باغداشتىن جاۋاب خەت
مەمەتتۇرسۇن ئابدىريىم ئوغلانى
مۇنبەرلەرنى سۆكۈپسىز ،دەردىڭىزنى تۆكۈپسىز ، قارىساققۇ ئاچچىققا ھەممىدىن بەك چۆكۈپسىز . مەنمۇ ئەمدى باياندىن ئەيلەي سىزگە مىسرادا ، بىزلەردىنمۇ ئۈمىدنى كۆڭلىڭىزدىن كۈتۈپسىز .
مۇنبەر ئۆزى بىر ئالەم چوڭ دېسىڭىز ئەگەردە ، باشقۇرغۇچى بىر ئادەم سىز قوشۇلغان مۇنبەردە . خام سۈت ئەمگەن ئادەمدە بولمىسۇنمۇ خاتالىق ، تىللاش ئاسان ماختاشلار قېيىن ئىكەن ئالەمدە .
باشقۇرۇشتۇر بىخەتەر تور بىكەتنى ۋەزىپە ،
سىزنى رازى قىلىشقا تېرىشماقتا دەقىقە . بەزى ئاسان ئەمەسكەن رازى قىلىش ھەممىنى، بىزمۇ پەقەت ئامالسىز يۇيماقتىمىز -ئەلۋەتتە .
قېرىنداشتۇر باغداشتا ھەممە ئەزا سىزلەرگە ، مەيلى نامرات مەيلى باي ئوپمۇ -ئوخشاش بىزلەرگە . چەكلىمەيمىز سەۋەبسىز گۇناھ ئېغىر بولمىسا ، قىلساق ئادا بۇرۇچنى مىخ بولمىغاي كۆزلەرگە .
ئەسەر بولسا ئىددىيە يېڭىسىنى ئەۋەتىڭ ، ئىملا خاتا بولمىسۇن نۇغۇنلىرى يېزىقنىڭ. كەلسە -كەلمەس رۇخسەتسىز كۆچۈرمەڭ بىر ئەسەرنى ، ئەجىر قىلىپ باقسىڭىز سىز ئىگىسى تەستىقنىڭ .
بىزنى قارا بىلسىڭىز مەيلى سىزنىڭ ئىشىڭىز ، خاتالىقنى تۈزەيمىز ئەگەر پىكىر بەرسىڭىز . بىزدە يوقتۇر ئەزادىن قالايمىقان ئۆچ ئېلىش ، بىز ئۈچۈن بىر گۆھەردۇر ھەممىڭىزنىڭ كۆڭلىڭىز .
بىلىپ قويۇڭ بەزىلەر قاتتىق قول بىز ھەر قاچان ، ئەخلاقسىزلىق،پىتنىلەر ئۆچۈرىلەر شۇ ھامان . سىياسەتكە ، قانۇنغا خىلاپ گەپقۇ چەكلەكلىك ، سىزمۇ ئىلمىي بولسىڭىز باغداش گۈزەل ھەر زامان .
شۇڭا دوستۇم باغداشنى قۇرۇپ چىققان ھەمىمىز ، گۈللىتىشمۇ باغداشنى كۆپچىلكنىڭ ئىشىمىز . ئەسكىلەرنى پاش قىلىڭ ، ياخشىلارنى كۆتۈرۈڭ . باغداشلىقلار بىر كۈنى شان -شەرەپلەر قۇچىمىز .
2014-05-26
|