بوشلۇقتىكى كوئۇردىنات سىزىقلىرى
قاسىم سىدىق
نىيوتۇنچە بوشلۇق( شەكىل نەزەريەسىدىكى يوقلۇق)تا، يىتەرلىك ماكرۇ ۋە مىكرۇ قىممەتلەرگە ئىگە كوئۇردىنات سىزىقلىرى باردەپ تەساۋۋۇر قىلىڭ.زەررىچە ۋە جىسىملارنى مۇشۇ كوئۇردىنات سىزىقلىرى ئىچىدە ھەركەت قىلىدۇ دەپ ئويلاڭ.ئۇزئارا كېسىشىپ ئۆتكەن ،پەرەز قىلىنغان بۇ سىزىقلار بىزنىڭ «مۇتلەق ماكان»دا«مۇتلەق ھەركەت»نى چۈشۈنۈش ۋە تەسۋىرلىشىمىزگە بەكمۇ قۇلايلىق قورال ۋەمۇتلەق پايدىلىنىش سىستېمىسى.بۇنداق پايدىلىنىش سىستىمېسىنى تورغۇزغىلى بولۇپلا قالماي،ئەمەليەتتە مۇتلەق ماكاننىڭ مەۋجۈتلىگى ھوببىللى«ئالەم»نىڭ كېڭىيىۋاتقانلىغىنى بايقىغان ۋاقىتتىلا ئىسپاتلىنىپ بولغان.بىزبۇ نۇقتىغا ئەستايىدىل دىققەت قىلمىدۇق، خالاس.ئۇنىڭ ئۇستىگە ئېينىشتېيىن ئۈزىمۇ 1920-يىلى 4-ئاينىڭ 24-كۈنى م.سولۇۋىنغا يازغان خېتىدە بۇنداق پايدىلىنىش سىستېمىسى بايقالسا مۇتلەق ھەركەت ئىدىيىسىنى تورغۇزغىلى بولىدىغانلىغىنى رەت قىلمىغان(1-توم117-بەت).بۇخەتنىڭ ھوببىلى «ئالەم»نىڭ كېڭىيىۋاتقانلىغىنى بايقاشتىن ئىلگىرى يېزلغانلىغىنى،ھوببىلىنىڭ بايقىشىدىن كىيىن ئېينىشتېيىن ئۈزىنىڭ«ئالەم تۇراقلىغى»نى «ھاياتىمدىكى ئەڭ چوڭ خاتالىق»دەپ ئاتىغانلىغىنى ئەسلەپ ئۇتۇش كېرەك.
2012.11.18
|