- تىزىملاتقان
- 2014-3-21
- ئاخىرقى قېتىم
- 2014-5-24
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 114
- نادىر
- 0
- يازما
- 3
ئۆسۈش
38%
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا kizilgul1 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-5-23 22:38
ئابابەكرى مۇختار ئىنىمىزنىڭ تىرىشچانلىقى، جاپادىن قورقمايدىغان روھى ھەممىمىزنى قايىل قىلىدۇ. ئۇ 80-يىللاردا تۇغۇلغان ياشلارنىڭ ۋەكىلى بولۇشقا، ھەر بىر كىشىنىڭ، بولۇپمۇ 7 ئەزاسى ساق تۇرۇپمۇ ئۇنىڭغا يېتىشەلمەيۋاتقانلارنىڭ ئۆگىنىش ئۈلگىسى بولۇشقا مۇناسىپ.ماقالە ئىگىسى تاشپولات ئەپەندىمنىڭ ئۆز قېرىنداشلىرىغا بولغان مېھرى مۇھەببىتى، ئىلىم سۆيەر،تىرىشچان ياشلارنى قوللاش روھى ئۆگىنىشىمىزگە تېگىشلىك. 700كىلومېتىر يولنى بېسىپ ، ئاتايىتەن ۋاقىت چىقىرىپ (يەنە كېلىپ ئامېرىكىدەك تۇرمۇش رېتىمى تېز دۆلەتتە، تاشپولات ئەپەندىمدەك مىنۇت ۋاقىتنىمۇ بىكار ئۆتكۈزمەيدىغان ئىلىم ئەھلىلىرىگە نىسبەتەن)، ئەزەلدىن يۈز تۇرانە كۆرۈشۈپ باقمىغان بىر ياشنى يوقلاش قارىماققا ئاددىي ئىشتەك تۇرسىمۇ، ھەر بىر كىشىنىڭ بېشىغا كەلگەندە شۇنداق قىلىش ئاسان ئەمەس. بۇ ئىككى ئىلىمخۇمار قېرىندىشىمىزنىڭ
ئامېرىكىدىكى پائالىيەتلىرى ،دوستانىلىقى، قېرىنداشلارچە مېھرى- مۇھەببىتى ئۇيغۇرلارنىڭ تۈپكى خارەكتېرىنى يەنە بىر قېتىم نامايەن قىلدى. ئاپىرىن سىلەرگە! ئابابەكرى مۇختار( مىسرانىم) ئىنىمىزنىڭ تېنىگە سالامەتلىك ، ھايات مۇساپىسىگە ئۇتۇق، بەخت يار بولغاي. يىراق ئەلدىكى ،بىزنىڭ پەخرىمىز بولغانلار قاتارىدىكى تاشپولات ئەپەندىمنىڭ ئىشلىرىغا ئۇتۇق، تېنىگە سالامەتلىك، ئائىلىسىگە بەخت يار بولغاي! ئابابەكرى مۇختار(مىسرانىم) ئىنىمىز بىلەن كۆرۈشۈش ئۈچۈن باسقان 700كىلومېتىر يولىدىن 700مىڭ قىزىلگۈل ئۈنگەي! |
|