بىز نېمە ئويدا، ياشلارنېمە كويدا؟ ئابلىمىت سوپىھاجى يېشىمنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ، ئىشخانىدىكى ئوننەچچە يىلدىن بۇيان ئۆزۈم يالغۇز باشقۇرغان ئارخىپ ماتېرىياللارنى تاپشۇرۇپبېرىدىغان ئىشەنچلىكرەك بىرسىنىڭ بولۇشىنى ئويلايدىغان بولدىم. چۈنكى يەر ناملىرىئىشخانىسى دېگەن ئانچە چوڭ ئورۇن بولمىسىمۇ، بىر يۇرت، بىر رايون ياكى بىرئورۇننىڭ يەرلىك نامىنى بېكىتىشتە رولى ئىنتايىن چوڭ ئىدى. تەلىيىمگە يېقىندائالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەن بىر ئىستۇدېنت بۇ ئىشخانىغا تەقسىم قىلىندى. مەنئالدىراش ھالدا ئۇنىڭ ئىشخانىسىنى رەتلەپ، خىزمەت شىرەسى، ئورۇندۇق قاتارلىقلازىمەتلىكلەرنى تەييارلىدىم. ئۇ ئىشقا چۈشۈپ ئىككى كۈن بولغاندا ئىشخانامغاكىرىپ: - بۇ ئىدارىدە كومپيۇتېريوقمۇ؟- دەپ سورىدى. - نەچچە ۋاقىتتىن بۇيان بۇئىشخانىدا ئۆزۈم يالغۇز ئىشلىگەچكە، كومپيۇتېردىن بىرنىلا ئالغان، بۇ قېتىم يەنەكومپيۇتېر سېتىۋېلىش توغرىسىدا يۇقىرىغا دوكلات يازدىم. بىز خەلق ھۆكۈمىتىقارىمىقىدىكى ئىشخانا بولغاچقا، نېمە لازىم بولسا، ھۆكۈمەت بىر تۇتاش سېتىۋېلىشئىشخانىسى ۋاكالىتەن ئېلىپ بېرىدۇ، بىزنىڭ بىۋاسىتە نەرسە سېتىۋېلىش ھوقۇقىمىزيوق، شۇڭا بىرنەچچە كۈن ساقلاپ تۇرۇڭ،- دېدىم ئەھۋالنى چۈشەندۈرۈپ. لېكىن ئۇ ھازىر كومپيۇتېربولمىسا ،بۇ دۇنيانىڭ مەنىسى بولمايدىغانلىقىنى، دادىسىنىڭ خەلق ھۆكۈمىتىدەئىشلەيسەن دېگەن گېپىگە ئىشىنىپ كېلىپ قالغانلىقىنى، بۇنداق ئىدارىدە ئىشلەشنىخالىمايدىغانلىقىنى ئېيتىپ، نەسىھەتىمگە قۇلاق سالماي، خىزمەتنى تاشلاپ كېتىپقالدى. ئىككى كۈنلا خۇشال بوپتىمەن، ئىشخانىدا يەنە ئۆزۈم يالغۇز قالدىم. ئەمدىلا جەمئىيەتكە قەدەمبېسىۋاتقان بۇ ئىستۇدېنتنىڭ قىلمىشى مېنى ئويغا سالدى. بىز يېڭى خىزمەتكە چىققانداھۆكۈمەت بىزنى يىراق يېزىلارغا ئەۋەتىپ چېنىقتۇراتتى. مەنمۇ يېزىدا 18 يىلدىن ئارتۇقئىشلەپ، ئاندىن ھازىرقى خىزمەت ئورنۇمغا كەلگەن. ئۇ چاغدا قاتناش، ئالاقە ئىشلىرىراۋان ئەمەس، تۇرمۇشىمىزمۇ جاپالىق ئىدى، شۇنداق بولسىمۇ قىلچە ۋايسىمايتتۇق.ھازىر ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىي قىلىپ، شارائىت ياخشى بولۇپ كەتتى. لېكىنياشلاردا جاپاغا چىداش روھى كەمچىل بولماقتا. ياشلار سىرتلارغا چىقسا، قولىدىن يانتېلېفون چۈشمەيدۇ، ئۆيگە كىرسە كومپيۇتېر ئالدىدىن قوپالمايدۇ. يېقىندا يېزىغا خىزمەتتەكشۈرۈشكە بېرىپ، بىر ئىستۇدېنت قىز بىلەن پاراڭلىشىپ قالدىم. ئەسلىدە ئۇئوقۇتقۇچىلىق ئىمتىھانىدىن ئۆتۈپ، شەھەردىن 200 كىلومېتىر يىراقلىقتىكى مەلۇمناھىيەگە تەقسىم بولغان ئىكەن، لېكىن ئۇ يەرنى يىراق كۆرۈپ بارماپتۇ، ھازىرشەھەردىكى ئۆيىگە يېقىن يېزىدا ۋاقىتلىق ئىشلەۋېتىپتۇ. دادىسى شەھەردىكى بىرئىدارىدە ئىشلىگەچكە، دادىسىنىڭ ياخشى ئورۇندىن خىزمەت تېپىپ بېرىشىگە ئىشىنىدىكەن. مېنىڭچە، ھەممە ئادەم شەھەردە،ياخشى ئىدارىدە خىزمەت قىلىمەن دەپ ئويلىسا، جەمئىيەتنىڭ ماس قەدەمدە تەرەققىيقىلىشىغا تەسىر يېتىدۇ. يېزىلارمۇ، ئاساسىي قاتلاممۇ ئىختىساسلىق خادىملارغاموھتاج. ئاددىي ئورۇنلاردىمۇ، چەت ياقا – يۇرتلاردىمۇ باشقىلارنى ھەيرانقالدۇرغىدەك نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرگىلى بولىدۇ. ھازىر ئىشقا ئورۇنلىشىش بېسىمىئېغىر بولماقتا، ئاتا – ئانىلار نۇرغۇن ئىقتىساد سەرپ قىلىپ، بالىلىرىنى ئالىيبىلىم يۇرتلىرىدا ئوقۇتسا، ئۇلار شەھەردىلا ئىشلەيمەن، يېزىغا بارمايمەن دەپتۇرۇۋالسا، ئائىلىسىگىلا ئەمەس جەمئىيەت ئۈچۈنمۇ بېسىم بولىدۇ. ياشلار كەلگۈسىنىڭياراتقۇچىلىرى، جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ ئاچقۇچى ياشلارنىڭ قولىدا. شۇڭا ياشدوستلار چەكلىك ھاياتىمىزدا ئۆز ئىقتىدارىمىزنى جەمئىيەت تەرەققىياتى ئۈچۈن تەقدىمقىلىپ، يۇرتىمىزنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن، تىگىشلىك تۆھپە قوشىشىمىز كېرەك. http://www.alimbiz.net/?p=6732
|