- تىزىملاتقان
- 2012-7-26
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-2-23
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 661
- نادىر
- 0
- يازما
- 13
ئۆسۈش
  32.2%
|
ئۇيغۇر خەلقىنىڭ پەخىرلىك قىزى-سەنۇبەر تۇرسۇننىڭ ياۋروپا سەپىرى خەيرلىك بولغاي!
ھۆرمەتلىك سۇناي ئەپەندى،توردىكى ئىسمىڭىز بىلەن سەنئەتكە بولغان تونۇشىڭىز ئەجەپ چوڭ پەرق قىلىدىكەن دېسە.
سەنئەتنىڭ گېپى چىقسىلا خۇيىڭىز تۇتۇپ،چېچىلىپ قالىدىكەنسىز. ئۆتكەندىمۇ بىر ئىنكاسىڭىزدا مۇشۇنداقراق بىر مەزمۇننى كۆرگىنىم يادىمدا.
ھەرقانداق بىر مىللەتنىڭ ئۆزىگە خاس مەدەنىيتى بولىدۇ. قايسى ساھە بولسۇن بىزگە مۇناسىۋەتلىك يېڭى ئۇچۇرلار بولسا، خەلقىمىز ئۇنى كۆرۈپ تېگىشلىك باھا بېرىدۇ ۋە ئۆزىنىڭ شۇ جەھەتتىكى ئىھتىياجىنى قاندۇرىدۇ.
جۈملىدىن ئۇيغۇر سەنئىتىمۇ مىللىتىمىزنى جاھان ئەھلىگە تونۇتقان سېھرى كۈچى ئىنتايىن يۇقۇرى بولغان مەدەنىيتىمىزنىڭ تەركىبى قىسمى-ئەلۋەتتە.
ئاتاقلىق ئەدەبىي تەنقىدچىمىز يالقۇن روزىمۇ « سەنئەت بىزنىڭ بايلىقىمىز،بارلىقىمىز ئەمەس» دېيىش ئارقىلىق ئۇيغۇر سەنئىتىنى بىر پۈتۈن ئىنكار قىلغان ئەمەس،يەنىلا سەنئەتنىڭ بىز قەدىرلەشكە تېگىشلىك بايلىق ئىكەنلىكىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈپ تۇرۇپ،ئۆزىنىڭ نۇقتئىنەزىرىنى ئوتتۇرىغا قويغان.
شۇنداق تۇرۇپ،بىز نېمە ئۈچۈن سەنئەتنىڭ،سەنئەتكارلارنىڭ(ئەلۋەتتە خەلق قەلبىدىن ئورۇن ئالغان ھەقىقىي سەنئەكارلارنىڭ) گېپى چىقسىلا ئۇيغۇر جەمئىيتىنىڭ
تەرەققىياتىنى پەقەت ئەدەبىيات-سەنئەتلا چەكلەپ قويىۋاتقاندەك ئۆزىمىزنى باسالماي چالۋاقاپ كېتىمىز.
ئويلاپ كۆرسەك سەنۇبەر تۇرسۇندەك خەلقىمىزنىڭ قەلبىنى لەرزىگە سالالايدىغان سەنئەتكارلاردىن قانچىسى بار؟
سەنۇبەر تۇرسۇن ئۇيغۇر سەنئىتىنى دۇنيا سەھنىللىرىگە ئېلىپ چىقىشقا جۈرئەت قىلىپ بۇ خەيرلىك سەپەرگە ئاتلانغاندا ئۇنىڭغا ئاق يول تىلىمەي،ئەكسچە ئاغزىمىزغا كەلگەننى دەپ ئۇنى قوللاۋاتقان سانسىزلىغان قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ھېسسىياتىنى نەزەرگە ئالمىساق، بۇ ئادىللىق بولارمۇ؟
ئەقەللىيسى يىراقراق جايغا سەپەر قىلغانلارغا ئاق يول،ئامان-ئېسەنلىك تىلەش بىزنىڭ ئىسىل ئەنئەنىمىزغۇ؟
مېنىڭ سەمىمىيلىك بىلەن ئېيتقان گەپلىرىم ھەرگىزمۇ ئۆز قارىشىمنى باشقىلارغا تېڭىشنى مەقسەت قىلمايدۇ. شۇڭا سۇناي ئەپەندىنىڭ سوغاققانلىق بىلەن مۇئامىلە قىلىشىنى سورايمەن. |
|