- تىزىملاتقان
- 2011-11-26
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-3-4
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 2184
- نادىر
- 0
- يازما
- 130
ئۆسۈش
  6.13%
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا gadankax تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-5-21 02:11
ئاقكۆڭۈللىك، مېھرىبانلىق، سەمىمىيلىك ھەقىقىي ئىنسان تەبىئىيىتى ھەم شۇنداق بولىشى كېرەك. بىراق تارىخ ئەمەلىيىتى شۇكى؛ بۈگۈنكى زاماندىكى زىيادە ئاقكۆڭۈللىك، سەمىمىيلىك، مېھرىبانلىق نادانلىق ۋە ئۆز رىزقىغا ئۆزى توپا چىچىشتىن باشقا نەرسە ئەمەس.
«كېشىنىڭ يۇرتىدا سۇلتان بولغىچە ئۆز يۇرتۇڭدا ئۇلتاڭ بول»نى قايسى ئۇلۇغ بوۋام چالا ئۇيقۇدا ئۆندەرەپ قوپۇپ دەپ قويغان بولغىيتتى. بۇ ماقالنىڭ ئورنىغا «قاغا بىلەن دوست بولساڭ يىيىشىڭ پوق» ۋە «تالا مۆشىكى ئۆي مۆشىكىنى قوغلايدۇ»نى يېڭىلاپ قويغان، ھەتتا پەرزەنتلىرىنىڭ پىشاينىسىغا ئويۇپ قويغان بولسىچۇ - كاشكى.
موشۇ كۇنلەردە «ۋاقتى ئۆتكەندە قىلىچىڭنى پوققا چاپ»نى تولا ئەسلەپ قالىمەن ئەمما «دانا»لارنىڭ سەۋرچانلىق ھەققىدىكى ۋەزلىرى قۇلىقىمغا كېرمەيدۇ.
قەيسەر ئەپەندى، بىز پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ سەمىمىي غەمغۇرلىقى ئاستىدا «ئىلغار مىللەتنىڭ پەن - مەدەنىيىتىنى ئۆگىنىش ئۈچۈن ئالدى بىلەن ئۇلارنىڭ تىلىنى ئۆگىنىش كېرەك» دېگەن پەلسەپە بويىچە «قوش تىل ئوقۇتۇشى»دەك داغدۇغىلىق مائارپ ئىسلاھاتىغا ئاكتىپ ئاۋاز قوشۇپ ئەمەلىيەتتە باشقىچە تاق تىل ۋە ئەبجەشلىشىشكە دادىل يۈرۇش قىلغىنىمىز نېكەم. سىز(سىلەر) بولساڭلارمۇ 32 تاۋۇشلۇق تىلنى مۇكەممەل ساقلاپ قالغايسىلەر. چۈنكى بىر تال ئۇرۇق بولسىلا كۆپەيتىۋالغىلى بولىدۇ ئەمەسمۇ. |
|