- تىزىملاتقان
- 2013-4-24
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-4-26
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 2409
- نادىر
- 0
- يازما
- 188
ئۆسۈش
  13.63%
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ئاشقىن تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-5-16 10:32
دوختۇرلۇق بىلەن ئوقۇتقۇچىلىق جەمئىيەتتە ھۆرمەتكە ئىگە بولغان، دىنىمىزدا بولسا تۈگىمەس ئەمەللەر يېزىلىدىغان خەيرلىك كەسپلەر ئىدى.لېكىن ھازىرقى ئېتىقاد ياكى كەسپىي ئەخلاقتىن ئېغىز ئاچقىلى بولمايدىغان ئاچكۆزلەرنىڭ سەۋەبىدىن بۇ كەسىپلەر گۇناھكارلار توپلاشقان ساھەگە ئايلىنىپ قالدى.يېقىندا بىر داڭلىق دوختۇر بىلەن پاراڭلىشىپ قالدىم،مەن ئۇنىڭغا دوختۇرلۇق ئەسلىدە ساۋاپ تاپىدىغان كەسپ دەپ ئويلايتىم،لېكىن بەزى دوختۇرلار كېسەللەرنى يانچۇقىنى توشقۇزىدىغان خېرىدارلارغا ئايلاندۇرۇۋاپتۇ،مېنىڭچە ئۇلار باشقىلارنىڭ ئازابى بەدىلىگە بېيىغانلىقى ئۈچۈن دوزىقى بولۇپ كېتەمىكى دەپ پىكرىمنى ئوتتۇرىغا قويسام،ئۇ ئىككىلەنمەي بەزەسى دېمەي كۆپىنچىسى دېسەڭ توغرا بولىدۇ،دوختۇرلاردىن دوزاققا كىرىدىغانلارنىڭ نىسبىتى ئېشىپ كېتىدىغان بولدى دەپ ئىنكاس قايتۇردى.مېنىڭچە ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئەھۋالىمۇ ئوخشاش. |
|