- تىزىملاتقان
- 2014-2-6
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-4-21
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 2942
- نادىر
- 0
- يازما
- 169
ئۆسۈش
  31.4%
|
ئەل قېرىماس ، تاش چىرىماس .
پادىشالىق ئەل بىلەن ،
تۆمۈرچىلىك يەل بىلەن .
ۋەتەنگە كەلگەن ئىمانغا كىلۇر .
كۆپنى سۆكەن كۆكەرمەس .
كۆپنىڭ قولى كۆككە يىتەر .
كۆپچىلىك بىر بۇردىدىن بەرسە تويدۇرار،
بىر مۇشتىن ئۇرسا ئۆلتۈرەر.
بار قىلسىمۇ ئەل قىلۇر،
يوق قىلسىمۇ ئەل قىلۇر .
ئاتساڭ ياۋ ئۆلۈر ،
ياتساڭ ياۋ كۈلۈر .
ياۋنىڭ تىشىدا بولغىچە ، ئىچىدە بول .
يامان ياۋغا بولۇشۇر .
ياۋدىن قورۇققان ياۋغا دوس ،
ئەلدىن قورۇققان ئەلگە دوس .
دۈشمىنىڭ يامان بولسا ماختاپ ئۆلتۈر .
دۈشمەننى ماختاپ ئۆلتۈر ،
ساتقىننى ساقلاپ ئۆلتۈر .
دۈشمەننى كۈدۈزى ئويلا ،
كىچىسى باپلا .
ئەرىكسىز باغنىڭ گۈلى تۇزار ، بۇلبۇلى ئۇزار .
|
|