قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 252|ئىنكاس: 1

ئالى مەكتەپ ئىمتىھانى ئالدىدىكى ئويلار

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

0

تېما

5

دوست

806

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   61.2%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  25733
يازما سانى: 53
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 236
توردىكى ۋاقتى: 34
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-10
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-18 15:09:29 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
    مانا بۈگۈن ئالى مەكتەپ ئىمتىھانغا دەل 10نەچچە  كۈن قالغان پەيىت ، ئۈزۈمنىڭ بىر ئاچا يولغا كىرىپ قالغانلىقىن سىزىىپ تۇرۇپتىمەن ، ئەمما كاللام يەنىلا گادىرماچ خىياللار قوينىدا ، مەكتەپ ئۆي ئارلىقىدا مۇكىدەك قاتناپ يۇرمەكتىمەن . كالىنىڭ بېشىغا كەلگەن كۈن موزاينىڭ بېشىغىمۇ كېلىپتۇ دېگەندەك ، بىزدىن بىر قارار يۇقرى ئوقۇغان ئەيساجاننىڭ بېشىغا كەلگەن  كۈنلەر ماڭىمۇ يۇپۇرلۇپ كېلۋاتاتتى ، بۇنىڭدىن 1يىل بۇرۇنقى بۈگۈنكى كۈن ئىدى ،ئۇ چاغلاردا بىز بۇلارنىڭ سىنىپى ئالدىدىكى مەيداننى تازلايتتۇق ، ئۇلارنىڭ ئۈگۈنۈش ۋاختىدىمۇ ئۈگدەپ بەزىلەرنىڭ ھەتتا تېلفۇن ئويناپ ئولتۇرغانلىقلىرنى كۆرۈپ ،ھەيران قالاتتۇق ،ئەيساجانمۇ تېىخى تەپ تارتماستىن شۆلگىينى چىقىرىپ ئۇخلاۋاتاتتى . تەنەپپۇستا ھەممىسى ئاچ قالغاندەك ئاشخانىغا چاپاتتى ، مەن ھەيران بۇلۇپ ئۇنىڭدىن سوردىم :
- ئەيساجوووووون..... ئالى مەكتەپ ئىمتىھانىغا  20 نەچچە كۈن قالغاندىمۇ ، مۇشۇنداق ئۇخلاپ ، كىلەر يىلى بىز بىلەن بىللە ئۇقۇشنى  پىلانلىغان ئوخشىمامسىلە؟؟؟؟؟
ئەيساجان ئۇيقىلىق كۆزلىرنى ئۇۋلاپ تۇرۇپ :
- ۋاي ۋاي بۇ گەپنى قىلمىغان سىلە قالغان ئەمدى ، سىلىمۇ 3-يىللىققا چىقىڭلا شۇ چاغدا بىلىسلە !!!!
شۇ  چاغدا ئەيساجاننىڭ تۇرقىغا قاراپ ، 3-يىللىققا چىققاندا ۋەھشى تىرشىپ ئېسىل بىر مەكتەپكە ئۈتۈپ خەخنىڭ كۈزدىن ئوت چاقنىتۋىتەي دېگەن خىياللارغا كەلگەن ئىدىم ، ئەمدى بۇ كۈنلەردە بېسىملاردىن ئۈزەمنىڭ كۈزىدىن ئوت چاقناپ كېتىدىغانلىقىنى نەدىن بىلەي.....
ئاخرى يوق سۇئال مەشىقلەر ، تۈگىمەس <بىلىمەر توپلىمى>، <مەشىقلەر توپلىمى >، <بەش يىللىق سۇئال >، <تۇللۇق نۇمۇرلۇق سۇئاللار > قاتارلىق  كىتاپلار ئۈستەللىرمىزگە لىققىدە تۇشۇپ ، قارساقمۇ كۆڭلىمىز ئېلشىدىغان ھالغا كەلتۈرمەكتە ئىدى ، كۈنلەر شۇنچىلىك ئاستا ئۈتمەكتىكى ، 3-يىللىقنىڭ بېشىدا پاراتتىن ئۈتۈپ ئۇرۇشقا ماڭغان ئەسكەرلەردەك  جەڭگىۋار ھالدا تەييارلىق قىلۋاتقان بولساق ، مانا بۈگۈن قۇربان بولغان سەپداشلاردەك ئۈستەلگە چىڭ يېپىشىپ جىددى ئۇخلاۋاتتاتۇق ، خۇددى ئۈگۈنۈشنى كەچتە قىلمىسا ئىمتىھاندىن ئۈتەلمەيدىغاندەك  كەچتە ئۆيلىرمىزگە ھارغۇچە ماتىرياللارنى ئالغاچ كېتىپ كېچىچە قاراپ ھاڭۋېقىپ ئولتۇراتتۇق، ئەممە ئەتىسى كونسۇلتاسسىيە ۋاقتىدا ھەممىىز ئۈستەلگە يېپىشىپ ئاخشامقى ئۇيقىمىزنىڭ ئاخىرنى ئۇخلايتتۇق .
بۇرۇنقى ۋاقىتلاردا ئۇيقۇ دېگەننىمۇ ئۇخلامدۇ دەپ مەيداندىن كىرمەي ھارماي توپ تىپىدىغان مەنمۇ ،بۈگۈن ئەتتىگەندە كېلىپلا مۈگۈدەشكە باشلىدىم ، تۇيۇقسىز ۋاللىدە قىلغان كۈچلۈ نۇر بىلەن تەڭ ئۇيقۇم قېچىپ بېشىمنى كۆتۇرۇپ شۇنداق قاراپ ۋارقىرۋەتكىلى تاسلاقالدىم ، ئادەتتە چېچىنى جېنىدىنمۇ ئەزىز بىلدىغان ، شۇ چېچى ئۇزۇن سەۋەپلىك رەھپەرلەرنىڭ تەنقىتىگىمۇ نائىل بۇلۇپ ، مۇئەللىملەر بىلەن ئۇرشۇپ كەتكەن پارتىدىشىم ئەلى چېچىنى چۈشۈرتۋەتكەنىدى ، ئۇ پوزىدەك بېشىنى ئۇيان بۇيان قىلىپ پارتىلارنى تۈزەشتۈردى دە مەن بىلەنمۇ كۈرۈشمەستىن ئولتۇرۇپ كىتاپتىن بىرنى ئېلىپ كىتاپ ئۈستىگە بېشىنى قۇيۇپلا ئۇيقىغا كەتتى .. ھەممەيلەن ھەيران بولغان ھالدا گەپ قىلماي تۇرۇپلا قالدى ، ئەمما ئۇزۇن ئۆتمەي سىنىپ مۇدىرمىز پايپاسلاپ كىرىپ ھەيرانلىقىمىزغا ھەيرانلىق قوشتى ،سىنىپ مۇدىرمىزنىڭ چاچلىرى قالايمىقان بۇغۇلغان ،يۈزى خۇددى بىرى دەسسىۋەتكەندەك  پۇرلىشىپ كەتكەندى ،بىز مۇئەللىمنىڭ چاپىنىغا قاراپ تېخىمۇ ھەيران قالدۇق ،مۇئەللىم ئالدىراشچىلىقتا چاپىننى تەتۈر كىيىپ چىققاندى بىز يە كۈلشىمىزنى يە يىغلىشمىزنى بىلەممە ي بىر بىرمىزگە ، ئەلىگە، مۇئەللىمگە قاراپ تۇرۇپلا قالدۇق ، مۇئەللىم كىرگەن پېتى مۇنبەردىكى ئورۇنغا كېلىپ ئولتۇرۇپ ئەلىگە قاراپلا كۆزلىرى پارقىراپ كەتتى ، ئەلى بۇ دۇنيادىن بىخەۋەر شۆلگەيلىرنى چىقىرىپ جىددى ئۇخلاۋاتتاتتى .... ھەيرانلىق خېلى ئۇزۇن داۋاملاشتى ، قوڭغۇراق مۇزەكىرگە چېلىنغاندىن كىيىنلا ھەممىز ئۆز ئورنىمىزغا قايتتىپ تۈگۈمەس ئۆگۈنۈشنى باشلىدۇق ،مۇئەللىمنىڭ چاپىنىنىڭ تەتۈر بۇلۇپ قالغىننى ئۆزگە ئېيتمىدۇق ، ئېتقىمىز يوق ئەمەس بەلكى خوشياقمىغاندى ، ئۇنىڭ ئۈستىگە مۇئەللىمىزمۇ ئۇيقىچان كۆزلىرنى كىتاپقا تىكىپ قانداقتۇر خياللارغا چۈككەندى ، مەن ئەلىنى ئاستا ئويغىتىپ ئۇنىڭدىن چېچىنىڭ نېمە بولغانلىقىن سوردىم ، ئۇ ئۇيقۇلۇق كۆزلىرنى ئاچماي بېشىنى سىلاپ تۇرۇپ:
- ئۈگۈنۈش بېسىمى ئېغىر تۇرسا ، كۈندە ئەتىگىنى چېچىمنى يۇيۇپ بۇلامماي مەكتەپكە كېچىكىپ قالدىكەنمەن شۇڭا بارنىڭ دەدىنى تارتقىچە يوقنىڭ دەردىنى تارتاي دەپلا چۈشۈرتىۋەتتىم ....
مۇشۇنداق دەرىستە ناچار ئوقۇغۇچىلارنىڭمۇ ئۈگۈنۈش دەردىدە نېرۋىسىدىن كىتىپ قالاي دېگەنلىكىنى كۆرۈپ  ئۆزۈمنىڭ ھالىغا سەل خوش بۇپ قالدىم ، نېمىلا دىمىگەن بىلەن ، مەن  سەل ساخكەنمەن جۇمۇ ، چاچمۇ جايدا شۇ بۇرۇنقىدىن سەل ئۇرۇقلاپ قالدىم ........
خياللار ئىلكىدە تۇراتتۇق مۇئەللىممىز خۇددى بىرى يىڭنە تىققاندەكلا ۋارقىراپ ، مانۋىر ئىمتىھان نەتىجمىزنىڭ چىققانلىقنى دېدى ، بىز سەل جىددىلەشتۇق  ۋە بېشىمىزنى كۆتۈرۈپ جىددى قاراشتۇق ، چۈنكى بۇ قېتىملىق مانۋېر ئىمتىھاننىڭ نەتىجىسى ئالى مەكتەپ ئىمتھان نەتىجىسى بىلەن مۇناسىۋېتى يېقىن بولغاچقا دېققەت قىلمىساق بولمايتتى . نەتىجىلەر بىردىن بىردىن ئوقۇلۇشقا باشلىدى ، مىنىڭ ئىسمىم ھېچ چىقاي دېمەيتتى ، چىقمىغانسىرى جىددىلىشىپ كۆزلىرىم پارتىلاپ چىقىپ كېتەي دېدى ، شۇنچە دېققەت قىلغانغا چۇشلۇق ئىسمىم چىقايمۇ دېمەيتتى ، ساقلا  ساقلا قارىسام مۇئەللىمنىڭ قۇلىدا بىرلا قەغەز قاپتۇ ، مېنىڭ قەغىزىم ئىكەنلىكىن چاقماقتەك ھېس قىلدىم دە  نىمە ئىش بولغانلىقىنى ئاڭقىرىپ بولغىچە مۇئەللىم :
-بۇ قېتىمقى مانۋىر ئىمتىھانى خېلە تەس ، ئالى مەكتەپ ئىمتىھانى بىلەن ئوخشىشىپ كېتىدۇ ، شۇڭا بۇ قېتىمقى ئىمتىھاننىڭ نەتجىسى سىلەرنىڭ ئالى مەكتەپ ئىمتىھان نەتىجىسنى بەلگىلەپ قۇيدۇ ، شۇڭا ساۋاقداشلارنىڭ بۇ تەجىربە ساۋاقنى ياخشى يەكۈنلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن ...............................( بىر قاتار پاخپاق گەپلەر )......... بۇ قېتىمقى ئىىمتىھاندا ساۋاقداش  مۇستەققىل  520 نۇمۇر بىلەن سىنپىمىز بۇيچە بىرىنچى بولدى ................
ۋاراڭ چۇرۇڭ سىنىپ تۇيۇقسىزلا جىمجىتلىققا تولدى ، يۇرگۈم قارت قىلغاندەك قىلدى ، ھەممنىڭ كۆزى ماڭا  ھەيرانلىق نەزرى بىلەن تىكىلمەكتە ئىدى ، مەن بىچارە نىمە قىلارىمنى بىلمەي قاققان قۇزۇقتەك تۇرۇپلا قالدىم ، ئەمما تىزلا ئىسىمنى يىغىپ تىز تىز مېڭىپ قەغىزىمنى ئەپكىلۋالدىم . سىنىپتىكى پۈتۈن ئوقۇغۇچىلارنىڭ كۆزلىرى ماڭا تىكىلگىننى سىزىپ تۇراتتىم ، ئۇلار كۆن بويى توپنى قۇچاقلاپ يۈرىيدىغان ، دەرىسلەرگە ئانچە ئېرەن قىلىپ كەتمەيدىغان كەمىنىنىڭ  بۇنداق نەتىجىلەرنى ئېلشىمنى خىيالىغىمۇ كەلتۈرمىگەنىدى ، ئەمما بۇ رىئاللىق قۇبۇل قىلماي ئامال يوق دە ، مەنمۇ  بۇ رىئاللىقنى قۇبۇل قىلدىم ..........
دەرىس ئارلىقىدا تىل_ ئەدەبىيات مۇئەللىمىم مىنى چاقىردى ۋە ماڭا بىرمۇنچە نەسىھەتلەرنى ئۈگەتكەن بولدى ، ۋە مىنىڭ <<جۇڭگۇ پۇتپولچىلقى >> توغۇرلۇق يازغان ماقالەمنى بىر ھازا ماختىدى ۋە داۋاملىق تىرششىمنى ئېيتتى ....كۈنلەر شۇنداق ئۆتمەكتە ، بۇرۇنقى ئۇلۇغۋار  پىلانلىرمىزنىڭ ئەمەلگە ئاشمايدىغانلىقىنى بارا بارا تۇنۇپ يەتمەكتە ئىدۇق ، چۈنكى بۇ ئىمتىھان تەقدىرمىزنى بەلگىلەيدىغان ھالقىلىق سىناق ئىدى
      سىنىپتىكى ۋاراڭ چۇرۇڭلار ئارىسىدىن مۇئەللىمنىڭ مۇنۇ گەپلىرنى ئاڭلاپ تېلفۇننى تاشلاپ كىتابقا قاردىم :
- ياخشى مەكتەپكە ئۆتسەڭ يېنىڭدا ساھىپجامال ئاستىڭدا ئېسىل ماشنا بۇلدۇ، ياخشى مەكتەپكە بارالمىساڭ يېنىڭدا ئالۋاستى ، ئاستىڭدا تىراكتور بۇلدۇ...................

0

تېما

5

دوست

806

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   61.2%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  25733
يازما سانى: 53
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 236
توردىكى ۋاقتى: 34
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-10
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-29 21:12:35 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )