- تىزىملاتقان
- 2011-4-21
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-4-29
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 2696
- نادىر
- 1
- يازما
- 61
ئۆسۈش
23.2%
|
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قىرىنداشلارپەقىر بوران114تىن ھەممىڭلارغا ئالى سالام،مەن بۇ يازمامنى كەنىتنىڭ ئەزالار چوڭ يىغىندا ئوقۇپ ئۆتكەن،شۇڭا سىلەر بىلەن ئورتاقلىشاي دەپ ھوزۇرۇڭلارغا سۇندۇم،باشقا نىيتىم يوق،پىكىر بىرەرسىلەر،
--ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم يۇرت-جامائەت،بارلىق ئاكا-ئۇكا ،ئاچا-سىڭىل ،ئۇرۇق-تۇققان،قىرىنداشلار تىنىڭلار سالامەت،ئۆي ئىچى ،بالا-چاقا ئامانمۇ؟بۈگۈن كەنىت بويچە سىلەرنى يغىپ ۋاقتىڭلارنى بۇ يىغىىنى ئىچىشتىكى مەقسەت كەنتىمىزدىكى مەندىن باشلاپ مەھەللە باشلىقلىرىغچە بولغان كەنىت كادىرلىرىنىڭ ئىستىل مەسلىسنى مۇشۇ چوڭ يىغىندا ئوتتۇرىغا قويۇپ مەن سىكىرتار بولغان ئۈچ يىلدىن بۇيانقى ساقلانغان مەسسللەرنى بىر قۇر تەكشۈرگىنمگە ئاساسەن سۆزلەپ ئۆتمەكچىمەن،سىلەرنىڭ پاراڭ قىلماي ئاڭلىشڭلارنى ئۈمىت قىلىمەن،،،
--ھۆرمەتلىك دىھقان قىرىنداشلار،كەنتىمىز دە نۇپۇس كۆپ ،يەر ئاز،بىز مۇشۇ كەنتىمىز نىڭ ئاساسى ئەھۋالىنى چىقىش قىلىپ دىھقانلار تۇرمۇشىنى ياخشىلاش،بىيتىشنى مەقسەت قىلىپ ئاۋال كەنىت كادىرلىرىنىڭ خىزمەت ئىستىلنى ئۆزگەرتىپ كادىرلارنىڭ ئامما ئارىسىدا يامان تەسىر پەيدا قىلىپ كەنتىمىزنىڭ بۇندىن كىينكى خىزمەتلىرىنى مۇقىملقنى ئاساسى ھالقا قىلىپ مۇقىملقنى چۆرىدىگەن ئاساستا مەسئۇلىيەتنى كۇچايتىپ سىياسى مەيدانى مۇستەھكەم بولغان،ئىرادىلىك بولغان،ھەممە ئىشتا ئاممىنى ئويلايدىغان،ئاممىغا ياردەم بىرەلەيدىغان،تىز پۈكمەس ئىرادىسى بىلەن سىپىل ھاسىل قىلالايدىغان،كەنتىمىزدىكى دىھقانلار ئاممىسىنى ئۇرۇق-تۇققنىدەك كۆرەلەيدىغان،دىھقانلار كۆڭۈل بۆلىۋاتقان قىيىن نۇقتا-قىزززىق نۇقتا مەسسلىرىگە قارىتا مەيدانى ئىنىق بولغان،ئەمەلى ئىش قىلالايدىغان باشلامچىلىق رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرالايدىغان،پارتيىنىڭ ياخشى كادىرى ئاممىنىڭ چاكىرى بولۇپ يۇقۇردا تەشكىل تۆۋەندە ئامما رازى بولىدىغان كەنىت كادىرى بولۇپ چىقىش ئۈچۈن ھەسسە قوشۇش كىرەك،،
1-كەنىت كادىرلىرنىڭ ھەركىتى ۋە ئىددىيەسى بىردەك بولۇش.چىقىمچى ،سۇخەنچى،تۆۋەننى يۇقىرىغا چاقىدىغان،يۇمۇلاق تاۋۇز بولماسلىق،ئىغىپ كەتمەسلىك،خىزمەت يولى ناتوغىرا بولماسلىق،قەستەن چاتاق پەيدا قىلماسلىق،مەزھەپ توپلىماسلىق،ئاممىنىڭ خىزمىتىنى كەينىگە سۆرىمەسلىك،مەسسللەرنى ۋاقتىدا ئامما رازى بولغىدەك ھەل قىلىش لازىم.
2-كەنتىمىز كادىرلىرىدا بىلىم ساپانى ئاشۇرمايدىغان،ھەممنى يۇقۇرغا ئىتترىپ قويىدىغان،ئاممىغا ئىزىپ چۈشەندۈرمەيدىغان،ئەمەلى ئىش قىلىپ بىرىش ئقتدارى يوق،دىھقانغا ۋاقىرايدىغان،پۇقۇسلايدىغان،غەيۋەت قىلىدىغان،دىھقاننى تۆۋەن كۆرىدىغان،ئاممىغا زىيان سالىدىغان،مالىيە ئىشلىرىنى ساقتا مەلۇم قىلىدىغان،كەنىتنىڭ ۋە ئاممىنىڭ مۈلىكىنى ئوغۇرلايدىغان،خىزمەتلەردە سىپايە بولمايدىغان ئەھۋاللار ساقلانماقتا.
3-يۇقۇردىن دىھقانغا ياردەم كەلسە ئاۋال ئۆزىنى ئويلايدىغان،دىھقاننىڭ ھەققىنى يەۋالىدىغان،بىر كويلۇق پايدا ئۈچۈن بىچارە دىھقانغا يۈز كويلۇق زىيان سالىدىغان،ئىشەكتەك ئارام ئىلىپ ئاممىنى زورلۇق بىلەن شەخسى ئىشىغا سالىدىغان،بىرەر دىھقان ھال ئىيتىپ كەلسە دىۋانىدەك تاماخور بولۇپ ھەق تەلەپ قىلىدىغان،بىر مو يەرگە سۇ بىرىش ئۈچۈن بىر قاچا لەڭپۇڭ ياكى موتۇسىغا ماي قاچىلىغىلى سالىدىغان ناتوغىرا ئىستىللار ساقلانماقتا.
4-ئومومنىڭ ۋە دىھقاننىڭ مۈلىكىنى ئاسىرىمايدىغان،بىر كويلۇق نەرسە سىتىۋالسا ئۈچ كويلۇق تالۇن كەستۈرىدىغان،ئىسسقتىمۇ ئوتنى ئۆچۈرمەيدىغان،كۈندۈزى توكنى ئۆچۈرمەيدىغان،دىھقان قۇل ،كادىر چوڭ خاندەك،خىزمەت ئورۇنلاشتۇرسا قىلساڭ قىل قىلمىساڭ فاكۈەن قويىمەن،جازا ھاشارغا سالىمەن دەپ پوپوزا قىلىدىغان،تەكشۈرۈش كەلسە يوقاپ كىتىدىغان ياكى يالغان سان يوللايدىغان،ھەسەتخورلۇق قىلىپ دىھقاندىن ئۆچ ئالغىلى باھانە ئىزلەيدىغان،زومىگەرلىك قىلىدىغان ئىشلار ھىلىھەم مەۋجۇت.
5-بىرەر ئىسپات ياكى تونۇشتۇرۇشقا تامغا يىقىش ئۈچۈن پۇل ئالىدىغان،يۇۋاش دىھقاننىڭ يىرىنى بوزەك قىلىپ تارتىۋالىدىغان،يىڭىلققا ئىنتىلمەيدىغان،كونىچە باشقۇرۇشقا تاينىۋالىدىغان،سۇ ئەسلىھەلىرىنى ياخشىلاشقا ئەھمىيەت بەرمەيدىغان،پۇرسەتپەرەسلىك ئىغىر.
6-ھەق-ناھەقنى ئايرىمايدىغان،ھارام يەيدىغان،دىھقان ئالدىرىغانغا ئالدىرىمايدىغان،مەن دىەەن دادۈيجاڭ،مەن كويجى دەپ ھوقوقنى پەش قىلىدىغان،چوڭلار سالامغا قول تەڭلىسە پوچىلىق قىلىدىغان،يوقسۇل بەشتە كاپالەت ،ئاجىز،ئىگە چاقىسىز،مىيىپلارنى كەمسىتىدىغان تۇزكورلۇق ئەھۋاللىرى ساقلانماقتا.
7-كەنىت ساقچىخانىسىدكلەر مەن دىەەن ساقچى دەپ پوچىلىق قىلىپ ئاممىغا كىبىر ئىشلتىدىغان،ئىشىنى قەستە ھەل قىلمايدىغان،يوغانچىلىق قىلىدىغان،خەزمەت ئىستىلىدا ئاتىكاچىلىق قىلىدىغان،يامان تەسىر پەيدا قىلىدىغان،قوقۇتىدىغان،مۇلازىمەت خارەكتىرلىك ئەمەس بەلكى بۇيرۇقۋازلىق ئەھۋالىلىرى ئىغىر.
-قەدىرىلىك دىھقان قىرىنداشلار،پەقىر سىكىرتار بولۇش سىتاژىم ئۈچ يىل بولدى،بۇ ئۈچ يىلدا يۇقۇردا دىيلگەن ئىشلارنى قىزىپ چىقتىم،ھىس قىلدىم،ھازىردىن باشلاپ بايامقى ناتوغىرا ئىستىللارنى تەلتۆكۈس تۈگۈتۈپ،ئىت ئەمگەن،نائەھلى،تۇزكور،ھارام يەيدىغان،ئۆزنىڭ ئىنسانلقىنى ئۇنتۇغان،دىھقانغا قارا سانايدىغان،مۇناپىق،تۆڭگۈزلارنى پارتيىنىڭ ئاممىۋى لۇشىيەن تەربىيسىنى ئەمەليەتتىن ئۆتكۈزۈش پائاليىتنىڭ روھى بويچە كەنىت پارتىيە ياچىيكىسىدىن قوغلاپ چىقىرىپ ،مىتەلەرنى تازىلاپ كەنتىمىزنىڭ ھەم سىلەرنىڭ ئىجتىمائى مۇقىملقى ،ۋە بۇندىن كىيىنكى ئىشلىرىمىزنىڭ تىىخمۇ ياخشى بولىشى ئۈچۈن كۈچ چىقىرىمەن،يولداشلارغا رەھمەت سۆزۈم تۈگىدى.ئوقۇرمەنلەرنىڭ ۋاقتىنى ئىسراپ قىلماسلىق ئۈچۈن قىسقارتىلدى،ئەسلى ئۈچ سائەتلىك دوكلات ئىدى،
مەنبە :بوران114...2014-يىلى 4-ئاي 30-كۈن
|
|