- تىزىملاتقان
- 2013-4-13
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-2-9
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 2799
- نادىر
- 0
- يازما
- 252
ئۆسۈش
  26.63%
|
مەن ئوقىغان چاغلاردا ئىنتىرنىت مۇشۇنداق تەرەققىي قىلغان بولسا ئۇستازلارنىڭ كىشىنى تىرىشىشقا، ئالغا ئىتىلىشكە رىغبەتلەندۈردىغان يازمىللىرى بىلەن بۇرۇنراق ئۇچراشقان بولسام ................ھەي ...............ھازىر ئىشلار باشقىچە بولار ئىدى.
مەن دەسلەپتە ئۈنۋىرسىتىتقا ئوقۇشقا كەلگەندە نەۋرە ئاچام بىزنىڭ مەكتەپتە ئاسپارانتلىققتا ئوقۇۋاتاتتىكەن(ئۆيى نىفىت-خىمىيە باش زاۋۇتىدا ئىدى)، ئوقۇش باشلىنىپ ھەپتىدىن كىيىن مەندىن قىسقىغىنە بىر ئىتاھان ئېلىپ ئاسپاراتلىققا ئوقىساڭ بولىدىكەن، بۇنىڭ ئۈچۈن ئاۋال ئىنگېلىسچىنى بىلىشىڭ كېرەك بۈگۈندىن باشلاپ مەندىن ئىنگېلىسچە ئۈگەن دەپ ھەر كۈنى ياتىغىدا مەن تىل ئۈگەندىم نەۋرە ئاچام دەرىسلىكىنى ئۈگەندى. ئاخىرى ئاچامنىڭ زىيادە ئەقىللىقلىقى(ئاچام كىتاپنى ئوقۇپ ئۈگۈنەتتى. يەنى 5-6بەتنى بىرلا ئوقۇسا 70%ئىسىدە قالىدىكەن كىيىن يەنە بىر ئوقىسا پۈتۈنلەي ئىسىدە قالىدىكەن، مەن ئاۋال ئوقۇپ مەزمۇنىنى چۈشىنىۋېلىپ ئاندىن يادىلايتىم) ماڭا بېسىم بولۇپ ئىنتاھان بېرىشتىن ۋاز كىچىپتىكەنمەن. ھازىر ئىسىت دەيمەن. نەۋرە ئاچام دوكتۇر ئاشتىلىقنى ئېلىپ بولدى. ھازىر نەنجىڭدا ئىشلەۋاتىدۇ. ھەر قېتىم تىلفۇنلىشىپ ئىسىمدە يوق خىزمىتىمدىن قاخشاپ سالسام ئېغىز ئاچقىنىمغا تويغۇزىۋىتىدۇ.
يازمىللىڭىزغا رەھمەت مۇئەللىم. ھازىر مىنىڭ ئالىدىغان بىر ئۈنىۋانىم بار ئىدى باشقىلاردىن ئاڭلىسام ئالماق تەس ئىمىش. ئىتاھاندىن ئۆتكەن تەخدىردىمۇ پادىشاھنىڭ 40 ئىشىگىدىن ئۆتمىگىچە ئالغىلى بولمايمىش. يېقىننىڭزى مۇشۇنداق ئېسىل يازمىللىرىڭلاردىن ئىلھاملىنىپ ئىنتاھان بىرىشكە نىيەت قىلدىم.
اللاھ ھەممىمىزنىڭ ئىشىنى ئاسان قىلسۇن.
|
|