مۇنبىرىڭنى سۆكىمەن
قۇلاق سالغىن سۆزۈمگە مۇنبىرىڭنى سۆكىمەن سىغمىساممۇ كۆزۈڭگە مۇنبىرىڭنى سۆكىمەن. ئالما بىراۋ ئۆزۈڭگە مۇنبىرىڭنى سۆكىمەن، تىللىساڭمۇ يۈزۈمگە مۇنبىرىڭنى سۆكىمەن، قايىل ئەمەس تۈزۈمگە مۇنبىرىڭنى سۆكىمەن.
باشقىلارنىڭ ئەجرىنى ئۆز مەيلىڭچە كۆچۈرۈپ، كىيىۋېلىپ «چاپان»نى خالىغانچە ئۆچۈرۈپ. بىر ساڭىلا ياقمىسا تىللاپ، سۆكۈپ، چۆكۈرۈپ، «ھە-ھۇ، خوش-خوش» دېگەننى مۇكاپاتلاپ، ئۆستۈرۈپ، قايىل ئەمەس تۈزۈمگە مۇنبىرىڭنى سۆكىمەن.
ھەر بىر ئىنكاس، تېمىنى سەندىن سوراپ يازامدىم؟ قۇلىقىڭغا يېقىملىق سۆزگە ئوراپ يازامدىم؟ قاش – قاپىقىڭ ئوچۇقمۇ ياكى قاراپ يازامدىم؟ چاپارمەنلەر ئاغزىنى ناگان مايلاپ يازامدىم؟ قايىل ئەمەس تۈزۈمگە مۇنبىرىڭنى سۆكىمەن.
يېڭى ئەزا بولغاچقا سۆزلەپ سالدىم تۇرالماي، پىشقەدەمرەك بولسام گەر گەپ – سۆزۈمنى يىرالماي. يۈرەمسىنا بىلمىدىم ماڭا قىلتاق قۇرالماي، پايلاپ ۋاقىت – سائىتى كەينىمدىن مۇش ئۇرالماي، قايىل ئەمەس تۈزۈمگە مۇنبىرىڭنى سۆكىمەن.
ئۇشبۇ سۆزۈم تۈپەيلى چەكلىۋەتسەڭ مەيلىغۇ، بۇيرۇپ ئۇدۇل قاماققا خەتلىۋەتسەڭ مەيلىغۇ. «شېكەر سالغان قورال»نى بەتلىۋەتسەڭ مەيلىغۇ، ھەقتىن قۇلاق يۇپۇرۇپ جىمجىت ئۆتسەڭ مەيلىغۇ، قايىل ئەمەس تۈزۈمگە مۇنبىرىڭنى سۆكىمەن.
ئۆز قەلىمىم
|