ئۆلگىنى ئۆلگەنگە كەتمەي پەشۋارى كۆپكەن ئۆلمىدىم .
يارسام يۈرەك ،شورپا قىلىپ ئىسسىق قېنىمنى ئىچسىمۇ ،
بۇ ھايات قىسمەتلىرىنىڭ رەپتارى كۆپكەن ئۆلمىدىم .
پۇل تېپىشنى ،يول تېپىشنى قىلدىم نىشان ئۆلمىدىم ،
سورۇن كېزىپ تەخسە يالاپ بۇزدۇم ئىمان ئۆلمىدىم ،
نامرات تۇرۇپ تۇغقانلىرىم ئەسكى ئۆيدە قىشلىسا ،
بايلىقىمنى كۆز -كۆز قىلىپ بولدۇم يامان ئۆلمىدىم .
كۆپەيدى ئۈلپەتلىرىم رۇمكا، قىماردا ئۆلىمدىم ،
پىكاپ پوچى ،ئۆي ئىسىل قالماي قاتاردا ئۆلمىدىم .
نەسىھەت قىلغان دادامنى كۆچۈردۈم سەھراغىلا ،
شۇ ئانام بىچارىنى قويدۇم تالادا ئۆلمىدىم .
كۆردۈم نى بىچارىنى يولدا مېيىپتىن ئۆلمىدىم ،
تارتمىدىم بىرلىرىنى چوڭقۇر ئېرىقتىن ئۆلمىدىم .
تۈرۈلدى قاپاقلىرىم بىر تۇغقىنىم نامرات ئىكەن .
خورلىدىم ئىشقا سېلىپ بەرمەي تېرىقتىن ئۆلمىدىم .
پارا بېرىپ ،سورۇن تۈزۈپ ئەمەل ئالدىم ئۆلمىدىم ،
قاقشىتىپ دېھقانلىنى ئەمگەككە سالدىم ئۆلمىدىم .