۋەر بوزقىر ۋە يىللاردىن بىرى ئۇنىڭ خەلقىمىز ئۈچۈن قىلغان نۇرغۇن ئىش-پائالىيەتلىرىدىن خەۋىرى بولغان نۇرغۇن كىشىلىرىمىزنى قاتتىق قايغۇغا چۆمدۈردى.
مەرھۇم ھەسەن مامۇت ئاكىنىڭ بۇدۇنيادا بىلىپ-بىلمەي قىپ قويغان گۇناھلىرىنى ئاللاھ ئىگىمىزنىڭ مەغپىرەت قىلىشىنى، ئۇدۇنيالىقىنى ئاسان قىلىشىنى،ياتقان يېرىنى جەننەتتە قىلىشىنى،بوزقىر قىرىندىشىمىزدەك يۈرىكى مىللەت ئۈچۈن لاۋۇلداپ كۆيىۋاتقان باتۇر ئەزىمەتنى تەربىيلەپ ،قاتارغا قوشقان ئەجرىنىڭ كاتتا بولىشىنى مېھرىبان ۋە بىردىن-بىر قۇدرەت ساھىبى بولغان شەپقەتلىك ئېگىمىزدىن تىلەيمىز،قېرىندىشىمىز بوزقىرغا ۋە ئائىلە تاۋاباتلىرىغا سەبىر تىلەيمىز!
خەلقىمىز ئۆزىگە زۇلۇم سالغان مەلئۇننى ئۇنتۇمىغاندە،ئۆزىگە ئەجىر قىلۋاتقان،يۈرىكى مىللەت ئۈچۈن سوقىۋاتقان باتۇر ئەزمەتلىرىمىزنى ۋە ئۇلارنى تەربىيلەپ قاتارغا قوشقان خىزىر سۈپەت ئاتىلىرىمىزنى ئۇنتۇمىغان ۋە مەڭگۈ ئۇنتۇمايدۇ!
پۈتۈن قېرىنداشلىرىمىزنىڭ دۇئاسى شۇ ئاتىمىز بىلەن بىللە،ھەممەيلەن دۇئا قىلايلى قىېرىنداشلار!يۈرىكى مىللىتىمىز ئۈچۈن سوقىۋاتقان شۇ ئەزىمەتلەرنى بىزگە تەربىيلەپ بەرگەن شۇنداق ئاتىلىرىمىز ئۈچۈن دۇئا قىلايلى!ياشلار كۆزىمىزدىن ئەمەس قەلبىمىزدىن ئاقسۇن !نىدالىرىمىز ئېگىمىزگە يەتسۇنكى،شۇنداق ئارسلان كەبى ئەزىمەتلىرىمىز ئارىمىزدىن ئۈزۈلمىسۇن!شۇنداق ئەزىمەتلەرنى تەربىيلەيدىغان ئاتىلىرىمىزنى ئارىمىزدىن كۆپلەپ چىققىلى نىسىپ ئەتسۇن!دۇئا قىلايلى قېرىنداشلار!چۈنكى بىزنىڭ ئۇشبۇ پەيتتە شۇ خىزىركەبى ئاتىمىز ئۈچۈن قىلالايدىغىنىمىز،پەقەتلادۇئا!
مەنبە ؛بوزقىر تورى
|
|